شائىر ۋە مۇجاھىد مۇھەممەد قاسىم داموللام ھەسرەتى

 

شائىر ۋە مۇجاھىد مۇھەممەد قاسىم داموللام ھەسرەتى

 

مۇھەممەد قاسىم داموللام 1905- يىلى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى چاغلاغا كەنتىدە بىر ئوقۇمۇشلۇق دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. داموللامنىڭ بالىلىق دەۋرى ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەدرىسىلەردە ئۆتكەن.

1924- يىلى تاغىسىنىڭ قىزى رۇقىيە خانىمغا ئۆيلىنىپ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۆيۈملۈك ئايالىنى يۈرەك باغرى قان ھالدا يەرلىكىدە قويىدۇ. شۇندىن بىرى تەركىيدۇنيالىقنى تاللاپ، پۈتكۈل ھاياتىنى يېگانىلىكتە ئۆتكۈزگەن.

1932- يىلى ئەتىياز مەزگىلىگىچە داموللام قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بولغان. شۇ يىلى خوتەندە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدىكى جىھاد ھەرىكىتى باشلانغاندا، داموللام ئوقۇشىنى تاشلاپ، ئاكتىپ ھالدا بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ۋە شۇ ۋاقىتتا قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى بولغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۇڭگان قىسىملىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرىسىتىشى نەتىجىسىدە، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى يېقىلىپ، داموللاممۇ بۇ سەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر قاتارىدا ھىندىستان – كەشمىرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مۇھەممەد قاسىم ھەسرەتى داموللام دىنى ئالىملا ئەمەس، بەلكى تالانتلىق شائىر، جامائەت ئەربابى ۋە مىللىي مۇجاھىد ئىدى. ئۇ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلغىنىدىن باشلاپ باشلاپ تاكى 1985- يىلىغىچە داۋام قىلغان ھاياتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى ۋە خالىس ئېتىقادىنى ئىزھار قىلىپ كۆپلىگەن شېئىر ۋە قەسىدىلەرنى يازغان. ئۇ كەشمىردە مۇھاجىرەتتە تۇرغان مەزگىللىرىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نى نەشىر قىلىش ئىشلىرىغا رىئاسەتچىلىك قىلغان.

داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ھاياتى ھەقىقەتەن قايغۇلۇق بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ غەمكىنلىكلىرى ۋە غۇربەت كوچىلىرىدا تارتقانلىرىنى تەسۋىرلەپ بىر قانچىلىغان مۇخەممەسلەرنى يازغان.

داموللامنىڭ «نىجات يولى»ناملىق بىر شېئىر تومى 1951- يىلى تۇنجى قېتىم كەشمىردە، ئىككىنچى قېتىم 1981- يىلى ئىستانبۇلدا ئۆز خىراجىتى بىلەن باستۇرۇلغان. 2000- يىلى ئۈچىنچى نەشرى ئابدۇلجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن يەنە ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىغان.

داموللام 1985- يىلى ياز پەسلىدە سەۇئىدى ئەرەبىستاننىڭ تائىف شەھىرىدە  ئالەمدىن ئۆتكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار