سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن رىبات (ۋەقىپ ئۆيى) ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن رىبات (ۋەقىپ ئۆيى) ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن رىبات (ۋەقىپ ئۆيى) 21- ئەسىردە سېلىنغان تۇنجى ۋەقىپ بىناسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇ 1961-  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئىبراھىم قارى داموللامنىڭ باشچىلىقدا سېلىنغان رىبات  بولۇپ،  2005- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەمشەھەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 6 قەۋەتلىك قىلىپ، يېڭى زامانغا لايىق شەكىلدە قايتىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ رىبات ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر رىباتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇللا دۆلەت بىلەن سۆھبەت

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى يېڭى خوتەن رىباتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەت سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا دۆلەت  مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:« مەن بۇ رىباتنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەت بولىمەن. ئۆزۈم  مەدىنىدە توغۇلغان. يۇرتىمىز خوتەننىڭ سامپۇندىن. بۇ رىبات يېڭى سېلىنغان رىباتلاردىن سانىلىدۇ. بۇ رىبات 1381- ھىجرىيە (1961- مىلادىيە) يىلى سېلىنغان ئىكەن.  بۇ رىبات ئىبراھىم قارى داموللامنىڭ رىئاسىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەمشەھەرلەردىن  ئىئانە  توپلاش ئارقىلىق سېلىنغان بولۇپ، رىبات پۈتكەندىن كېيىن، ئىبراھىم قارى داموللام بۇ رىباتقا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ تۇرغان. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ رىباتتا شەرقي تۈركىستانلىق ئاجىز- ئۇرۇق كىشىلەر  ئولتۇرغان. كېيىنچە ۋەتىنىمىزنىڭ سىرتقا چىقىش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ھاجىلار كېلىپ ياتىدىغان بولغان.

بۇ رىباتقا ئىبراھىم قارى داموللام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئابدۇلمۇقتەدىر دېگەن كىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن، دوكتور ئابدۇلئەھەت تاھىر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇلجېلىل تاھىر مەسئۇل بولغان. 1996- يىلىدىن بېرى مەن ئابدۇللا دۆلەت بۇ رىباتقا مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن.»

خوتەن رىباتنىڭ يېڭىدىن سېلىنىشى

ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتى 1961- يىلى تۇنجى سېلىنغىنىدا 2 قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، شۇ زامانلارغا نىسبەتەن چوڭ رىباتلاردىن سانىلاتتى. چۈنكى ئۇ زامانلاردا  بۇ مەملىكەتتە ھازىرقىدەك چوڭ بىنالارمۇ بارلىققا كەلمىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان ھاجىلارمۇ يوق بىر ۋاقىت ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ رىبات كونىراپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغان ھاجىلارنىڭ  بارغانسېرى سانى كۆپىيىپ بېرىپ، بۇ رىبات  ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ رىباتنى يېقىتىپ تاشلاپ ئورنىغا يېڭى ۋە ھاجىلارنىڭ يېتىپ، قوپۇشى ئۈچۈن كەڭرەك بىر بىنا سېلىش قارارىغا كەلدۇق. بۇ پىكىرنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ  ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكى رىباتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھازىرقى 6 قەۋەتلىك بىنانى سالدۇق.

خوتەن رىبات 2 مىليون رىيالغا پۈتۈپ چىقتى

ئابدۇللا دۆلەت يەنە مۇنداق دىدى: « مەن رىباتنىڭ مەسئۇللىقىنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ رىباتنى يېقىپ تاشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەمشەھەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىدىن 6 قەۋەت قىلىپ سالدۇق. بۇنى سېلىپ چىقىشقا 2 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى( تەخمىنە 550 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) كەتكەن بولدى. شۇندىن بىرى يۇرتىمىزدىن كەلگەن ھاجىلار بۇ رىباتتىن ھەقسىز پايدىلىنىپ كەلمەكتە».

 ئابدوللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رىبات سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر رىباتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ چوڭ رىبات بولغىنىنىڭ سىرتىدا، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىگە ئەڭ يېقىن رىبات ھېسابلىنىدىكەن. بۇ رىباتنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى،  بۇ رىباتقا چۈشكەنلەرنىڭ خوتەنلىك بولۇپ، بولماسلىقى سۈرۈشتە قىلىنماستىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ھەممىسىگە ھەر زامان ئوچۇق ئىكەن. پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. (ئۆمەرجان)


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار