ئىپادىلەشتە تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر

ئىپادىلەشتە تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر

 

   مۇھەممەد يۈسۈپ

دىنىي ماۋزۇلاردا بىر نەرسە يازىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغان ۋە نۇتۇق سۆزلەيدىغان دوستلارنىڭ بىلىۋېلىشىغا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر:

1.                 «إستعاذة» سېغىنىش ئەمەس، سىغىنىش. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە سىغىنماق – تېۋىنماق، ئىلتىجا قىلماق، ئىنتىلمەك، ئىلتىماس قىلماق، دەپ ئىزاھلانغان. شۇڭا، «ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا، ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزەش» دېگەننى «ئاللاھقا سىغىنىش» دەيمىز. بۇ تۈركچىكى siginmak نىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما بىز بىلىدىغان «سېغىنىش»نى بىراۋنى كۆرگىسى كەلگەنگە ئىشلىتىمىز.

2.                 «نسب إلبه» نىسبەت بېرىش ئەمەس، مەنسۇپ قىلىش. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە نىسبەت – نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن چوڭ – كىچىكلىكى، ئاز- كۆپلۈكى ۋە شۇ قاتارلىقلار، دەپ ئىزاھلانغان. شۇڭا، خىرىستىيانلار ئاللاھ تائالاغا بالىنى نىسبەت بېرىدۇ، دېمەيمىز، ئاللاھ تائالاغا بالىنى مەنسۇپ قىلىدۇ، دەيمىز.

3.                 «حسن الطن» ياخشى گۇمان قىلىش ئەمەس، ياخشى قاراشتا بولۇش. چۈنكى گۇماننىڭ ياخشىسى يوق. شۇڭا، ئاللاھ تائالاغا ياخشى گۇماندا بولۇش دېمەيمىز، ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراشتا بولۇش دەيمىز.

4.                 «استجابة دعوة الله» ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى ئىجابەت قىلىش ئەمەس، قوبۇل قىلىش ياكى ئاۋاز قوشۇشتۇر. بىزدە ئىجابەت كاتتىدىن تۆۋەنگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىجابەت قىلىدۇ، بەندە قوبۇل قىلىدۇ.

5.                 «الدين النصيحة» دېگەن سۆزنى دىن نەسىھەتتۇر دېمەيمىز، ئۇنى «دىن _ سەمىمىيەتتۇر» دەيمىز. ئىمام مۇسلىم تەمىم ئەددارىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «الدين النصيحة» يەنى «دىن – سەمىمىيلىكتۇر» دېۋىدى، بىز «يارەسۇلۇللاھ! بۇ سەمىمىيلىك كىمگە؟» دەپ سورىدوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لله ، ولكتابه ، ولرسوله ، ولأئمة المسلمين وعامتهم» يەنى ئاللاھقا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، موسۇلمانلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ۋە ئۇمۇمىي مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇشتۇر»[1] دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۆلىمالار بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

 ئەرەب تىلىدىكى«النصيحة» دېگەن سۆز چىن ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى «نصح» دېگەن «خلص» دېگەنلىك بولۇپ، ساپلىقنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئەرەبلەر ھەسەلنىڭ ساپ ھالىتىنى «نصح العسل» يەنى (ھەسەل ساپ بولدى) دەيدۇ. بىراۋنىڭ خالىس تەۋبە قىلغانلىقىنى «نصحت توبته» دەيدۇ. تەھرىم سۈرىسىدىكى )ياأَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا( دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار» دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمەل_ ئىبادەتلەردە ئىخلاس شۇ ئەمەل_ئىبادەتلەرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئىخلاسسىز ئەمەل _ ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. ئىخلاس بولسا سەمىمىيەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلامدا ھەربىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىخلاسى ۋە سەمىمىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن: قۇرئان ئوقۇشنىڭ سەممىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇش، نامازنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن ئوقۇشتۇر، زاكات ۋە سەدىقىنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى چىن كۆڭلىدىن راز بولغان ھالدا، مەمنۇنىيەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر، شۇنىڭدەك، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سەمىمىيىتى ئۇنى قېتىرقىنىپ قىلىشتۇر.
6.                 تەقۋالىق _ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا، ئىنسانىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش دېگەنلىك بولۇپ، قەلبنىڭ ئەمەلىدۇ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەمەلىدۇر. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەقۋالىق تاشقى ئەمەل بولۇپ قالغان. دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىسلاھات ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ، ئىچكى دۇنياسى چىرايلىق بولۇش تاشقى دۇنياسىنىڭ پارلاق بولۇشىدىن مۇھىمدۇر.

    دېمەك، ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى بىلىپ، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە تولۇق ئورۇندىغان ئادەم تەقۋا ئادەم دېيىلىدۇ. چۈنكى تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى ساقلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. شۇڭا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق_ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: «بىر_بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر_بىر_بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر_بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان. ئۇ يەنە:« ئىنساننىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى خار كۆرۈشى يېتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى بوزەك قىلىشى قەتئىي ھارامدۇر، ئۇنىڭ قېنى، مال_مۈلكى ۋە نومۇسىغا تېگىش ھارامدۇر» دېگەن.

«قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «الصبر» (سەۋر)نىڭ مەنىسى

سەۋر لۇغەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا  چىدامچانلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەقدىرگە تەن بېرىش قاتارلىق ئۈچ مەنىدە كېلىدۇ. سەۋر «قۇرئان كەرىم»دىمۇ مۇشۇ ئۈچ مەنىدە كەلگەن.

1.                 چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر

چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر — ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە ۋە ھەق يولىدىكى كۈرەشلەردە مەزمۇت قەدەم بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. )رَبُّ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ( يەنى «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. شۇڭا، سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىن«[2]، )وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ( يەنى «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ چىداملىق بولغىن»[3]، )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ( يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمەنلەرگە قارشى) چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار»[4] دېگەن ئايەتلەردە كەلگەن «صبر» چىدامچانلىق مەنىسىدە كەلگەن.  بۇ خىلدىكى سەۋرگە ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت – تىت بولمايدۇ، گاڭگىراپ قالمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ چۈشىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ۋە سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ.

2.                 ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر— ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.  )فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن»[5]، ) وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ( يەنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[6] دېگەن ئايەتلەردىكى سەۋر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدە كەلگەن. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر — ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كۆڭۈل گۇناھ ئىشلارنى قىلىشنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ۋە ئەقىلنىڭ نىداسىغا قولاق سالغان ھالدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، يامان ئىشلاردىن، گۇناھ_مەسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىش، ئۆزىنىڭ نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، مۇنداق سەۋرنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ خۇددى رامىزاندا روزا تۇتقان مۇسۇلمان ئادەم كۈننىڭ ئوتتەك ئىسسىقى ۋە ئۇزۇن كۈنلىرىدە كۆڭلى مۇزدەك سۇنى قاتتىق ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى يىغىپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، كۆز ئالدىدىكى مۇزدەك سۇنى ئىچىپ راھەتلىنىشتىن ۋازكەچكىنىگە، بىراۋنىڭ نەپسىي گۇناھ_مەسىيەت ئىشلەشنى تەلەب قىلىپ تۇرسىمۇ، نەپسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرۇپ، يامان ئىشتىن ساقلانغىنىغا ئوخشاش ئىشتۇر.

3.                 تەقدىرگە تەن بېرىش

تەقدىرگە تەن بېرىش مەنىسىكى سەۋر— ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇپ، بالا-قازاغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىك، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش دېگەنلىكتۇر.) وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ * الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ(يەنى« ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[7]،  )فَاصْبِرْ صَبْراً جَمِيلاً( يەنى «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن»[8]. بۇ ئايەتلەردىكى سەۋر بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر سەۋەبلىك ئۆزىنى يوقىتىۋەتمەسلىك ۋە تەقدىرگە تەن بېرىش مەنىسىدە كەلگەن. بالا-قازانى ۋە قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدىكى سەۋر — ئۆلۈم _ يېتىمگە، بالايىئاپەتكە ئوخشىغان تەقدىرگە تەن بېرىشتىن باشقا چارىسى بولمىغان مۇسىبەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋەتمەي، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئارقىلىق ھاياتىنى ھەسرەت ۋە نادامەتسىز داۋام قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا  ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى كۈلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا چىداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى يوقاتماسلىقمۇ بۇ تۈردىكى سەۋرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. 

سەۋر بىزنىڭ تىلىمىزدا ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ

ساقلاش ۋە كۈتۈش مەنىسىدىكى سەۋر— بىرەر ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تىزلا كۆرۈشكە ئالدىراپ ئۇ ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ ئىش كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ساقلاش ۋە كۈتۈشلەر دۇنيا قانۇنىيىتى ۋە رەت تەرتىبىدۇر. مەسىلەن: يەرگە ئۇرۇق سېلىپ بولغۇچىلا ئۈنمەيدۇ. ئۈنسىمۇ ھامان ھوسۇل بەرمەيدۇ. بەلكى ئۈنۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ پىشقىچە كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆرەلمىمۇ تولۇق ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىدا بىر قانچە ئاي تۇرىدۇ. ۋاقىت دۇنيادىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە جىملىقنىڭ كىيىمى. ئەگەر بىز ۋاقىتتىن ھالقىپ چىدامسىزلىق قىلساق، چىدىماسلىقنىڭ ئوتىدا ئازابلانغاندىن باشقا قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.

7.                 )الرحمن( دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى([9]) بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دىمۇ بۇ كۆپرەك ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. بەزىدە خۇددى )بسم الله الرحمن الرحيم( دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدىمۇ كەلگەن. شۇڭا )الرحمن( دېگەن بۇ سۆزنى ھەممىلا يەردە سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىسىم مەنىسى ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. مەسىلەن: مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگەن ئەمەس«([10]) دېگەن سۆزىدىكى )الرحمن ( ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. )الرحمن( دېگەن سۆز خۇددى )الله ( دېگەن سۆزگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ خاس ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنى «قۇرئان كەرىم» قارار قىلغان. ھەتتا «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانى: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ » ([11]) دەپ ئوچۇق جاكارلىغان. شۇڭا )الرحمن( دېگەن سۆزنى ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن ئورۇنلاردا، ئىسىم مەنىسىدە «رەھمان » ياكى «رەھمان ئاللاھ» دەپ تەرجىمە قىلىش، سۈپەت مەنىسىدە كەلگەن جايلاردا بولسا «مەرھەمەتلىك ئاللاھ» دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلىش كېرەك.

8.                 ئەرەب تىلىدىكى «توكل» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بىراۋغا ئۆزىنى تاپشۇرۇش»، «بىرىگە تايىنىش» ۋە «بىرىگە يۆلىنىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ ([12]). ئىسلام ئاتالغۇسىدا «توكل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن يۈرەكتىن ئىشەنچ باغلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا تايىنىشنى، ئۆزىنى ۋە بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەۋەككۈل» دېگەن سۆز: كۆپ ئويلىمايلا، نېمە بولسا بولار، دەپ قىلىنغان ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدۇ ([13]). ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل نېمە بولسا بولار، دەپ تەۋەككۈل قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ ياردىمىگە ۋە قۇدرىتىگە چىن ئىشىنىپ ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تايىنىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئەرەب تىلىدىكى، خۇسۇسەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى «توكل» دېگەن سۆزنى «تەۋەككۈل»دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغاندا ئايەتتىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.

      «قۇرئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ بىلەن تايىنىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. مەسىلەن: ) وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ ﱠ، ﱡ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ﱠ، ﱡ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ( دېگەن ئايەتلەردە كەلگەن «توكل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشەنچ قىلىپ ئۇنىڭغا تايىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، كاتتا ئىبادەتتۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالاغا «نېمە بولسا بولار» ياكى «قېنى باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز» دېگەن مەنىدە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر. مۇنداق تەۋەككۈلنى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل ئورنىدا ساناش چوڭ خاتالىقتۇر. شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە كەلگەن: «توكل» دېگەن سۆزنى « ئاللاھقا تايىنىش» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك.

9.        «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «احسان»، «محسن»، «محسنين» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن كەلگەن ئايەتلەرنىڭ كۆپىچىسى ياخشىلىق قىلىشنى ئەمەس، ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن قىلىش مەنىسىدە كەلگەن. مەسىلەن: ) بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ( يەنى ) ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. كىمكى ۋايىغا يەتكەن ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ھېچبىر قورقۇنچ ۋە غەم _ قايغۇ بولمايدۇ([14]، )وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ وَأَحْسِنُوا إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىڭلار، (بېخىللىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، قېتىرقىنىپ ئىش قىلىڭلار، ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ([15]، ) الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرەلەيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[16](، )فَآَتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآَخِرَةِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ قېتىرقىنىپ ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ([17] «ئېھسان» دېگەن سۆز ئاتا_ ئانا ھەققىدە كەلگەندە، ئالدى بىلەن « قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئايەتتىكى )إحسان( دېگەن سۆزنى« ئاتا_ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش»  دەپ چۈشىنىش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئاتا_ ئانىلار ھەققىدە كەلگەن «ئىھسان»نى ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاددىي مەنىدە چۈشىنىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن،  «ئاتا_ ئانىغا ئىھسان قىلىش» دېگەننى «ئاتا_ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دەپلا چۈشىنىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن خالىسانە ياردەم قىلىپ قويۇش، خەير_ ساخاۋەت قىلىپ قويۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاتا_ئانىغا ئىھسان قىلىش( يەنى قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش) پەرزدۇر. پەرز بولغاندىمۇ ئادەتتىكى پەرزلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ پەرزدۇر. يۇقىرىقى: ) وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ( يەنى: «رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى » دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.  ئاتا-ئانىغا قىلىندىغان ئىھسان باشقىلارغا قىلىپ قويىدىغان خەير-ئىھسانغا ۋە خالىسانە يادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى خالىسانە ياردەم ۋە خەير-ئىھسان دېگەن باشقىلارغا بەدەلسىز قىلىپ قويىدىغان نەرسە. ئەمما ئاتا-ئانىغا قىلىنىدىغان ئىھسان ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرۇش يولىدىكى بۇرچ ۋە قەرزدۇر. شۇڭا بۇنداق بىر قەرزنى ئادا قىلىش يولىدىكى خىزمەت بۇرچىنى ئاددى مەنىدە «ياخشىلىق قىلىش» دەپ چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس.

10.  روھ ۋە نەپس

روھنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: ﴿وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوْحِ قُلِ الرُّوْحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّيْ﴾ يەنى «ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. دېگىنكى‹روھ رەببىمنىڭ (ئەقىل يەتمەيدىغان) ئىشلىرىدىندۇر›» ([18])

ئەمما روھنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ۋۇجۇدنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ، ھۇجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ ماددىي ۋۇجۇدتا روھنىڭ بولۇشى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتچان، ئۆسىدىغان ۋە ياشايدىغان قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى روھ ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى جانلىقلارغا تارقىتىۋەتكەن ئېنېرگىيە بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىش، كۆپىيىش ۋە بۆلۈنۈش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.([19])

روھنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. روھنى ئۆزىنى كۆرگىلى ياكى قىياس قىلغىلى بولمايدىغان، پەقەت نەتىجىسىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان ھاۋا دولقۇنلىرىغا ياكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ۋۇجۇدىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسە شۇ روھتۇر.

بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ بىراۋنىڭ بىردىنلا پائالىيەتچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى «روھلىنىپ كەتتى» دەيمىز. ۋەز _ نەسىھەت، ياكى تەسىرلىك شېئىر، ياكى بىرەر سۆزنى ئاڭلاپ، ياكى كىتاب ئوقۇپ تەسىرلەنگەن كىشىنى «روھىي ئوزۇق ئالدى» دەيمىز. بۇ ئىپادىلەرنىڭ ھەممىسى روھنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    «نەپس» سۆزى قۇرئان كەرىمدە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ تەسىرى ئىنساننىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆپلىگەن ئىنسانىي سۈپەتلەر ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئېگىدۇر.

     نەپسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىنسانلارغا ئېنىق مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما نەپسنىڭ كۆپلىگەن سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىنساننىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئۆزىنى راھەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىستەكلىرىگە قاندۇرىدىغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىش، قىزىقىش، تەلەب قىلىش، راھەت ۋە جاپانى ھېس قىلىش، شادلىنىش ۋە غەمكىن بولۇش، سۆيۈش ۋە نەپرەتلىنىش، ياقتۇرۇش ۋە يامان كۆرۈش، تەسىرلىك سۆزلەردىن ھېسسىياتقا كېلىش قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى نەپسنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن سانىلىدۇ.

     شۇنىڭدەك، توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىش، ئۆزىنى پاكلاش ياكى بۇلغاش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ نەپستە بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ياخشىلىق – يامانلىقتىن خالىغانلىرىنى قىلىش قابىلىيىتى نەپستە بار.

نەپس ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشقا قادىر بولۇپ، قىلغانلىرىنى بىلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئېگىدۇر. شۇڭا نەپسنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىشلار ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ياكى سۈپەتلىرىدىن سانالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نەپس قىلغانلىرىدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ياخشى قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، يامان قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان.

ئەرەب تىلىدا «روح» سۆزى بىلەن«نفس» سۆزى گاھ  ئىككىسى بىر مەنىدە، گاھ بىر _ بىرىگە يېقىن مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «جان» سۆزىنى ئەرەبلەر «روھ» ياكى«نەپس» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىككى سوز كۆپ ھاللاردا  ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلسىمۇ، گاھىدا پەرقلىق مەنىلەردە كېلىدۇ. مەسىلەن: «نفس» يەنە «ئۆز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق «روح» بۇ مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىراۋ ئۆلسە، ئۇنىڭ جېنى چىقتى دېگەننى «فاضت روحه» ياكى «خرجت روحه» دەپ ئىپادىلەيدۇ، ئەرەبلەر بىرەر قېتىم بولسىمۇ «فاضت نفسه» ياكى «خرجت نفسه» يەنى «نەپسى چىقىپ كەتتى» دېمەيدۇ. شۇڭا روھنى __ قوزغاتقۇچى كۈچ، ياكى ئېنېرگىيە دېيىش ئەڭ لايىق بولسا كېرەك.

شۇڭا ئىسلام مەنبەلىرىدە كەلگەن «تطهير النفس» يەنى «نەپسنى پاكلاش» دېگەن ئىبارىنى «روھنى پاكلاش» دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا بولمىسا كېرەك. چۈنكى روھ ئۆزى پاك نەرسە، ئۇنى پاكلاشقا ھاجەت يوق. پاكلاشقا تېگىشلىك نەرسە نەپستۇر. چۈنكى نەپس ئادەمنى يامان ئىشلارغا ئۈندەيدۇ، ھەتتا باشلاپ ماڭىدۇ. ئەمما روھ ئادەمنى ھەرىكەتكە سېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ئۇنى باشلىيالمايدۇ.

 

 



[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[2] مەريەم سۈرىسى: 65- ئايەت.
[3] تاھا سۈرىسى: 132- ئايەت.
[4] ئال ئىمران سۈرىسى: 200- ئايەت.
[5] قاف سۈرىسى: 39- ئايەت.
[6] نەھل سۈرىسى: 126- ئايەت.
[7] بەقەرە سۈرىسى: 155- ئايەت.
[8] مەئارىج سۈرىسى:5- ئايەت.
([9]) ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ«ئەيسەرۇتتەفاسىر»ناملىق تەپسىرى1-توم،11-بەت.
([10]) ياسىن سۈرىسى15-ئايەت.
([11]) ئىسرا سۈرىسىنىڭ110-ئايىتى.
([12]) «لىسانۇل ئەرەب» 11-توم، 734- بەت.
([13]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 289-بەت.
[14] بەقەرە سۈرىسى: 112-ئايەت.
[15] بەقەرە سۈرىسى: 195- ئايەت.
[16] ئال ئىمران سۈرىسى: 134- ئايەت.
[17] ئال ئىمران سۈرىسى: 148- ئايەت.
([18]) 17- سۈرە ئىسرا 85- ئايەت
([19]) مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەيدانىينىڭ «الأخلاق الإسلامية» يەنى( ئىسلام ئەخلاقى) ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار