مەككىدىكى خوتەن رىباتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

مەككىدىكى خوتەن رىباتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھەمىشە ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ كېلىچىكى ئۈچۈن ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلالايدىغان، مەرد، سېخىي كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ، خۇسۇسەن كېيىنكى نەسىللىرىنڭ غېمىنى يېيىشنىمۇ ئۇنۇتمىغان. ئۇلار بارغانلىكى جايدا كېيىنكىلەر ئۈچۈن بېرەر ئىز ۋە ئەسەر قالدۇرۇشنى مىللىي مەجبۇرىيەت دەپ تونۇغان.  ئۇيغۇرلاردىن ئۆتمۈشلەردە ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان پۇللۇق كىشىلەر  مەككە مۇكەررەمە  ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدە، ھەتتا پاكىستان ۋە مىسىرغا ئوخشىغان مەملىكەتلەردىمۇ، شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ھەشەمەتلىك سانىلىدىغان بىنالارنى سېتىپ ئېلىپ، كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ يېتىپ قويۇشى ئۈچۈن ۋەقىپ قىلىۋەتكەن ئىكەن.

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتمۇ مەزكۇر ۋەقىپ بىنالىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ رىبات مۇندىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تەخمىنەن 1904 يىللىرى خوتەنلىك ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى تەرىپىدىن ۋەقىپ قىلىنغان ئىكەن. بۇ ۋەقىپ ھازىرغا قەدەر  دەۋەم قىلىپ كەلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇرەئۇپ ھاجىم سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تۆۋەندە ئابدۇرەئۇپ ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئابدۇرەئۇپ ھاجىم مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:« مەككىدىكى خوتەن رىباتى ھىجرىيە 1325 يىلى(مىلادىيە 1904- يىلىلىرى) خوتەنلىك كاتتىلاردىن ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ئۇ كىشىنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادى بولمىغانلىقتىن، بۇ رىباتقا يەنە خوتەنلىك مەسۇم داموللام دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان. بۇ رىبات ۋەقىپ قىلىنغاندا بىر قەۋەتلىك بىنا ئىدى. ئاياللار ئۈچۈن ئىككى ئېغىزلىق، ئەرلەر ئۈچۈن ئىككى ئېغىزلىق، ھەممىسى بولۇپ تۆت ئېغىزلىق ئاددى ئۆي ئىدى. مەسۇم ھاجىم ۋاپات بولغان كېيىن، خوتەنلىك ئالىم ھاجىم دېگەن كىشى بۇ رىباتقا مەسئۇل بولغان ۋە مەككىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياردەم توپلاپ بۇ رىباتنى تۆت قەۋەتلىك قىلىپ قايتا سېلىپ چىققان».

خوتەن رىباتىنىڭ خىزمەتلىرى

ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتى تەسىس قىلىنغان ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى 1980- يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىش يولى ئېچىلغانغا قەدەر  مەككىدىكى خوتەنلىك  ئاجىز – ئورۇق پېقىرلارنىڭ يېتىپ قوپۇش ئورنى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن ھاجىلار كېلىشكە باشلىغاندىن بېرى، ئۇيغۇر  ھاجىلارنىڭ رامىزان ۋە ھەج مەزگىللىرىدە  بىردىنبىر  يېتىپ قوپۇش ئورنىغا ئايلانغان ئىكەن. بۇ رىباتنىڭ باشقا ئۇيغۇر  رىباتلىرىغا نىسبەتەن  ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ مەسجىدى ھەرەمگە ئەڭ يېقىن بولغانلىقى ئىكەن.  شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلار  ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ئورۇنلىشاتتىكەن ۋە  ئۇنىڭدا ھەمىشە ئادەم كۆپ بولىدىكەن.

خوتەن رىباتنىڭ ئورنى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھالاندى

ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەككىدىكى خوتەن رىباتى  ئورۇن جەھەتتىن مەسجىدى ھەرەمگە ئەڭ يېقىن رىباتلاردىن بىرى بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمگە كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى سەۋەبلىك بۇ رىبات 2004- مىلادىيە يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىۋېتىلگەن ۋە بەدىلىگە 7 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى( تەخمىنەن 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىلگەن ئىكەن. خوتەن رىباتقا ئائىت بۇ مەبلەغ مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان « جەبەل ئۆمەر»شىركىتىنىڭ ھەسسىدارلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن ئىكەن. يېقىندا مەزكۇر مەبلەغنى ئىشلىتىپ خوتەن رىبات ئۈچۈن  مەككە شەھىرى ئىچىدىن يېڭى بىنا سېتىۋېلىش تىرىشچانلىقى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خوتەن رىباتىنىڭ مەسئۇللىرى

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتىغا تۇنجى بولۇپ مەسئۇل بولغان كىشى بۇ رىباتنى سېتىپ ئېلىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەقىپ قىلغان ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ رىباتقا  مەسۇم داموللام دېگەن كىشى، ئاندىن ئالىم ھاجىم دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان ئىكەن. بۇ رىباتنىڭ ھازىرقى مەسئۇلى 1945- يىلى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىيزىينىڭ ئىنىسى شەمسىددىن قاراجىمنىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد نۇر دېگەن كىشىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار