ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخاننىڭ« ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سۆيگۈسى»ناملىق شېئىرىي ئەسىرى توغرىسىدا

 

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخاننىڭ« ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سۆيگۈسى»ناملىق شېئىرىي ئەسىرى توغرىسىدا

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام قەشقەر، ھىندىستان ۋە مىسىرلاردا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغان ئىلمىنى ۋە بارلىقىنى ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئاتاپ شۇ يولغا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ ۋە 40 يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىلمىي ئاقارتىش ئىشلىرىدا، جۈملىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە داڭق چىقارغان كىشىدۇر. ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ئەپەندى بۇھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام مەزكۇر شېئىرىي ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:« بۇ چىن قەلبىمدىن چىقىۋاتقان ۋەتەن سۆيگۈسى، يۈرىكىمنىڭ ئىچكى قېتىدىن كەلگەن ۋىجدان ئاۋازىدۇ. مانا مۇشۇ مىنۇتلاردا، ۋەتىنىمنىڭ خىيالى كۆڭلۈمدە بىر بىرلەپ  ئۆتمەكتە. ۋەتىنىمگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ – مۇھەببىتىم ھېسسىياتىمنى باشلاپ كېتىپ بارماقتا. قەلەم بۇ ھېسسىياتنى قەغەز يۈزىگە تۆكۈش ئالدىدا تۇرماقتا. تۇغۇلغان يېرىمدىن، تۇغقانلىرىمنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ ماكانىدىن ئايرىلىپ غۇربەت كوچىلىرىدا كۆپ يۈردۈم. قىتئەلەرنى كەزدىم. مۇساپىرلىقنىڭ ئېغىر غۇربەتلىرىنى چەكتىم. ھىندىستاندىن خىتايغىچە، مىسىردىن ھەرەمگىچە بولغان يوللارنى باستىم. ئاخىرقى مۇشۇ يىللىرىمنى مىسىرنىڭ ئەزھەر بىلىم يۇرتى  بىلەن قرال فۇئاد ئۇنىۋېرسىتېتى (ھازىر قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى)دە ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتكۈزدۈم. مەن مۇشۇ يىللارنىڭ ھەممىدە ۋەتىنىم تۈركىستانغا بولغان ئىخلاسىمنى، مۇھەببىتىمنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىدىم.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋەتىنىم ھەققىدە پىكىر سۈرۈش ئەسناسىدا بۇ ئەسلىمىلەرنى كۆڭلۈمگە تىزىپ چىقتىم. بۇ ئەسلىمىلەر ھازىر ئەمدى كۆڭلۈمدە شېئىر شەكلىنى ئېلىپ، نەزمىگە كىرمەكتە. ئاخىرىدا بۇ ئەسلىمىلىرىم ئارقىلىق  ۋەتىنىم تۈركىستاننى ۋە ئۇنىڭدا  خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتكەن ئەرلەرنى قەسىدىلىرىم بىلەن ئەسلەيدىغان بولدۇم.

چىنگىزخان داموللامنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام «ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سۆيگۈسى»ناملىق شېئىرىي ئەسىرىنى مۇنۇ شېئىر بىلەن باشلىغان:

نجوى الهوى وتحية الأكبار

                لك يا حمى مجدي وسهد قراري

وطني وحبك ساكن في مهجتي

               والحب للوطن الكريم شعاري

أهلاً بذكراك التي احيا بها

               كالروح ملء السمع والأبصار

يا ارض تركستان إنك جنة

               والشوق عندي من لهيب النار

تەرجىمىسى:

سۆيگۈم ھەم سالامىم سەن ئۈچۈن ھەر دايىم

ئەي ئۇلۇغ ۋەتىنىم! سۆيگەن دىيارىم.

سېنىڭ ئوتۇڭ قەلبىمدە يانغان بىر گۈلخان،

سېنى سۆيۈشتۇر مىنىڭ شۇئارىم.

ۋەتىنىم سەن بىلەن گۈللەپ ياشنايمەن،

ئۇلۇغسەن، ئۇلۇغلاردىن يادىكارىم.

ۋەتىنىم ئەي تۈركىستان! سەن گۈزەل – جەننەت،

بىرلا سەندۇر مېنىڭ ئىشقى سەۋدايىم.»


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار