سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات

 

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن بىلەن يېزىلغان خۇشخەتلەرئارىسىدا« ئابدۇرېھىم ئەمىن »دېگەن ئىسىم ھېلىھەم كۆزۈمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ بىز سۆزىنى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ نامى ئىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ۋە  ناماز ھە م دۇئالىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغان ئۇلۇغۋار قىبلىسى - كەبىنىڭ ھەر كۈنى مىڭلارچە كىشى قوللىرى بىلەن ئېسىلىپ، يۈزلىرىگە سۈرۈتۈپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئىشىكىگە  بىر ئۇيغۇرنىڭ نامى يېزىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشتۇر.

 ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، خەتتاتلىقنى مەككە شەھىرىدە ئۆگەنگەن ۋە 1962- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش مەخسۇس فابرىكىسى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ مۇئەسسەسەنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كەبىنىڭ 280 كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان خەتتاتنىڭ ئۆزى ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: « خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن 1925- يىلى قارغىلىقتىن بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە «دارۇلئەيتام»دا ئوقۇغان. 1938 –يىلى مەككىگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ مەككىدە بىر ئۇستىنىڭ يېنىدا تىكىشچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىپ تىكىشنى ئۆگەنگەن. بىز 1950- يىللىرى مەككىگە كەلگىنىمىزدە، مەككىنىڭ قەدىم كوچىلىرىدىن «بۇخارىي كوچىسى»دەپ ئاتىلىدىغان كوچىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنى بولۇپ، شۇ دۇكانلارنىڭ يېنىدىكى بىر تىكىش دۇكىنىدا تىكىشچىلىك قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن 10 ياكى 15 يىل كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر بىلەن ئارىسى بۇزۇلغانلىق سەۋەب بىلەن تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان كەبىنىڭ يوپۇغىنى  مەككىگە ئېلىپ كېلىشتىن توسقان ۋە كەبىنىڭ يوپۇغىنى ئۆزىمىز توقۇيمىز دېگەن مەقسەت بىلەن مەككىنىڭ ھازىرقى كونا جىددە يولىدا «كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسى» نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېھىم ئەمىن  سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدەئۇستا خەتتات بولۇپ تونۇلغانلىقتىن،ئۇ مەزكۇر فابرىكىدا كەبىنىڭ يوپۇغىغا خۇسنىخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەن. كېيىنچە شۇ فابرىكىنىڭ باشلىقى بولغان.»

ئابدۇلئەزىز يۇنۇس ھاجىم مۇنداق دەيدۇ:« ئابدۇرېھىم ئەمىن زەگەرلىكتە بىرىنچى، توقۇمىچىلىقتا بىرىنچى ۋە خەتتاتلىقتا بىرىنچى بولغان ئادەم ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قرالى ئابدۇلئەزىز كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئالتۇندىن قىلىش ۋە يوپۇقنى يېڭىلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن قرال  بۇلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ خەتتات ئابدۇرېھىمنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، قانداقلا ھاجىتى بولسا راۋا قىلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا، ئابدۇرېھىم ئەمىن، «مېنىڭ ئىسمىم كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالسا»دىگەن تەلەپنى قويىدۇ. قرال بۇ ئادەمنىڭ ئېسىللىكىدىن تەسىرلىنىپ تەلىبىنى  دەرھال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىسمى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالىدۇ. كېيىنچە ئابدۇرېھىم ئەمىن 300 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشلەيدىغان«كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسىى»غا باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن 30- 40 يىللار كېيىن ئابدۇرېھىم ئەمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ».

خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار