«ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سۆيگۈسى»ناملىق ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىش جەريانى

 

«ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سۆيگۈسى»ناملىق ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىش جەريانى

         ئابدۇلكەرىم ئەپەندنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلئەزىز چىنگىزخاننىڭ «ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سۆيگۈسى»ناملىق شېئىرىي ئەسىرى غۇربەت كوچىلىرىدا ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىشى ۋە ۋەتىنىگە بولغان ئىخلاسى ھەم مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئۇنى مىسىردا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا ئەرەب تىلى بىلەن يېزىپ چىققان ئىكەن. بۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم 1944- يىلى مىسىردىكى « تۈركىستان جەمئىيىتى»تەرىپىدىن قاھىرەدە، ئىككىنچى قېتىم 1984- يىلى پاكىستاندا قاھىرە نۇسخىسى فاكسمېل قىلىنىپ 500 نۇسخا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. 

   چىڭگىزخان داموللامنىڭ قان ـ تەر سەرىپ قىلىپ يازغان 13 پارچە كىتابىدىن «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى»، «سەۋتۇل ۋىجدان»، «ئۇيغۇر سەرپى» ۋە «تىغ تۈركانى» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قالغان كىتابلىرى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەستىن يوقاپ كەتكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار