سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بۆلۈمى قايتىدىن ئىشقا باشلىدى

 

 

        سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بۆلۈمى قايتىدىن ئىشقا باشلىدى

 

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش رادىئوسى 25 يىلدىن بىرى ئاڭلىتىشقا داۋام قىلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 3- باسقۇچلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىدىكى؛  چەتئەل تىلى ئاڭلىتىش بۆلۈملىرى سانىنى كۆپەيتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرگە ئاساسەن بارلىققا كەلگەن ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانى بويىچە بارلىق رادىئولارنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى ئىچىدىن ئورۇن ئالغاچقا، بىر قانچە ئاي ۋاقىتلىق توختۇتۇپ قويۇلغان ئىدى. مانا ئەمدى،پۈتۈن تەييارلىققا پۈتكەندىن كېيىن، بۇيىل 2007- يىلى 12- نويابىر كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا چۈشتى.

سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى رادىئوسىنىڭ پېشقەدەم دىكتورلىرىدىن بىرى بولغان ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ غايىسى

سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دىدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەقىدە مەنبەسى ۋە قىبلىگاھى بولغان مۇقەددەس ئىككى ھەرەم زېمىندىن تارقىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىستان تىلىدا سۆزلەيدىغان خەلقلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مۇھىم ئاڭلىتىش ھىسابلىنىدۇ.

  ئاڭلىتىشىمىز يەنەرادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادشاھلىقىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى، ھەرساھە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش پروگراممىلىرىنى، ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە، دىنى تەشۋىقات ئىشلىرىغا، مۇسۇلمانلار سېپىنى كۈچەيتىش،پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا خىزمەت قىلىش قاتارلىقلارغا قاراتقان ئاكتىپ رولىنى تۇنۇشتۇرۇش، ھەمدە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەلىرىنى ئىزاھلاشنى،رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىسلامىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش يولىدا توغرائىسلام ئەقىدسىى ۋە توغرا دىنىى تەلىماتلارنى تۇنۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە پەن- تېخنىكا ، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدىكى يېڭىلىقلاردىن بەھرىمەن قىلىشنى غايە قىلىدۇ».  

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تارىخى ۋە ئاڭلىتىش ۋاقتى

سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دىدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى، مىلادىيە1982ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 8ـكۈنى يەكشەنبىدىن ئېتىبارەن كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلىتىش باشلىغان بولۇپ، 1999- يىلىغا كەلگەندە، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەكلىبىگە ئاساسەن، ئاڭلىتىش ۋاقتى كۈنىگە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتگە ئۇزارتىلغان ئىدى. بۇ قىېتىمقى قايتا ئېچىلىشىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتى كۈنىگە 3 سائەت بولدى. ئالدىنقى بىر يېرىم سائەتتە ئۇيغۇر تىلىدا، كېيىنكى بىر يېرىم سائەتتە ئۆزبېكچە ئاڭلىتىلىدۇ.  ھەر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 9غىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9دىن 12گىچە)  ئاڭلىتىش بېرىدۇ. »

پروگرامما تۈرلىرى ۋە ۋاقىت ئۆلچىمى

سىراجىدىن ئەزىزى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ پروگرامما تۈرلىرى ۋە ۋاقىت ئۆلچەملىرى ھەققىدە مۇنداق دىدى: «ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى، ئوخشاش بولمىغان كۈنلۈك ۋە ھەپتىلىك پروگرامملارنى ئاڭلىتىدىغان بولۇپ،  ئاساسلىقى  دىنىي پروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇچۇر، ئىلمىي يېڭىلىقلار ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىك پروگراممىلارمۇ كۆپ ساندا يەر ئالغان.

ھەپتىلىك پروگراممىلارنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى  15 مىنۇت، ئەمما كۈندىلىك پروگراممىلار قۇرئان تىلاۋىتى، ئۇنىڭ تەپسىرى، گېزىت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى 10 مىنوتتۇر. »

 ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى

سىراجىددىن ئەزىزىي جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ھەققىدە مۇنداق دىدى:« ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك ئاڭلىتىش ۋاقتى بۇرۇن بىر سائەت، كېيىنچە ئىككى سائەت بولۇپ، ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئارىلاش ئىدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا كۈندىلىك ئاڭلىتىش ۋاقتى 3 سائەتكە چىقىرىلدى. ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش ۋاقىتلىرى ئايرىلدى.  ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىلمىي مۇسابىقە پروگراممىسى كىرگۈزۈلدى. بۇ پروگراممىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مۇسابىقە سوئاللىرىنى ئاڭلىتىمىز. ئۇلار پوچتا ئارقىلىق يازما ھالدا جاۋابلىرىنى بىزگە ئەۋەتىدۇ. توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە رادىئو  تەرىپىدىن ھەر بىر سوئالنىڭ جاۋابى ئۈچۈن 100 دوللاردىن كەم بولمىغان مىقداردا مۇكاپات پۇلى ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇپروگرامما مۇندىن بۇرۇنمۇ سىناق تەرىقىسىدە بېرىلگەن بولۇپ، نەتىجىسى زور بولغان ئىدى. مۇندىن باشقا رادىئومىز بۇ قېتىمقى قايتا ئېچىلىشىدا ئىشخانىلاردىن باشلاپ، كومپىيوتېرلارغىچە باشتىن ئاخىر يېڭىلاندى،ئەڭ تىز سۈرئەتلىك ئېنتېرنېت لىنىيىسى يېڭىدىن كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانى بۇرۇنقىسىدىن ئىككى يېرىم ھەسسە كۆپەيتىلىپ 20 كىشىگە چىقىرىلدى.»

رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى

سىراجىدىن ئەزىزى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى ھەققىدە مۇنداق دىدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن تۈركىستان تىلىدا تارقىتىلىدىغان ئاڭلىتىش، ۋەھىينىڭ بۆشۈگى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى  بولغان مۇقەددەس ئىككى ھەرەم زېمىنىدىن تارقىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دىنىي  پروگراممىلىرىنى ئىسلام تەلىماتىنىڭ ئاساسلىق مەنبىئى  دەپ ئېتىقات قىلىدىغان بارلىق ئاڭلىغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا زورئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاڭلىتىشىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بۇ رادىئونى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئارقا – ئارقىدىن خەت ۋە تېلېفونلار كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ رادىئونى قايتا ئاڭلاشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتقانلىقىنى تا ھازىرغىچە بىلدۈرۈشمەكتە.»

 بۇ رادىئونىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئەسلىدە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىتىلغان بولسىمۇ، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق بىرقانچە ئەللەردە ئاڭلىنىدىكەن(ئۆمەرجان).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار