ئابدۇراھمان ھاجىم ئاقسۇ

 

 

ئابدۇراھمان ھاجىم ئاقسۇ

 

ئابدۇراھمان ھاجىم ئاقسۇسەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىگىلىك تىكلىگەن تۇنجى باي بولۇپ، مەشھۇر باي ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنىڭ شېرىكى ئىدى.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تىرىشچان بىر مىللەت بولغانلىقتىن، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا  ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگەك سۆيەرلىكى بىلەن بارغان جايلىرىدا، ئۆزلىرىنى شۇ جايلارنىڭ يەرلىك خەلقلىرىدىن قېلىپ قالمايدىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىگە چىقىرالىغان ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ  ئەينى ۋاقىتتىكى ئوڭايسىزلىقلار  ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا  يېڭىلمەستىن، باشقا مىللەتلەر ئالدىدا، ئەجدادلىرىنىڭ  جاپادىن قورقماس روھىنى  ئىسپاتلىغان ئىكەن.  ئابدۇراھمان ئاقسۇمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ئاقسۇ مەشھۇر باي ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنىڭ شېرىكى ئىدى. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىدى. 1928- يىللاردا ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا – ئانىسى ۋە بىر تۈركۈم يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلەشكەن ئىكەن. ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا 1931- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا  ناھايىتى كىچىك ياشتا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندىن كېيىن مەككە مۇكەررەم شەرھىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە  تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

ئابدۇراھمان ئاقسۇنىڭ پائالىيەتلىرى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئېيتىشىچە، 1960- يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلاردىن قەشقەرلىك ئابدۇغۇپۇر  ئەمىن ھاجىم، قەشقەر توققۇزاقلىق ئابدۇلفەتتاھ ھاجىم، مۇھەممەد توختى ھاجىم ۋە ئابدۇراھمان ئاقسۇ قاتارلىق 4 كىشى جىددە شەھىرىدە شېرىك تىجارەت قىلغان ئىكەن. ئۇلانىڭ ئىشلىرى ئوڭدىن كېلىپ، 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ 4كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەڭ چوڭ مەشھۇر ئۇيغۇر بايلىرىغا ئايلانغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئابدۇراھمان ئاقسۇ بۇ شېرىكلىكتىن ئايرىلماقچى بولغىنىدا، قالغان ئۈچ شېرىك ئابدۇراھمان ئاقسۇغا 40 مىليون رىيال(10مىليون666مىڭ دوللار) پۇلنى بۆلۈپ بەرگەن ئىكەن.

ئابدۇاھمان ئاقسۇنىڭ ياردەمسۆيەرلىكى

 مۇھەممەد قاسىم ھاجىم  ئابدۇراھمان ئاقسۇ ھەققىدە يەنە مۇنداق دىدى:« ئابدۇراھمان ئاقسۇ ئاجىزلارغا ياخشىلىق قىلىشنى سۆيىدىغان ۋە ئىلىم – مەرىپەت ئېگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى.  ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى ئايىمايتتى. قولى كەڭ، ساخاۋەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن يېتىم – يېسىر ۋە ئاجىز – ئۇرۇقلارغا ھەمىشە ياردەم قولىنى سۇناتتى. ئانا يۇرتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلاتتى، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ ھال سورايتتى.  ئۇنىڭ مېھمان دوستلۇق خىسلىتىنى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلىرىمىزمۇ تەقدىرلەيتتى ۋە ئۇنى ماختايتتى.»

  ئابدۇراھمان ئاقسۇ 1998- يىلى رامىزان ئېيىدا مەككىدە 70 ياشلار ئەتراپىدا ۋاپات بولغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار