روزا تۇتۇش تەربىيەلىنىشتۇر

روزا تۇتۇش تەربىيەلىنىشتۇر

روزا تۇتۇش دېگەن ئۆزىنى تۇتۇش دېگەنلىك بولۇپ، يالغان سۆزلەشتىن، گۇناھ قىلىشتىن، كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىشتىن، نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ خاتا ئىش قىلىشتىن  ئۆزىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

روزا تۇتۇش دېگەن نەپسنى ئاچ قويۇپ روھنى تويغۇزۇشتۇر. چۈنكى  ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلىشىپ روھى كۈچلەنگەن چاغدا، ئۇ پەرىشتىلەرگە خاس مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرۈلىدۇ. ناۋادا نەپس كۈچلۈك، روھ ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، ئادەم ھايۋانلىق دەرىجىسىگە قاراپ تۆۋەنلىگەن بولىدۇ. شۇڭا، ھەر ۋاقىت روھ ئۈستۈن، نەپس تۆۋەن تۇرۇشى كېرەك.

رامىزان گۈزەل ئەخلاق ئۆگىنىش ئېيىدۇر. چۈنكى ئىبادەتلەر ئىنساننى مۇكەممەللىك دەرىجىلىرىگە كۆتۈرىدىغان شوتىدۇر. ئىبادەتلەرنىڭ مېۋىسى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەردىن ھەربىرى ئىنساننىڭ ئەخلاقىنى تۈزەش رولىغا ئىگە.

رامىزان سېمىزلىكتىن، ھورۇنلۇقتىن، بىپەرۋالىقتىن قۇتۇلۇش، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولغاندەك، ئۆزىنى ۋە نەپسىنى تەربىيەلەش پۇرسىتىدۇر.

رامىزان ئاز يەپ، ئاز ئۇخلاپ، كۆپ ئىبادەت قىلىشقا، كۆپ قۇرئان ئوقۇشقا ۋە كۆپ  كىتاب مۇتالىئە قىلىشقا ئۆزىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى كۆندۈرۈش جەريانىدۇر.

رامىزان تۇغقانلارنى، قوشنىلارنى خۇش قىلىش، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، قولىدىن كېلىشىچە خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش ئېيىدۇ.

—     مۇھەممەد يۈسۈپ


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار