بىر ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە چۈشەنچە

بىر ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە چۈشەنچە

مۇھەممەد يۈسۈپ

وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآَخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ (60)

تەرجىمىسى

60 _ (دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن) ئۇلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ.

تەپسىرى

ئەسكەر دۆلەتنىڭ كۈچى، قوغدىنىدىغان قورالى، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدىغان يۈزى، جازالايدىغان قولى، ھۇشيار تۇرىدىغان قەلبى، يۇمۇلمايدىغان كۆزىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي كۈچى تەييارلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى بىرقانچە ئايەتلەردە بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام ئەسكەرلىرىگە ئۆز زامانىسىنىڭ تەلىپىگە مۇناسىپ شەكىلدە تولۇق تەمىنات بەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈشكە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بۇنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ تەشكىللىنىش ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن، ئۇنىڭغا ئىشەنچ بىلەن تايانغان ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەردىن باشقىلارغا ئەلۋەتتە قىيىن كېلىدىغان ئىشتۇر.

ئايەت ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ئىبارىلىرى بىلەن ھەر دەۋرگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەربىي تەييارلىقنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئىشارەت قىلىشتا، ئۇنى ﴿قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار﴾ دېگەن ئىخچام ئايەت بىلەن ئىپادىلىگەن. ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرى بۇ ئايەتنى «قورال ۋە جەڭ ئېتى قاتارلىق كاپىرلارغا قارشى سىلەرگە ياردەمچى بولالايدىغانلىكى نەرسىلەرنى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە تەييارلاڭلار» دەپ تەپسىر قىلغان.

 ھازىرقى زامان مۇپەسسىرلىرىدىن دوكتور مۇھەممەد راتىب نابلىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ﴿كۈچ ﴾ دېگەن سۆزنى نەكىرە (يەنى ئېنىقلىغۇچىسىز) بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي، ماددىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بارلىق كۈچ _ قۇۋۋەتنى  ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: تەشۋىقات كۈچ، دۈشمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش كۈچ، چېگرانى كۆزىتىش كۈچ، ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇش كۈچ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كۈچ، ئۇرۇش كېمىلىرى كۈچ، بارلىق زامانىۋى قوراللار كۈچ، قورال ياساش تېخنىكىسى كۈچ، قورال ئېتىشنى بىلىش كۈچ ... ھاكازالار». شۇڭا دەيمىزكى، ئايەتتىكى ﴿كۈچ ﴾ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەرقانداق كۈچنى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، قورال كۈچى، ئەسكەر كۈچى، بىلىم كۈچى، پەن _ تېخنىكا كۈچى، تەشۋىقات كۈچى، ئىقتىساد كۈچى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ھەدىستە ئايەتتىكى ﴿كۈچ ﴾ نى ئوق ئېتىش دېگەن ئەمەسمۇ؟

بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال كېلىشى مۇمكىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەت توغرۇلۇق «بىلىڭلاركى، كۈچ ئوق ئېتىشتۇر»[1] دەپ كۆرسەتكەن تۇرسا، ئايەتتىكى﴿كۈچ﴾نى بۇنچە كۆپ مەنىلەردە تەپسىر قىلىشنىڭ دەلىلى قايسى؟ بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىراۋ ئايەتتىكى ﴿كۈچ﴾ تىن پەقەتلا ئوق ئېتىش مەقسەت قىلىنىدۇ دېسە، ئۇنىڭغا دەيمىزكى، بۇ ھەدىس ئايەتتىكى ﴿كۈچ﴾تىن ئوق ئېتىشلا مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى ئوق ئېتىش ئايەتتىكى ﴿كۈچ﴾ دېگەن سۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرلا مەنىدۇر. چۈنكى ھەدىستە ‹كۈچ ئوق ئېتىشتۇر› دېيىلگەن، ئەمما ‹كۈچ پەقەتلا ئوق ئېتىشتۇر› دېمىگەن. شۇڭا قىلىچ، نەيزە قاتارلىق جەڭ قوراللىرى ۋە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئايەتتىكى ﴿كۈچ﴾نىڭ جۈملىسىدىندۇر».

ئايەتتىكى ﴿كۈچ﴾تىن پەقەت ئوق ئېتىشلا كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنغان تەقدىردىمۇ، «ئوق ئېتىش» دېگەن سۆز زامانىمىزدا ئۆتمۈشلەردىكى ئوقيادىن ئاتىدىغان ئوقنى ئەمەس، بەلكى مىلتىق، ئاپتومات، ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئۇرۇش كېمىلىرى، تانكا، راكېتا، بومبا قاتارلىق بىز ئىسمىنى ئاڭلىغان ۋە ئاڭلاپ باقمىوغان بارلىق قورال تۈرلىرىنى ئىپادىلىگەندەك، مۇشۇنداق قوراللارغا ئىگە بولۇشقا يېتەرلىك ئەقىل، ئىلىم، تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىقلارنىمۇ ئىپادىلەيدۇ، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ زامانلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە ۋە بىلىم سەۋىيەسىگە سىغمايدىغان گەپلەرنى قىلمايتتى. يەنە شۇ زامانلاردىكى كىشىلەر ئۈچۈن بىلىش مۇھىم بولمىغان مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرمايتتى، كېرەك بولغاننى ئېيتاتتى. چۈنكى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان مۇھىم نەرسىلەر كۆپ ئىدى. ھەتتا بەزى كىشىلەر «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سوراپ كەلسە، ئۇلارغا «سەن ئاخىرەتلىك ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟» دەپ جاۋاب بېرەتتى. چۈنكى مۇھىم بولغىنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى ئەمەس، بەلكى قىيامەتتە ئەسقاتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتۇر.

ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش دېگەنلىك ئۇنىڭ ماددىي، مەنىۋى، ئەدەبىي، ئىدارىي، تېخنىكا ۋە مالىيە تەرەپلەردىن بولغان ھەممە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ﴿سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ﴾ دېگەن ئايەتتە تولۇق مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى بىلەن تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» بىزگە ھەر تۈرلۈك ھەربىي تەييارلىقلارنى قىلىشنى پەرز قىلغان. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە، شارائىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە، پۇل _ مال سەرپ قىلىشقا ۋە كېرەك بولسا ئەزىز جىنىمىزنى پىدا قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز.

ئايەت تىنچلىق چاغلىرىدىمۇ ئەسكەرلەرنىڭ تولۇق ئۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرۇشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. جەڭ سېگنالى بېرىلگەن ھامان دەرھال جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشنىڭ زۆرۈلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئايەت يەنە چېگرا رايونلاردىكى ۋەتەن قوغدىغۇچى ئەسكەرلەرنىڭ كېچە _ كۈندۈز ھوشيار تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە خىرىس قىلماقچى بولغان دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى زامانغا مۇناسىپ ھالدا قوراللاندۇرۇش ۋە تولۇق تەمىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

ئايەت تەييارلىق قىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىز بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغان ئىچكى _ تاشقى دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇش دەپ تەبىرلىگەن. ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشىش ئىشى پۇل _ مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ھەر كىشى چامىنىڭ يېتىشچە ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال چىقىرىشى، بېخىللىق قىلماسلىقى، قورقۇنچاقلىق قىلماسلىقى، ئاخىرەتتە بۇنىڭ بەدىلىگە تەييارلانغان كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

مۇشۇنداق تەييارلىق قىلغان مىللەت دۇنيادا خارلىق ۋە زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولمايدۇ، قوشنىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدۇ، ئاخىرەتتىمۇ زىيان تارتمايدۇ. ﴿ وَمَا تُنْفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ ﴾ يەنى ﴿پۇل _ مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. سىلەر خەير _ ساخاۋەتنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىڭلار. (پۇل _ مېلىڭلاردىن) نېمىنى خەير _ ساخاۋەت قىلساڭلار، ئۇنىڭ ئەجرى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىز ئۇۋال قىلىنمايدۇ﴾([2]).

ئۆتمۈشلەردە، جەڭ ئېتى دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ئاساسلىق جەڭ ئەسلىھەلىرى قاتارىدىن سانىلاتتى. گەرچە ئايەت مۇسۇلمانلارنى ھەربىر زامانغا مۇناسىپ شەكىلدە جەڭ ھازىرلىقى كۆرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ھازىرقى تەرەققىيات دەۋردىمۇ ئات ئۆزىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئورنىنى يوقاتمىغان.

ئايەتنىڭ ﴿بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر﴾ دېگەن قىسمىنىڭ مەنىسى شۇكى، سىلەر قولۇڭلاردىكى ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچۈڭلارغا تايىنىپ تۇرۇپ دۈشمەنلىرىڭلارنى سىلەرگە خىرىس قىلىشتىن توسالايسىلەر، ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنالايسىلەر. شۇڭا سىلەر سىلەرنى يوق قىلماقچى بولغانلارغا، سىلەرنى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغانلارغا ۋە سىلەرنى بوزەك قىلماقچى بولغانلارغا قارشى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇڭلار، ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالغۇدەك كۈچ _ قۇدرەتكە ئىگە بولۇڭلار، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھالدا زامانىۋى قورال كۈچىگە ئىگە بولۇڭلار، شۇنىڭ بىلەن دۈشمىنىڭلارنى سىلەرگە خىرىستىن قىلىشتىن توسۇپ قالالايسىلەر.

ئايەتتىكى ﴿دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر﴾ دېگەننىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ جىم تۇرغانلارنى قورتۇتۇڭلار دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، سىلەرگە خىرىس قىلماقچى بولغانلارنى قورقۇتىسىلەر، سىلەر كۈچلۈك، قۇدرەتلىك بولساڭلار سىلەرگە خىرىس قىلماقچى بولغانلار ۋە سىلەرنى بوزەك قىلماقچى بولغانلار سىلەردىن ئەيمىنىپ، سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرگە چېقىلالمايدۇ دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغا مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۆرسەتمىسىنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشەنگەن ۋە تولۇق ئەمەل قىلغان. ئۇلار شۇ زامانلارنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك قوراللىرى بىلەن قوراللانغان. شۇڭا، ئۇلار ئۈچ قىتئەدە ئىسلام بايرىقىنى لەپىلدەتكەن. ھازىرقى زاماندا كۈچ پەقەتلا، پەقەتلا پەن – تېخنىكا بىلەن بولىدۇ. پەن – تېخنىكا ئىلىم – پەننى ئوقۇش ۋە ئوبدان ئۆگىنىش بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئەپسۇسكى، بىز مۇسۇلمانلار 16_ ئەسىردىن كېيىن تەركىدۇنيالىق تەرغىباتىغا بېرىلىپ كېتىپ،  ئىلىمنى دىنىي ئىلىم ۋە پەننى ئىلىم ياكى ئاخىرەتلىك ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىۋالغان، ئىلمى كالام، پەلسەپە دېگەندەك ئايىغى چىقمايدىغان ئىلىملەرگە چۆكۈپ كېتىپ، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىشنى پۈتۈنلەي قولدىن بەرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «قورقۇتۇش»تىن «قورقۇش»قا ئۆزگىرىپ قالدى. بىز دۈشمەندىن قورقۇپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدۇق. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى دۈشمەنلىرىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا قويۇپ بېرىپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدى. مەلۇمكى، مۇداپىئە مەيدانىدا تۇرغانلار يېڭىلىپ كېتىدۇ، ئەمما ئالدىمغا ئىلگىرلەيمەن دەپ تۇرغانلار يېڭىپ چىقىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىسلام دۇنياسى ھازىر مۇداپىئە مەيدانىدا تۇرماقتا ۋە ھەربىر لەھزىدە ئارقىسىغا بىر قەدەم چېكىنىپ تۇرماقتا.

[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([2]) بەقەرە سۈرىسى:272-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار