ئەلى روزى خوتەنى

 

ئەلى روزى خوتەنى

ئەلى روزى خوتەنى ئىنقىلابچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇ 1909- يىلى خوتەن شەھىرى مەركىزى ئىلچىدا ۋەتەنپەرۋەر ئائىلىدە  دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ باشچىسى مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قولىدا ئوقۇپ يېتىشكەن ۋە 1931- يىلى خوتەندە پارتلىغان خەلق ئىنقىلابىدائالدىنقى سەپتىكى پىدائىيلاردىن بىرى بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقدا بىر قىسىم ئىنقىلابچىلار چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئەلى روزى خوتەنىمۇ شۇلار بىلەن بىرگە كەشمىرگە قاراپ يول ئالغانلاردىن ئىدى. ئەلى روزى خوتەنى ھىندىستاندا بىر قانچە يىل تۇرغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ كېلىپ، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىدۇ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

1975- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار