پەيغەمبەر مەسجىدىدە 48 يىل مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇر ئالىم

 

پەيغەمبەر مەسجىدىدە 48 يىل مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇر ئالىم

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى جەمئىيىتىدە ھالقىلىق تەسىر كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارمۇ كۆپتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى 1949- يىلىدىن كېيىن يۇرتتىن پاناھ ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولغانلىقتىن، ھاياتنىڭ قىيىن مۇساپىلىرىدە، نۇرغۇنلىغان ئاچچىق ساۋاقلارنى باشلىرىدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان  بەختسىزلىكلىرىنى ھېس قىلغان بولىشى ئېھتىمال. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەنلەردىن كۆپىنچىسى  بىلىمسىز قالغان بولىسمۇ پەرزەنتلىرىنى ھاياتلىقنىڭ شەرتلىرى قانچىلىك قىيىن بولىشىغا قارىماي ئوقۇتۇش ۋە بىلىملىك ئادەملەردىن قىلىشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا  بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى قىلغان ئىشلىرىنىڭ بېشىدا، ئۆزلىرى جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنى  پۇلغا چىداپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇرئالى مەكتەبلەردە ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەنلىكى كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىدى. شۇنداق يېتىشىپ چىقىپ ئۆز مىللىتىنىڭ شەرىپىنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس.

   مەدىنىدىكى ئىككىنچى ھەرەمدە 48  يىلدىن بىرى  دەرس بېرىۋاتقان ئۇيغۇر  ئۆلىماسى

مەسجىد ھەرەمدىن قالسا يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەسجىد ۋە ئىككى ھەرەمنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىدە 48 يىلدىن بىرى مۇنتىزىم ھالدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بىر  ئۇيغۇر ئۆلىماسى باردۇر. ئۇ بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان دىنىي ئالىم ئابدۇلمەجىد ھاجىمدۇر. ئابدۇلمەجىد ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتقا ئېچىلىش بولغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ئۇيغۇرنىڭ بىرىدۇر.

  ئابدۇلمەجىد ھاجىم 1983- يىلى  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا 90 كۈن زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ « ئىككى دۇ نيا رەھبىرى » ناملىق دىنىي ئەسىرىنى ئۇيغۇر  خەلقىگە تارقىتىپ چىقىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى دىنغا كېيىنكى يىللاردا كىرىپ كەلگەن خۇراپاتلارغا رەددىيە بېرىش ۋە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاددىي تىل بىلەن ئوچۇقلاشتىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتاب  ئەينى ۋاقتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە چوڭ تەسىر قوزغىغان. بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى ئىش ئىدى. ئابدۇلمەجىد ھاجىم  بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلمەجىد ھاجىم  بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلمەجىد ھاجىم ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:« مەن 1931- مىلادىيە يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ،1948- يىلى 17 يېشىمدا چوڭلارنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ جايدىكى  مەشھۇر  ئۆلىمالارنىڭ قولىدا  ئەرەب تىلى، دىنىي بىلىملەر ۋە «تەجۋىد»(يەنى قۇرئان ئوقۇش ئۇسۇلى) ساھەلىرىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەندىم. شۇندىن بىرى شۇ مەسجىدتە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. ناماز بامداتتىن كېيىن قۇرئان كەرىم دەرسى، ناماز شامدىن كېيىن «تەجۋىد» دەرسى ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. 48 يىلدىن بىرى بۇ ئىشقا داۋام قىلىۋاتىمەن.  بۇ يىل 76 ياشقا كىردىم.»

 سىرتقا ئېچىلىشتىن  كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن تۇنجى دىنىي كىتاب

ئابدۇلمەجىد ھاجىم ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:« تۇنجى قېتىم يازغان كىتابىم «ئىككى دۇنيا رەھبىرى»دېگەن كىتاب بولدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن، ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ھەر بىرى ئۈچۈن بىردىن كىچىك ھەجىملىك كىتابلارنى يېزىپ چىقتىم. ئۇندىن باشقا يەنە «تەجۋىد»ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ چىقتىم. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى نەشر قىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا كەڭ تارقىتىلدى».

ئابدۇلمەجىد ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدە ھەر مىللەتتىن كۆپلىگەن قارىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققان قارىيلار  سەئۇدى ئەرەبىستانى جەمئىيىتىدە خېلى مەشھۇر كىشىلەردىن  بولۇپ قالغان ئىكەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار