سابىت ھاجىم

 

سابىت ھاجىم

 

سابىت ھاجىمنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد سابىت سالىھ تاھىر يولداش بولۇپ، 1919_ يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە ئەللامە سالىھ داموللام ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يۇرتىدا ئاتىسىدا ئوقۇپ، ئىپتىدائىي دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، كاشغەرگە بېرىپ ئوقۇپ، 1944_ يىلى ئىسلامىي ئىلىملەر بويىچە شاھادەت ئالغان، 1945_ يىلى گۇما ناھىيەلىك جامەنىڭ ئىمامى ۋە خاتىبى بولۇپ تەيىنلەنگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇ_ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1947_ يىلى ھىندىستانغا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، 1949_ يىلى ھىندىستاندا رەسمىي ئوقۇشقا كىرگەن. 1951_ يىلى ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ شاھادەت ئالغان. 1952_ يىلى ھىجازغا ھىجرەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدە ئىلمىي ئىنىستتوتقا ئوقۇشقا كىرىپ، 1959_ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1961_ يىلى مەدىنىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1965_ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان مارارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قەتىف دېگەن جايدا مۇئەللىملىككە تەيىنلەنگەن، قەتىفتە بەش يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، تائىفقا يۆتكىلىپ، 1973_ يىلى تائىفتا تۆت يىل مۇئەللىملىك قىلغان. 1977_ يىلى مۇئەللىملىكتىن ئىستىپا سوراپ، تائىف شەھىرىدە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلغان. 1982_ يىلى جىددە شەھىرىگە يۆتكىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىشقا كىرگەن.

سابىت ھاجىم ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بەزى شېئىر توملىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.  سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسىغا كىرگەندىن كېيىن، پروگرامما تەييارلاپ ئاڭلىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. سابىت ھاجىم 1999_ يىلى 82 يېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە مەككىدىكى «مۇئەللا» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار