ياخشى ئەمەل ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى

ياخشى ئەمەل ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىشلەش ۋە ئەمەل قىلىش ئىسلام دىنىمىزننىڭ يادروسىدۇر. ئەمەل دىنىمىزنىڭ بىرىنچى پەرزىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ۋە يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئەمەل بىلەن بولىدۇ.

«العمل الصالح» (ياخشى ئەمەل) — ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق يوسۇندا ئورۇندالغان، ئاللاھ تائالاغا يارايدىغان ھەرقانداق ئىش- ھەرىكەت، گەپ-سۆز قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «عمل» (ئەمەل) ھەرقانداق ئىش - ھەرىكەتنى، «صالح» ئاللاھ تائالاغا يارايدىغان ئەمەلنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرەبلەر ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنى «صلاحيته» دەپ ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «العمل الصالح» يارايدىغان ئەمەل دېگەنلىكتۇر. ھەرقانداق بىر ئەمەلنىڭ ئاللاھ تائالاغا يارارلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلىنغان ۋە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىنغان بولۇشى شەرتتۇر. ياخشى ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا  نىيەت، ئىخلاس، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئۈمىد قاتارلىق قەلبنىڭ ئەمەللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى دۇنيالىق بولسۇن ياكى ئاخىرەتلىك بولسۇن، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىنغان ئىشلار ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، بالىلارنى توغرا يوسۇندا ئوقۇتۇش قاتارلىق ئىشلارمۇ ياخشى ئەمەل قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ ئىپادىسى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىدۇر. ئىماندىن قالسا ئىسلام پەرزلىرىنىڭ بىرىنچىسى ياخشى ئەمەلدۇر. (إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ) يەنى «شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».

بارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەر ياخشى ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ. ھەرقانداق پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەت ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ياخسى ئەمەلدىن سانىلىدۇ. ياخشى ئەمەلنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەلدۇر.

ياخشى ئەمەلنىڭ مېۋىسى

ياخشى ئەمەلنىڭ مېۋىلىرى ۋە پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ھەربىر ئىبادەتنىڭ غايىسى ۋە ھەربىر مۇئمىن بەندىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسىدۇر. ياخشى ئەمەلنىڭ بەزى پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.         يەر يۈزىدە ئەزىزلىككە ۋە ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇش. (وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَى لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا) «ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنى يەر يۈزىدە ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى»[1]. چۈنكى بۇ دۇنيا ئىشلەيدىغانلار نەتىجە قازىنىدىغان مەيدان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى )وان ليس للانسان الا ماسعى( «ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دەپ ئىپادىلىگەن. بىزدىمۇ «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. ئىسلەپچىقارغۇچى مىللەت بولۇپ ياشىغانلار ھاياتتا نەتىجە قازىنىپ كەلمەكتە، ئەمما ئىستىمالچى مىللەتلەر تەرەققىياتتا ۋە كۈچ- قۇۋۋەتتە ئارقىدا قالماقتا. ھازىرقى دۇنيانىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ مىسالى. ئىشلەش تىرىكلەرنىڭ شوئارى، ھورۇنلۇق، ئىشلىمەسلىك ئۆلۈكلەرنىڭ نىشانىسىدۇر.

2.         جەننەتكە كىرىش.) إِنَّ الَّذينَ آمَنوا وَعَمِلُوا الصّالِحاتِ يَهديهِم رَبُّهُم بِإيمانِهِم تَجري مِن تَحتِهِمُ الأَنهارُ في جَنّاتِ النَّعيمِ( يەنى «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۇلارنىڭ ئىمانى يۈزىسىدىن رەببى (جەننەتنىڭ يولىغا) يېتەكلەيدۇ»[2]. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى لايىقىدا ئېلىپ بارغان كىشىلەر ئاخىرەتتىكى جەننەتتىن ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھۇزۇر- ھالاۋەتتىن ئىبارەت مەنىۋى جەننەتكە كىرىدۇ.

3.         دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرقانداق بىر قورقۇنچتىن ئامان بولغان ھالدا، ھۇزۇر- ھالاۋەتلىك تۇرمۇشق ئېرىشىش.  (مَن عَمِلَ صالِحًا مِن ذَكَرٍ أَو أُنثى وَهُوَ مُؤمِنٌ فَلَنُحيِيَنَّهُ حَياةً طَيِّبَةً وَلَنَجزِيَنَّهُم أَجرَهُم بِأَحسَنِ ما كانوا يَعمَلونَ) «ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئەمەلنى قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز»[3]. ياخشى ھاياتتا ياشاش دېگەن پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكىگە ياكى يۈز-ئابرۇينىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىتىلغان سۆز ئەمەس، بەلكى دۇنيالىقتىن ھېچنەرسىسى يوق كىشىلەرمۇ ئەڭ بەختلىك ياشىيالايدۇ. ئاللاھقا بولغان ئىماندا چىڭ تۇرۇپ، دىن ۋە دۇنيالىقى ئۈچۈن لايىقىدا ئىشلىگەن ئادەم چوقۇم بەختلىك ھاياتتا ياشايدۇ.

4.         زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ۋە گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى. (وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَآمَنُوا بِمَا نُزِّلَ عَلَى مُحَمَّدٍ وَهُوَ الْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ) يەنى «ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مۇھەممەدكە رەببىى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەت — قۇرئانغا چىن ئىشەنگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ»[4]. ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەر سايىسىدا كىچىك گۇناھلار يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان گاھىدا تەۋبە قىلىش بىلەن گاھىدا ياخسى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ ماڭالايدۇ.

ياخشى ئەمەل ئاللاھ تائالا بىلەن قىلىنغان ئەڭ پايدىلىق سودىدۇر. (إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّـهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَّن تَبُورَ. لِيُوَفِّيَهُمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ إِنَّهُ غَفُورٌ شَكُورٌ) يەنى «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر (بۇ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن) ئاللاھنىڭ ئۇلارغا مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بېرىشى ۋە ئۆز مەرھەمىتىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، مەڭگۈ كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر»[5].

[1] نۇر سۈرىسى: 55- ئايەت.
[2] يۇنۇس سۈرىسى:9- ئايەت.
[3] نەھل سۈرىسى: 97-ئايەت.
[4] مۇھەممەد سۈرىسى: 2- ئايەت.
[5] فاتىر سۈرىسى: 29- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار