شىر ئەلىخان ھاجىم

شىر ئەلىخان ھاجىم

 

شىر ئەلىخان ھاجىم شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ 1888- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھەر ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى خوتەن شەھىرى ئىچىدە پۈتتۈرگەن. 1931- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىن باشلانغان خەلق قوزغىلىڭى خوتەن خەلقىنىمۇ ئىنقىلاب مەيدانىغا چۈشۈرگەن بولۇپ، شىر ئەلىخان ھاجىم ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ پىدائىيلىرىدىن بىرى ئىدى. شىر ئەلىخان ھاجىم شۇ ۋاقىتتىكى ئىنقىلابتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى سەۋەبلىك يېڭى قۇرۇلغان خوتەن مىللىي ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى قوراللىق كۈچلەردىن چوڭ بىر پىرقىنىڭ پىرقە قوماندانلىقىغا كۆتۈرۈلىدۇ. كېيىنچە يەكەن شەھىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھاكىملىقىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خوتەن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ خەزىنە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

شىر ئەلىخان ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئىنقىلابى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى مەغلۇب بولۇپ، خوتەن رايونىنى تۇنگانلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شىر ئەلىخان ھاجىم 1933- يىلى بۈيۈك ئىنقىلابچى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا  قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ كېتىدۇ. 1934- يىلى شىر ئەلىخان ھاجىم  مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن خوتەننى ئىشغال قىلىپ تۇرغان تۇنگانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۇ سۆھبەت كۆزلىگەن نىشاندىن خېلىبەك يىراق بولغانلىقتىن نەتىجىسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىر ئەلىخان ھاجىم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىجازىتى بىلەن ھىندىستاندىن ئايرىلىپ مەككىگە قاراپ يول ئالىدۇ. شىر ئەلىخان ھاجىم مەككىگە كەلگەن ۋاقىتلاردا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ھەربى ئەمەلدارى گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇچرىشىدۇ. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەممىسى ئىستانبۇلغا قايتىدۇ. مەھمۇد مۇھىتى ياپونىيەگە ھىجرەت قىلماقچى بولۇپ شىر ئەلىخاننى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتىش تەكلىبىنى قويغاندا، شىر ئەلىخان ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ ۋە مەھمۇد مۇھىتىنى توكىيوغا يولغا سېلىپ قويۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتىپ كېلىدۇ. شىر ئەلىخان ھاجىم مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشاش جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەسىلىلەردە خۇددى جانلىق قامۇسقا ئوخشاش تىرىك شاھىد ئىدى.

شىر ئەلىخان ھاجىمنىڭ ۋاپاتى؟

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار