ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى

 

ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى

 

ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئالىملاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1911- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدە ئىلىم – مەرىپەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى ئاتىسى رەھمەتۇللا داموللامدا تاماملىغان. 1924 – يىلى قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلاپ بىرقانچە يىل داۋام قىلغان بولسىمۇ، 1932- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن خەلق ئىنقىلابى مەزگىلىدە يەكەنگە قايتىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا شۇ جايدىن ھىندىستانغا سەپەر قىلغان ئىكەن.

مۇساپىرەتتىكى ھاياتى

 ھىندىستاننىڭ داڭلىق مەدرىسەسى«دەييۇبەند»كە ئوقۇشقا چۈشكەن ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى 1938- يىلىغىچە شۇ مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، « مەۋلىۋى» دېگەن دىنىي ئۇنۋاننى شۇجايدا ئالغاندىن كېيىن، 1946- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلغان ئىكەن.

ئابدۇرېھىم مەۋلىۋىنىڭ ئەمگەكلىرى

ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ”خوتەن ۋەقىپ ئۆيى“ دە ئۆزى يالغۇز مەخسۇس كۇتۇبخانا ئۇيغۇرچە  كۆپلىگەن دىنىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. مەسىلەن: ئۇنىڭ ”بەيداۋى تەپسىرىنىڭ نېگىزى“ ناملىق ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئەسىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ” ئىسلامدا مىراس قانۇنى“، ”روھ“، ” تاللانغا خۇتبىلار“ قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە نەشىر قىلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلغان. مۇندىن باشقا مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ” ئەقائىد زۆرۈرىيە“ ۋە ” ئىبادات ئىسلامىيە“ ناملىق ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتقان.

 ئابدۇرېھىم مەۋلىۋى 1996- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار