سەئۇدى ئەرەبىستانىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

 

تولۇق نامى: سەئۇدى ئەرەبىستانى قراللىقى.

دۆلەت بايرىقى: ئۈستىگە ئاق رەڭ بىلەن «لائىلا ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»دىگەن شاھادەت  كەلىمىسى يېزىلغان ۋە ئاستىغا بىر قىلىچ توغرا قويۇلغان تىك تۆت بولۇڭلۇق يېشىل بايراق.

دۆلەت گىربى: ئۆز ئارا كېسىشىپ تۇرغان ئىككى قىلىچ، ئۈستىدە بىر تۈپ خورما دەرىخىنىڭ سۈرىتى بار.

قىسقىچە تارىخى:

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى تەسىس قىلىپ بولۇپ، 629- مىلادىيە يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى فەتھ قىلىپ ئۇنى مەدىنىدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرگەن ئىدى. ئەرەب يېرىم ئارىلى شۇ ئۇزاق تارىختىن تا ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولۇپ كەلمەكتە.

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھاكىمىيەت يۈگۈزىۋاتقان سەئۇد ئائىلىسىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن تارىخى قەدىمى زامانلارغا  بېرىپ تاقىلىدۇ. سەئۇد ئائىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت سۈرگەن تارىخى 1725- مىلادىيە يىلى ۋاپات بولغان سەئۇد ئىبنى مۇھەممەد دىگەن كىشىدىن باشلىنىدۇ. 1988- يىلغىچە سەئۇد ئائىلىسىنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان مەملىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇد ئاتىسى بىلەن بىرگە يۇرتىنى تاشلاپ كۇۋېيتقا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر  بولىدۇ.

1901- مىلادىيە يىلى ئابدۇلئەزىز كۇۋېيتتىن 60 كىىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ رىياد شەھىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالىدۇ ۋە ئارقا – ئارقىدىن باشقا رايونلارنىمۇ قولىغا كىرگۈزىدۇ.

كېيىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەرەب يېرىم ئارىلى كۆپ قېتىم چەتئەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلى ھىجاز ۋە نەجدە رايونىغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.

1921- يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇدنىڭ باشقۇرىشىدىكى نەجدە رايونىنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغان. 1924- يىلى ئابدۇلئەزىز ھىجازغا ئەسكەر تارتىپ بېرىپ، ھىجاز رايونى باشلىقى شەرىپ ھۈسەيننى تەختتىن چۈشۈرۈپ، رايوندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ھىجاز رايونىنى ئۆز ئىلكىگە ئالغان ۋە پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلەشتۈرگەن. 1932- يىلغا كەلگەندە بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى دىگەن نامى رەسمى بېكىتىلگەن.

قرال ئابدۇلئەزىز ئەڭ چوڭ خىزمىتى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئومۇمىي تىچلىقنى بەرپا قىلىش بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارمۇ خاتىرجەملىك ۋە ساق – سالامەتلىك ئىچىدە كېلىپ كېتىدىغان بولغان.

ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇد 1953- ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئاتىسىغا ۋارىسلىقى قىلىپ كەلمەكتە. قرال سەئۇد(1953- يىلىدىن 1964- يىلىغىچە)، قرال فەيسەل(1964- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە)، قرال خالىد(1975- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە)، قرال فەھد(1982- يىلىدىن 2005 يىلىغىچە)، قرال ئابدۇللا(2005- يىلىدىن ھازىرغىچە).

ھاكىمىيەت تۈزۈمى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەت  تۈزۈمى پادىشاھلىق تۈزۈمى. دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى «قۇرئان كەرىم»دۇر. قرالنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ھەم ھاكىمىيەت يۈگۈزۈش ھوقۇقى بار. مىنىستېرلار كېڭىشى بىلەن مەسلىھەت كېڭىشى قرالنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

جۇغراپىيىلىك ئورنى:

سەئۇدى ئەرەبىستانى غەربىي – جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. غەرب تەرىپى قىزىل دېڭىز بىلەن، شىمال تەرىپى ئىئوردانىيە، ئىراق، كۇۋېيت بىلەن، شەرق تەرىپى پارىس قولتۇقى، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئۇممان بىلەن، جەنۇب تەرىپى يەمەن بىلەن چىگرالىنىدۇ.

يەر كۆلىمى:

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان چوڭ دۆلەت. يەر مەيدانى 2 مىليون 259 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ھاۋا كېلىماتى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرق، غەرب تەرىپى نەم ئىسسىق، مەركىزى ۋە ئوتتۇرا رايونلىرى قورغاق ئىسسىق.

ئاھالىسى:

سەئۇدى  ئەرەبىستانىنىڭ ئومۇمى ئاھالىسى 2004 – يىلى ئېلىپ بېرىغان ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، 22 مىليون 670 مىڭدىن كۆپرەك كۆپرەك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 6مىليون ئەتراپىدا چەتئەللىك بار. ئاساسى مىللىتى ئەرەب.

دىنى ئېتىقادىى:

ئىسلام دىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت دىنى بولۇپ، تارىخنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھىجرىيە كالېندارى قوللىنىلىدۇ.

تىلى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگىلىز تىلى ئەڭ ئاساسلىق چەت ئەل تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەبىئىي بايلىقى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ  ئاساسلىق تەبىئىي بايلىقى نىفىت بولۇپ، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىق مەدەن بايلىقلىرىمۇ بار.

پايتەختى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرى بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. »رىياد« سۆزى »بوستانلىق«، »باغلىق« دېگەن مەنىدە بولۇپ، رىياد شەھىرىدىكى يېشىللىق ۋە باغۇ – بوستانلارنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق ئاتالغان بولىشى ئېھتىمال. رىياد شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەڭ تىز تەرەققى قىلغان شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.

مۇقەددەس شەھەرلىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇقەددەس شەھەرلىرى مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرى بولۇپ، مەككە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان كەبە جايلاشقان جاي. مەدىنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىنى ياشىغان ۋە قەبرە شەرىپى قويۇلغان جايدۇر.

سانائەت  شەھەرلىرى:

سەئۇدى ئەربىستانىنىڭ سانائەت شەھەرلىرى يەنبۇ، جۇبەيل، رىياد، دەممام ۋە جىددە.

يازلىق دەم ئېلىش شەھەرلىرى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دەم ئېلىش شەھەرلىرى تائىف، باھە ۋە ئەبھا شەھەرلىرىدۇر. ياز كۈنلىرى باشقا رايونلار ئىسسىقتىن ئوت بولۇپ كەتكەندە، بۇ شەھەرلەر سوغۇڭ ۋە سالقىن بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ياز كۈنلىرىدە بۇ دەم ئېلىش شەھەرلىرىگە بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىدۇ.

دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرى ۋە ئىشلەش ۋاقىتلىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ھەپتىلىك دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، قۇربان ۋە زورا ھېيتلىرى بۇ دۆلەتنىڭ رەسمىي بايرام كۈنلىرىدۇر. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئادەتتە شەنبىدىن چارشەنبىگىچە بەش كۈن ئىشلەيدۇ. بەزى شېرىكەتلەر پەيشەنبە كۈنلىرىمۇ ئىشلەيدۇ. ئىشلەش سائەتلىرى ئەتىگەن سائەت 7.30دىن چۈشتىن كېيىن 2.30 غىچە بولىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار