ئابدۇزاھىر سۇفى

 

ئابدۇزاھىر سۇفى

ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفى مەسجىد ھەرەمدە 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت مۇدەررىسلىق قىلغان ئۇيغۇر ئالىمىدۇر. ئۇ 1902- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىپ شاھيار ناھىيىسىدە ئىلىم – مەرىپەتلىك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى دادىسى سۇفى ئاخۇنۇمدا ئالغاندىن كېيىن،  قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە بېرىپ مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ، كېيىنچە قەشقەردىكى داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىكەن. ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفى قەشقەردىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان يېرى شاھيارغا بېرىپ ناھىيىلىك چوڭ جامىنىڭ خەتىبلىقىغا ۋە مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھاياتى

ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفى 1935- يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدائۇنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققان ئەھلى ئىلىملەر كۆپ ئىكەن. مەسجىدى ھەرەمگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ قىزىقارلىق بىلەن ئىشلەپ مەسجىدى ھەرەمدە 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زور ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن.

ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفىنىڭ ۋاپاتى

ئابدۇزاھىر سۇفى 1877- يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولۇپ، «مۇئەللا» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار