تەلەت مۇسابايۇف

 

تەلەت مۇسابايۇف

 

 تەلەت مۇسابايۇف غولجىدا تۇنجى قېتىم زاۋۇت قۇرغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ 1914- يىلى غولجىدا مەشھۇر مۇساباي ئائىلىسىدە  دۇنياغا كەلگەن. 1933- يىلى تىجارىتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ، بۇ ئائىلە ئۈرۈمچىگە بېرىپ يەرلەشكەن. 1955- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك قورچاقلىرىنى  شاڭخەيگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئالداپ قويۇپ، شاڭخەيدىن خوڭكوڭغا بارىدىغان پاراخوتنىڭ كاپېتانى بىلەن مەخپى كېلىشىپ، خوڭكوڭغا پاراخوت بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە تۈركىيەگە بېرىپ يەرلىشىدۇ. كېيىن تۈركىيەدىكى بىر شېرىكەتنىڭ نامىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بىناكارلىقتا ئىشلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ. جىددە شەھىرىدە يەرلىشىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار