پاكىستاندا ئارمىيە بولغان ئۇيغۇر

 

پاكىستاندا ئارمىيە بولغان ئۇيغۇر

 

1931- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى چەت دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ئاتىسى شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پىدائىيلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلاردىن بىرى  بولغانلىقتىن، ئامالسىز ھالدا بۇ ئائىلە  1937- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدىن ھىجرەت قىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ ۋە شۇ يىلىسى مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن ھىندىستان پايتەختى نىيۇ دېلھىدا دۇنياغا كېلىدۇ. كېيىنچە ھىندىستان ئىككىگە  بۆلۈنۈپ پاكىستان دۆلىتى بارلىققا كەلگەندە، مەۋلىۋى مۇھەممەد ھەسەن پاكىستان دۆلىتى تەركىبىدە ياشاشقا داۋام قىلىدۇ ۋە ئىلىم تەھسىلىنى پاكىستاندا ئوقۇشقا باشلايدۇ.

 ئۇ كىچىكىدىن دىنىي ۋە پەننى ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1958- يىلى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرىدۇ. 1964- يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىدە 7 يىل ئىشلەيدۇ. ئۇ  پاكىستان ئارمىيىسى سېپىدە ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق مۇكاپاتىغا ۋە تەقدىرنامىسىغا ئېرىشكەن.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار