مۇھەممەد قاسىم خوتەنىي

 

مۇھەممەد قاسىم خوتەنىي

1901- يىلى خوتەننىڭ ئىلچىدە  ھاللىق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىپتىدائىي تەلىمىنى خوتەندە ئالغان بولۇپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ھەم تىجارەت ھەم بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مۇسا جارۇللا  بىلەن ئۇچراشقان. مۇسا جارۇللا بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن روھىي كۈچلەرنى ئالىدۇ. كېيىنچە تىجارىتىنى  تۇرپانغا  يۆتكەپ بېرىپ شۇ جايدا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە مەشھۇر قوماندان مەھمۇد مۇھىتىينىڭ قىزى  رەھىمە خانىمغا ئۆيلىنىدۇ. كېيىنچە ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىدۇ.  قۇمۇلدا ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، خوتەندە ئىنقىلاپ پارتلىغاندا خوتەن مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلىنىپ، كېيىنچە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1934- يىلى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان.

ئەمگەكلىرى

مۇھەممەد قاسىم خوتەنىي ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تارىخى ئەسەرلەرنى يازغان، خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتايلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئالاھىدە بولۇپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەب قىلىش مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇش يولىدا  ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى قىلغان.ئۆزى ئانا تىلىدىن باشقا پارسچە ۋە ئىنگىلىزچىنى بىلەتتى. بىر ئوغۇل، 3قىز، جەمى 4 بالىسى بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. 1981- يىلى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. بۇ كۈنى  پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئۇنىڭ ۋاپاتى ئېلان قىلىنغان،  كۆپلىگەن مەرسىيە شېئىرلار يېزىلغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار