ئابدۇلقادىر ھاجىم تەيتەي سەئۇدى ئەرەبىستانىدا  تۇنجى بولۇپ زاۋۇت قۇرغان ئۇيغۇر بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي

 

ئابدۇلقادىر ھاجىم تەيتەي

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا  تۇنجى بولۇپ زاۋۇت قۇرغان ئۇيغۇر بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي

ئۇ 1923- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە چوڭ تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش بىرگە  كىچىكىدىن ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىپ كەلگەن، كېيىنچە ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ئاتىسى ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا،گېرمانىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ تىجارەت قىلىدىكەن.  1949- يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە قىزىل خىتاي قەدەم باسقاندىن كېيىن، ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ھىندىستان ئارقىلىق ئۇدۇل سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىدۇ. ئۇ جايدا ئاتىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا دوستلىرىدا قويغان ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تىجارەت قىلىشقا باشلايدۇ. كېيىنچە تىجارىتىنى چوڭايتىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئاتۇشتا ئۆتكەن مەشھۇر  ھۈسەيىن باينىڭ ئوغلى تەلەت ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ تۇنجى پىلاستىك زاۋودىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە زاۋودنىڭ نامىنى « ئەل ئەمەل پىلاستىك زاۋودى» دەپ ئاتايدۇ.

ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىنىڭ ئىش- ئىزلىرى

ئابدۇلقادىر ھاجىم ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە ياردەمسۆيەرلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە شۆھرەت قازانغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن خىراجەتلىرىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، ھەر ئاينىڭ بېشىدا شۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش پولىنى ئەۋەتىپ بېرىپ تۇراتىى. دىنغا ياكى ۋەتەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەم خەلققە پايدىلىق قانداقلا ئۇيغۇرچە كىتاب بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆز خىراجىتى بىلەن باستۇرۇپ تارقىتىش ئۈستىگە ئالاتتى. مەسىلەن: تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان « ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، « ئىسلام دىنىدىكى زاكات» قاتارلىق دىنىي كىتابلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كىتابلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار