ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلىي دەلىللەر

ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلىي دەلىللەر

(«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 1997- يىل 28- فېۋرال سانىدىن)

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى خۇددى ئاسماندىكى قۇياشتەك ھەر كىمگە ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇرسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ بىلىش، تەپەككۇر قىلىش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر بۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىشتىن مەھرۇم قالماقتا. شۇڭا ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت نامايان بولۇپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە ئىشارەت قىلىۋاتقان سانسىز ئالامەتلەردىن چەكلىك ئەقلىمىز بىلەن بىلەلىگەن ۋە چۈشىنەلىگەن ئاز ساندىكى دەلىللەردىن بىر قانچىسىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ھاۋالە قىلىمىز.

   بارنىڭ ئىسپاتى يوقنىڭ ئىسپاتىدىن ھەمىشە ئاسان. بىر ئالمىنىڭ يەر يۈزىدە مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى شۇ ئالمىنى كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، يوق نەرسىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلغان كىشى پۈتكۈل يەر يۈزىنى، ھەتتا كائىناتنى ئايلىنىپ چىقىپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يوق ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. بۇ ئىمكانسىزلىقنىڭ ئۇستىگە، بىر قىيىن ئىش دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا يوق نەرسە ھېچقاچان ئىسپاتلىنالمايدۇ. بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىككى كىشى مىڭلارچە ئىنكار قىلغۇچىلارنى يېڭىپ چىقىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنى ئىسپاتلىغۇچى ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن كۈچلۈكتۇر. ئىسپاتلىغانلىق- بىلگەنلىك، دەلىلسىز ئىنكار قىلغانلىق- بىلمىگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىپ، ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشكە چاقىرىپ: «ئىبرەت ئېلىڭلار ئەي ئەقىل ئېگىلىرى!»، « سىلەر ئەقىل  ئىشلىتىپ بۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشەنمەمسىلەر؟ » دېگەنگە ئوخشىغان ئايەتلەرنى قايتا – قايتا بايان قىلغان. بىز قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ كۆرەيلى.

   1- مۇمكىنلىك دەلىلى

   ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ بولۇشى ياكى بولماسلىقى مۇمكىن بولغان مەۋجۇداتلارنىڭ قاتارىدا تۇرىدۇ. يەنى ئالەم مەۋجۇد بولۇپ تۇرغىنىدەك، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولماسلىقىمۇ ئېھتىمال ئىدى. بىراق ئالەم مەۋجۇدتۇر. مەۋجۇد بولۇش ياكى مەۋجۇد بولماسلىقى ئېھتىمال سانالغان ھەرقانداق نەرسە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىدا بېرەر سەۋەبكە مۇھتاجدۇر. دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە سەۋەبسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. ۋۇجۇدقا چىقىشى ياكى چىقماسلىقى ئېھتىمال بولغان بۇ ئالەمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئىختىيار قىلغان بېرەر سەۋەب چوقۇم باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالادۇر. دۇنيادا مەۋجۇتلۇقى زۆرۈر بولغان بىرلا زات بار. ئۇ ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى زۆرۈر ئەمەس، بەلكى مۇمكىن، ئېھتىمالدۇر.

2-  يارىتىلىش دەلىلى

   ئالەم ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگەرگەن ھەرقانداق نەرسە ئەزەلدىن بار بولماستىن، بەلكى كېيىن پەيدا بولغان نەرسىلەردۇر. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، ماددا ئەزەلدىن بار بولغان بىر نەرسە ئەمەستۇر. ماددىنىڭ تېرمودىنامىكىلىق قانۇنىغا كۆرە ئۇنىڭ ھەمىشە يوقىلىشقا يۈز تۇتۇشى، كائىناتنىڭ تۇرماستىن كېڭىيىپ بېرىشى، قۇياشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆز ماددىلىرىنى تۈگىتىشكە قاراپ يول ئېلىشىغا ئوخشىغان ۋەقەلەر مەۋجۇداتنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇد بولماستىن، بەلكى كېيىن پەيدا بولۇش ئارقىلىق بىر باشلىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئەزەلدىن مەۋجۇد بولماي، كېيىن پەيدا بولغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى باردۇر. سەۋەبسىز نەتىجە، سەنئەتكارسىز سەنئەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، ئەزەلدىن مەۋجۇد بولمىغان ۋە بىر ئاۋۋالقى سەۋەبكە مۇھتاج بولغان مۇشۇ ماددا ئالىمىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى باردۇر. ئۇ ئاللاھ تائالادۇر.

3- ھايات دەلىلى

   ھايات سۈزۈك بىر مۇئەممادۇر. ئۇنى تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان شەكلەن مۇرەككەپ مۇئەممادۇر. ئۇ بېۋاسىتە ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ھايات شۇنداق بىر مۇئەمما بولۇشى بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكى كىشىلەرنى ھەمىشە ئۆزىگە جەلىب قىلىپ كېلىۋاتقان سېھىرلىك مەۋجۇداتتۇر. ھايات ئادەتتە ئۆز تىلى بىلەن «مېنى بار قىلىپ ياراتقان پەقەت ئاللاھ تائالادۇر»، دەپ جاكارلىماقتا.

  4- ئىنتىزام دەلىلى

   ھەرقانداق نەرسە ئۆز پارچىلىرى بىلەن بىر تەڭپۇڭلۇق ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە بولغىنىدەك، بارلىق كائىناتمۇ ئۆزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مەۋجۇدىيەت پارچىلىرى بىلەن بىر تەڭپۇڭلۇق ۋە بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە داۋام قىلماقتا. بۇ دېمەك، كائىناتتا ۋە ھەرقانداق مەۋجۇداتتا بىر مۇكەممەل ئىنتىزام ۋە ئىنچىكە قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن ئۆلمەس بىر دەلىلدۇر. كائىناتتىكى نىزام ۋە ئىنتىزاملىق قانۇنىيەت ئۆزىنى تۈزگۈچى ۋە پىلانلىغۇچى بىر زاتتىن ئوچۇق دالالەت بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالادۇر. بۇ نىزام ۋە ئىنتىزام قانۇنىيەتلەرنى ئەگەر ئاللاھ تائالا تۈزمىگەن بولسا، ئەقىلسىز، كور تەبىئەت ياكى كائىنات قانداقمۇ ئۇلارنى تۈزەلىسۇن؟!

   5- سەنئەت دەلىلى

   ئاتومدىن ئىنسانغىچە، ھۈجەيرىلەردىن گالاكسىيىگىچە بولغان پۈتكۈل كائىناتتا نازۇك ۋە ئاجايىپ بىر سەنئەت باردۇر. ئۇلار ھەمىشە كۆز ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى نامايان قىلماقتا. بۇ سەنئەتلەر ھەممىسى چوڭ، قىممەتلىك، كۆپ، ھەر خىل ۋە ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان ئاجايىپ بىر سەنئەتلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى شەكىل ۋە مۇكەممەللىكلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىجاد قىلغان بىر ئۇلۇغ ۋە تەڭداشسىز ئىجادكارنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالادۇر!

6- ھېكمەت ۋە غايە دەلىلى

   ھەرقانداق بىر مەۋجۇداتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بېرەر مەقسەت، غايە، بېرەر مەنپەئەت ۋە بېرەر نەتىجە كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە مەنىسىزلىك ياكى پايدىسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ. ھالبۇكى، مۇنداق مەقسەت، غايىلەرنى ۋە نەتىجىلەرنى كۆزدە تۇتۇش ۋە پىلانلاش ئۈچۈن شەيئىلەر ئالىمىدە ياكى ھايۋانات دۇنياسىدا ۋە ياكى ھادىسىلەر ئالىمىدە تۇيغۇ ۋە ئەقىل ئىدراك مەۋجۇد ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، كائىناتتىكى بۇ ئادىلانە ھېكمەتلىك ئىشلارنى ۋە مەقسەت، غايىلەرنى پىلانلىغۇچى كىم؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ - ئاللاھ تائالادۇر! بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئاللاھ تائالاغىلا مەنسۇپ قىلىش ئارقىلىقلا ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر يول تۇتالايمىز.

     7- شەپقەت ۋە رىزىق دەلىلى

   بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىنساننىڭ ئېھتىياجى تۈگىمەيدىغان ئېھتىياجدۇر. بارلىق ئېھتىياج ئېگىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە كىمنىڭ نېمىگە قانچىلىك ئېھتىياجى بولسا، شۇ مىقداردا بېرىلمەكتە. ئېھتىياج ئېگىلىرىگە ياردەم قولىنىڭ يېتىشى ۋە بۇ ياردەملەرنىڭ ئېھتىياجلارنى ئۆلچەپ قويغاندەك ھەل قىلىشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بارلىق ئېھتىياجلاردا ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن بىر شەپقەتلىك قولنىڭ جاۋاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. كائىناتتا داۋام قىلىۋاتقان ۋە مەڭگۈگە شۇنداق داۋام قىلىدىغان بۇ ئاجايىپ شەپقەت  ۋە ئادالەتلىك رىزىقلاندۇرۇش سىستېمىسى بۇلارنىڭ بارلىق نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن پاك بولغان قۇدرەتلىك، كامالەتلىك ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

8- ياردەملىشىش دەلىلى

   بىر- بىرىگە ئەڭ يېقىن مەخلۇقاتلاردىن تارتىپ ئەڭ يىرىقىغىچە ھەممىسى بىر- بىرىگە ياردەملىشىدۇ. ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر مۇناسىۋەت بولمىغان ئىككى ئايرىم جىنس بۇ ياردەملىشىشتە بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش ھالدا بىر- بىرىنى پۈتۈنلەپ تاكامۇللاشتۇرىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقاتلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىدىن  مەنپەئەتلىنىش، بىر- بىرىگە ياردەملىشىش يولىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەقىل ۋە ھېس- تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان بۇمەخلۇقاتلارنىڭ ھەيران قالدۇرارلىق پائالىيەتلىرى پەردە ئارقىسىدىكى بىر زاتنىڭ ھېكمەتلىك پائالىيەتلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلماقتا. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالادۇر!

9- ئوخشىماسلىق دەلىلى

   دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ نىشانىسى ۋە پەرقى ئۇنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ۋە كىچىك تۈرلىرىگىچە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن مىلياردلارچە ئىنساننىڭ ھېچبىرىگە قەتئىي ئوخشىمىغاندەك، ئۆز زامانىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ۋە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان ئىنسانلارنىڭمۇ ھېچبىرىگە ئوخشىمايدۇ. ھەتتا بارماقلىرىنىڭ ئىزلىرىمۇ بىر- بىرىنىڭكىگە  ئوخشىمايدۇ. ھەر بىر ئىنساننى مۇنداق ئۆزىگە خاس قىلىپ يارىتىش پەقەت ئاللاھ تائالانىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.

10- جان ۋە ۋىجدان دەلىلى

   ماھىيىتىنى بىلمىسەكمۇ، بارلىقىدىن ھېچ شۈبھە قىلمايدىغان جېنىمىز ۋە ۋىجدانىمىزنىڭ تېنىمىزدە ھۆكۈم سۈرۈشى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنىڭ بىرىدۇر. جېنىمىزنى كۆرمەستىن ۋە ماھىيىتىنى بىلمەستىن، ئۇنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىنىمىز ۋە بارلىقىغا ھېچ شۈبھە قىلالمىغىنىمىزدەك، ئاللاھ تائالانى كۆرمىسەكمۇ ئۇنىڭ قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلالمىساقمۇ، ئۇنىڭ بارلىقىغا ئەقىل ئېگىسى بولساق ھېچ شەك كەلتۈرەلمەيمىز. بىزدە ۋىجدان، كۆڭۈل بار دەيمىز. ئەمما ئۇنى كۆرەلمەيمىز. كۆرەلمىگىنىمىز ئۈچۈن ۋىجدان، كۆڭۈل دېگەن نەرسىلەر مەۋجۇد ئەمەس دېيىش توغرىمۇ؟ ئاللاھ تائالامۇ بىزلەرنىڭ كۆرۈشىمىز ۋە ئىدراك قىلىشىمىزدىن ئۈستۈندۇر. چۈنكى بىزنىڭ كۆزىمىز دۇنيادىكى ئاشكارا ماددىلاردىن بەزى شەيئىلەرنى كۆرەلىسىمۇ، كۆپ قىسمىنى كۆرەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ماددا ئەمەس. شۇڭا ماددىي كۆزلەر ماددا بولمىغان شەيئىلەرنى كۆرەلمەيدۇ.

11- خاراكتېر ۋە تارىخ دەلىلى

   ھەرقانداق ئىنساندا ياخشىغا ۋە گۈزەلگە قارىتا سۆيگۈ، ئۇنىڭ ئەكسىچە يامانغا ۋە كۆرۈمسىزگە قارىتا نەپرەتلىنىش ھېسسىياتىنىڭ بارلىقى رىئاللىقتۇر. بۇ ھېسسىياتلار  ئەدەپ - ئەخلاق، يۈرۈش- تۇرۇشقا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەبىئىي مايىللىقنى ۋە ئەخلاقسىزلىققا، يامان ئىشلارغا نەپرەتلىنىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلغانلىق ئېتىبارى بىلەن شۇنداق بىر ھەقىقەتتىن دالالەت بېرىدۇكى، ئىنسانغا ياخشىلىقنى ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى ئەمر قىلغان ۋە ئۇنى يامان ئىشلاردىن مەنئى قىلغان زات كىم بولسا، بىزگە بۇ ھېسسىياتلارنى بەرگەن زاتمۇ شۇدۇر. ئۇ ئاللاھ تائالا! دىنلار تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانىيەت ھېچبىر دەۋردە دىنسىز ياشىمىغان. خاتا ھەتتا خۇراپات بولسىمۇ، ئۇلار ھەر دەۋردە بىر دىنغا ئىشەنگەن ۋە بىر مەنىۋىي سىستېمىغا ئەگەشكەن. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش بولسا ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىن كەلگەن بىر خىسلەتتۇر. ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە بۇ خىسلەتنى ئورۇنلاشتۇرغان زات، بىزنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان زاتنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالادۇر!

12- ھېس- تۇيغۇ دەلىلى

   ئىنسانلار مىڭلارچە ھېس- تۇيغۇلار ئىلكىدە ياشايدۇ. ھەر بىر تۇيغۇ ماددا ئالىمىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئالەمدىن ھەر خىل ماھىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنساندا يەنە بىر ھېس- تۇيغۇ باركى، ئۇ ئوپئوچۇق ئاللاھ تائالانى تونۇتىدۇ. بۇ ھېس- تۇيغۇ ھەممە كىشىدە ئورتاق بولغان مەڭگۈ ياشاش ياكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسىدۇر. ئىنسان بۇ ھېس- تۇيغۇلار سەۋەبىدىن ھەمىشە ئەبەدىيەت ئۈچۈن تەلپۈنىدۇ، بۇ ھېسلار بىلەن ئۆزىنى خوشال قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈكسىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ھېسلاردىن باشقا ھېسلار ئىنساننىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ئۇلارنى بىزگە بەرگەن زات بىزنى ياراتقان زاتتۇر. ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتنىمۇ ئەنە شۇ زات بېرىدۇ. ئىنساندىكى مەڭگۈلۈككە ۋە كۆپ ياشاشقا بولغان ئارزۇ- ئارمانلار مەڭگۈلۈك ھايات ئىگىسى بولغان بىر كامالەتلىك زاتنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى كائىناتتىكى بۇ ھايات پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ھاياتىدۇر!

13- ئىتتىپاق دەلىلى

   ئون يالغانچى ئىتتىپاقلىشىۋېلىپ، بىزگە كېلىپ « ئۆيۈڭگە ئوت كەتتى» دەپ خەۋەر بەرسە، بۇ ئادەملەرنىڭ  ھاياتىدا بېرەر قېتىم بولسىمۇ راست سۆزلىمىگەنلىكىنى ۋە يالغانچىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە، «بەلكى راست بولىشى ئېھتىمال» دەپ ئىشىنىمىز. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تا ھازىرغىچە كەلگەن مىڭلارچە پەيغەمبەر، مىلياردلارچە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر ئىتتىپاقلىقتۇر. ئوخشىمىغان دەۋر  ۋە ئوخشىمىغان جايلاردا ياشىغان بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقى ئەڭ ئاۋۋال «ئاللاھ تائالا باردۇر ۋە بىردۇر» دېگەن ھەقىقەتكە مەركەزلىشىدۇ. ئون يالغانچىنىڭ بىر يالغان ئۈستىدىكى ئىتتىپاقىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن يەردە، ھاياتىدا بېرەر قېتىممۇ يالغان سۆزلىمىگەنلىكى ۋە راستچىللىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان مىڭلارچە پەيغەمبەرلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇ ئېسىل پەزىلەتلىك ئەخلاقىنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن مىلياردلارچە مۆمىنلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىتتىپاقىغا ئىشەنمىگەن ئىنساننى قانداق ئىنسان دېگىلى بولسۇن؟! ئۇنى قانداقمۇ ئەقىللىق دېيىشكە بولسۇن؟!

14- قۇرئان دەلىلى

   قۇرئا كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا سۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بارلىق دەلىللەر، ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. قۇرئاندىكى مىڭلارچە دەلىللەر بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسلام مەنبەلىرىدە ئەڭ ئىنچىكە تۈرلىرىگىچە تەپسىلىي شەرھى قىلىنغان. بۇ دەلىللەرنىڭ ھەممىسى «ئاللاھ تائالا باردۇر»دەپ جاكارلىماقتا. قۇرئاننىڭ مۆجىزىسىگە ۋە ئۇنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا پۈتكۈل دۇنيا قايىل بولماقتا. ھېچ شۈبھىسىزكى، دۇنيا تارىخىدا ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ، قەتئىي ئۆزگەرمەستىن ساقلىنىپ قالغان بىرلا كىتاب قۇرئاندۇر. بۇ كىتاب 14 ئەسىردىن بېرى بارلىق سۈرىلىرى، ئايەتلىرى ۋە ھەرپلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

15- پەيغەمبەرلەر دەلىلى

   جىمى پەيغەمبەرلەرنى ۋە خۇسۇسەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلىۋاتقان بارلىق دەلىللەرمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. پەيغەمبەرلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئورتاق غايىسى «تەۋھىد» (ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئېتىقاد قىلىش)نى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. شۇنداق ئىكەن، ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بېرىلگەن بارلىق دەلىللەر ۋە مۆجىزىلەر شۇ قۇۋۋىتى ۋە شۇ ئوچۇقلىقى بىلەن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قۇۋۋەتلىك  ۋە روشەنلىك بىلەن «ئاللاھ تائالا باردۇر!» دېمەكتە.

                                            

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار