دوكتۇر ئابدۇلقادىر تاش

دوكتۇر ئابدۇلقادىر تاش

 

سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى 1949- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى بېسىۋالغاندىن كېيىن يۇرتتىن پاناھ ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار ھاياتنىڭ قىيىن مۇساپىلىرىدە، نۇرغۇنلىغان ئاچچىق ساۋاقلارنى باشلىرىدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە ئانا ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمۇ بىلىمسىزلىكنىڭ سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ھېس قىلغان بولىشى ئېھتىمال. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرى بىلىمسىز قالغان بولىسمۇ پەرزەنتلىرىنى ھاياتلىقنىڭ شەرتلىرى قانچىلىك قىيىن بولىشىغا قارىماي ئوقۇتۇش ۋە بىلىملىك ئادەملەردىن قىلىشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا  بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى قىلغان ئىشلىرىنىڭ بېشىدا، ئۆزلىرى جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنى  پۇلغا چىداپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇرئالى مەكتەبلەردە ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەنلىكى كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىدى. دوكتور ئابدۇلقادىر تاشمۇ شۇنداق ئوقۇپ يېتىشكەن ۋە مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

 

  2004- يۈلۈ 4 - ېاپرۈل كۈنۈ ېەرەب - ېۈسلام دۇنياسۈ ېۈچۈن، جۈملۈدۈن ېۇيغۇر خەلقۈ ېۈچۈن ېۈنتايۈن قايغۇلۇق بۈر كۈن بولدۈ، يەنۈ بۇ كۈندە ېاتاقلۈق زۇرنالۈست، يازغوچۈ، مۇتەپەككۇر ېابدۇلقادۈر تاش ۋاپات بولدۈ. مەرھۇم دوكتور ېابدۇلقادۈر تاشنۈڭ ۋاپات خەۋۈرۈ ۋە ېۇنۈڭ ۋاپاتۈغا ېاتاب يېزۈلغان ماقالە، مەرسۈيۈلەر پۈتۈن ېەرەب مەتبۇېاتۈدا خەۋەر قۈلۈندۈ>

دوكتۇر ئابدۇلقادىر تاش 1950- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، جىددە شەھىرىدە يەرلىشىپ قالغان تاش ھاجىم ئائىلىسىدە 1951- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن ۋە ئىسلام دىنى تارقاغان ئۇلۇغ شەھەر مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىن 120 كىلومۇتىر يېراقلىققا جايلاشقان تاغلىق رايون – تائىف شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.

دوكتۇر ئابدۇلقادىر تاش قىيىن شارائىتلار ئاستىدا 1963- يىلى باشلانغۇچ مەكتەبنى، 1969- يىلى ئوتتۇرا مەكتەبنى تائىف شەھىرىدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1975- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى ئەلا دەرىجىدە تاماملاپ باكلالاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1979- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ژۇرنالىستلىق ساھەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1983- يىلى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى لىنىۋ ئۇنىۋېرىستېتىدا دوكورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

پائالىيەتلىرى

1974- 1979- يىللىرى رىياد رادىئوسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رادىئوغا پروگرامما تەرييارلاش ۋە ئاڭلىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولسا، 1979- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا شىمالىي ئامېرىكا ئەرەب مۇسۇلمان ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان«ئەل ئەمەل»ناملىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1983- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە رىيادتىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىدا دەرس بەرگەن.

دوكتور ئابدۇلقادىر تاش ئانا ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇجايدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆگىنىش نىيىتى بىلەن 1983- يىلى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان، ۋەتەننىڭ پۈتۈن شەھەر ۋە يېزىلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مول ماتېرىيال توپلاپ، خەۋەرلەرنى ئىگەللەپ كېلىپ گېزىتلەردە ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

1990- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەتقىقات ۋە نەشرىيات شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان، بىردىنبىر ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەپتىلىك خەلقئارالىق گېزىت - «مۇسۇلمانلا»گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاغا مۇناسىۋەتلىك ماقالا ۋە خەۋەرلەرنى  ھەر بىر ساندا ئۈزۈلدۈرمەستىن يېزىپ نەشىر قىلىش ئارقىلىق ئەرەب - ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلىشىغا زور ھەسسە قوشقان بولسا،يەنە بقىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ پائال قاتنىشىپ پىكىر ۋە مەسلىھەت بېرىپ تۇرغان.

1993- يىلى مىسىرنىڭ ئەزھەر ئېنىۋېرسىتىدا ئۇيغۇرلاردىن 1980- يىللاردىن باشلىرىدا سىرىتقا چىقىش يولى ئېچىلغاندىن بۇيان تۇنجى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈۈرگەن 9 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا مىسىرلىق مەشھۇر ئۆلۈما ۋە ئېنىۋېرسىتېت دوكتورلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مۇراسىمنى تارىختا ھېچ ئۇنتۇلمايدىغان دەرىجىدە ئەڭ ھەشەمەتلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

دوكتور ئابدۇقادىر تاش 1994- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە «ئەرەب خەۋەرلىرى»ناملىق ئىنگىلىزچە كۈنلۈك گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. بقۇ گېزىتتىمۇ داۋاملىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن بولغان. 1998- سەئۇدى ئەرەبىستانىدا«ئىقرە»ناملىق تىلىۋىزىيە قانىلىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا رىئاسەتچىلىك قىلغان. 2000- يىلى «ئەلمەدىن» گېزىتىنىڭ قوشۇمچە ئىسلامى بېتىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، «ئەررىسالە»ناملىق دىنى ژۇرنالنىڭ تۇنجى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۆزى تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

2001- ۋە 2002- يىللىرى مەككە مۇكەررەمە شەھرىدىكى دۇنيا ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسىنىڭ ۋە قۇرۇلتايلار ئويۇشتۇرش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئەينى ۋاقىتتا «ئىسلام دۇنياسى»گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ قىلىش بىلەن بىرگە، «ئەلبىلاد»گېزىتىنىڭ قوشۇمچە باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

2003- يىلىدى ۋاپات بولغىنىغا قەدەر بىر تەرەپتىن ئۆزى تەسىس قىلغان «ئاخبارات تەتقىقاتى ۋە مەسلىھەت ئىدارىسى»نىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەش بىلەن بىر ۋاقىتتا «جىددە »ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار