مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم

 

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم  1932_ خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان شەخستۇر. ئۇ 1863- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە ئىلىم – مەرىپەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن دىنىي ئوقۇشقا كىرىشكەن. ئاۋۋال دادىسىدا، ئاندىن قاراقاش ۋە خوتەننىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرىدا ئوقۇپ  دىنىي ئىلىملەردە ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن ۋە شۇ زاماننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىغا ئايلانغان ئىكەن. 1907- يىلى قاراقاش مەدرەسىسىگە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1932- يىلى خوتەندە مىللىي ئىنقىلاب پارتلاپ ” خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى“ قۇرۇلغاندا، مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ” مەلىك ھەزرەت“ دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. كېيىنچە ئىنقىلاب مەغلۇب بولۇپ، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى تۇنگانلارنىڭ قولىدا يېقىلغاندىن كېيىن، 1943- يىلى خوتەن ئىنقىلابچىلىرى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. لېكىن مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم دوستى ئابدۇلجېلىل داموللام بىلەن ئانا ۋەتەندە قېلىپ بېشىغا كېلىدىغانلارنى كۈتۈش قارارىغا كېلىدۇ ۋە ھىجرەت قىلىش پىكرىگە كۆنمەيدۇ. تۇنگانلار تۆت يىلغىچە بۇ كىشىگە تەگمەيدۇ. 1937- يىلى شىڭشىسەي ھاكىمىيىتى تۇنگانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ خوتەننى بويسۇندۇرغاندا، خوتەندىكى ئىسلام ھاكىمىيىتى ۋە مەھكىمە شەرئىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە دىنىي ئالىملار، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر تەقىبلىنىشكە باشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم كەشمىرگە ھىجرەت قىلىپ كېتىدۇ. دوستى ئابدۇلجېلىل ھاجىم خوتەندە قېلىپ قالىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرمىگە تاشلىنىپ، تۈرمىدە ھاياتى تۈگەيدۇ.

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىشى

مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم 1938- يىلى كەشمىردىن ئايرىلىپ مىڭ جاپادا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە  تۇرۇشقا باشلايدۇ.

1939- يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولۇپ، پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ يېنىدىكى ” بەقى“ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار