كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟

كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

   ئادەم تەربىيە كۆرگەنسېرى، يېشى چوڭايغانسېرى، تەجرىبىسى ئارتقانسېرى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان، بۇرۇنقى خاتالىقلىرىنى قايتا قىلمايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەمما ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر يېشى چوڭايغان بىلەنمۇ، كۆپ ئوقۇغان بىلەنمۇ، كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىلەنمۇ، ئۆزىدە ھېچقانچىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ. ئۇلار يىللاردىن بېرى دەپ كېلىۋاتقان گەپلىرىدىن باشقىسىنى دېيەلمەيدۇ، ھەممىنى بىلىپ دەپ ئويلايدۇ-يۇ، ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قاتمال پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالىدۇ، ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەردىن قىلچە تەسىرات ئالمايدۇ، تەربىيە بىلەنمۇ ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ.

    ھېكايە قىلىنىشىچە، بىر كۈنى بىر پاقا دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، سۇنىڭ ئىچىدە بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قالغان بىر چاياننى كۆرۈپتۇ. چايان پاقىغا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، «ئەي دوستۇم! ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى دەريادىن چىقىرىپ قويغان بولساڭكەن» دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ. پاقا چايان گېپىگە كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: «ھەي ئاداش! سېنىڭ خاراكتېرىڭ چېقىش تۇرسا، مەن سېنى قانداق ئۆشنەمگە ئېلىپ كۆتۈرىمەن؟ سەن ئادىتىڭ بويىچە مېنى چېقىۋالساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟». چايان: «توۋا، ئاداش مەن سېنى قانداقمۇ چاقىمەن؟ ئەگەر مەن سېنى چېىۋالسام ئىككىلىمىز سۇدا غەرق بولىمىز ئەمەسمۇ؟ مەن قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولارمەنمۇ؟ خاتىرجەم بولغىن دوستۇم، مەن سېنى ھەرگىز چاقمايمەن» دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پاقا چاياننىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئۇنى ئۆشنىسىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە پاقىنىڭ ئۇچىسى قاتتىق ئاغرىشقا باشلاپتۇ. پاقا چايانغا: «ئەي دوستۇم نېمە ئىش بۇ؟ مېنى چېقىۋاتامسەن؟» دەپ خىتاب قىلىپتۇ. چايان ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «ھەي ئاداش! كۆنۈپ قالغان ئادىتىمنى يېڭەلمىدىم، مېنى كەچۈرگىن، ساڭىمۇ قىلدىم، ئۆزۈمگىمۇ قىلدىم» دەپتۇ-دە، سۇدا غەرق بولۇپ ئولۈپتۇ.

   تەربىيە ئادەمنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى ۋە بىر قىسىم ئەخلاقىنى ئۆزگەرتەلىسىمۇ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشى ناتايىن.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار