قۇرئانچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە

قۇرئانچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە
مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرئانچىلار ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى

قۇرئانچىلار —  قۇرئان بىلەن كۇپايىلىنىپ، ھەدىسقا ھاجەت بولمايمىز دېگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار ھەدىسنى ئىنكار قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭدىن يالىڭاچلاپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزلىرى بىلگەنچە، ئۆز خاھىشى بويىچە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلماقچى بولىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە راستچىل تەرجىمانى بولغان سۈننەتتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرغاندىن كېيىن، «قۇرئان كەرىم» ھەركىم ئۆزى خالىغانچە تەسپرى ۋە تەۋىل قىلالايدىغان بىر كىتابقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يامان نىيەتلىك كىشىلەر «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرۈپ مۇسۇلمانلارنى يولدىن چىقىرىدۇ.

تارىخشۇناسلار قۇرئانچىلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردىكى خاۋارىجلارغا باغلايدۇ. چۈنكى سۈننەتنى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغانلار دەل شۇ چاغدىكى خاۋارىجلار بولۇپ، ئۇلار زىنا قىلغۇچىنىڭ جازالاشقا ۋە ئاياغقا مەسھى قىلىشقا قارشى چىققان، بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان ئىدى. چۈنكى خاۋارىجلار شۇ زامانلاردا « بىزگە قۇرئان كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈۋېلىپ ھەدىسنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەن ئىدى.

قۇرئانچىلارنىڭ يېقىنقى زامانلاردىكى بايراقدارلىرى ھىندىستاندا ئىنگىلىز مۇستەملىكىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان غۇلام ئەھمەد قادىيانى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش ئۈچۈن، ھىندىستاندا غۇلام ئەھمەد قادىيانى دېگەن شەخسنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ ھەدىسنى ئىنكار قىلىدىغان مەزھىپىنى قوللاپ _ قۇۋۋتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى نادان كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن. ئەمما ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئانچىلارنىڭ بۇ كۇفرىلىقىغا قاراپ تۇرمىغان، ئۇلارغا ئەجەللىك رەددىيەلەرنى بەرگەن ۋە «قۇرئان كەرىم»نى سۈننەتتىن ئايرىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.

غۇلام ئەھمەد قادىيانىدىن كېيىن پاكىستاندا ئابدۇللاھ جىكرالىۋى دېگەن بىرسى ھەدىسنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ مەنبەسى بىرلا قۇرئاندۇر، دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى تەسىس قىلغان مەخسۇس ژۇرنالدا بۇ پىكىرنى تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەدىسكە قارشى ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ھەدىس ئىسلام قانۇنىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەنبەسىدۇر

  ھەدىس (ياكى سۈننەت) « قۇرئان كەرىم»دىن قالسا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق دەستۇرى، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىنى شەرھلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانىدۇر. قۇرئاندىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھلەيدىغان ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە سۈننەتتۇر. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، نامازنى قانداق، قانچە ۋاخ ۋە قايسى ۋاقىتلاردا ئوقۇشنى بايان قىلمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە تايىنىپ سۈننەتلىرى ئارقىلىق قۇرئاننىڭ مۈجمەللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناماز ۋە باشقا ئەمەل_ ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە تەرتىبلىرى، سانى ۋە ئادا قىلىنىش ۋاقىتلىرىنى بېكىتكەن. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنى خۇددى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»([1]) دەپ ئۆگەتكەن. زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق.

       «بىز قۇرئانچىلارمىز»، «بىز پەقەت قۇرئانغىلا تايىنىمىز»، «قۇرئان ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان، ئاڭلىنىشى چىرايلىق، ئەمما باتىل مەقسەت قىلىنغان شۇئارلارنى توۋلاپ يۈرگۈچىلەر ئىسلام دىنىغا زىيانكەشىلىك قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمىسا كېرەك. بۇ سۆزلەر«باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆز»لەردۇر. چۈنكى «بىز قۇرئانچىلارمىز» دېگەن سۆز – ھەق سۆز. چۈنكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان قۇرئانچىدۇر. ئۇ قۇرئاننى سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ سۆزنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسلارنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار بۇ چىرايلىق سۆزى ئارقىلىق ھەممە كىشى بىلىدىغان ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى باتىلنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇ باتىل قايسى دېگەندە، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىدىكى مەقسەت-مۇددىئالارنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇناسىپ رەۋىشتە شەرھلەپ بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، قۇرئاننى ئۆز خاھىشلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خالىغانچە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت نىجىس مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر! سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى قوبۇل ئەمەس.

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر زامان كېلىدۇكى، بىراۋ ساپاغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھەدىسلىرىمدىن بىرەر ھەدىس ئوقۇلغىنىدا، ‹سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان بار، ئۇنىڭدا ھالال دېگەنلەرنى ھالال، ھارام دېگەنلەرنى ھارام دەپ بىلسەك بىزگە يېتىدۇ› دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان ئىشلارمۇ ئاللاھ ھارام قىلغانلارغا ئوخشاشتۇر!»([2]).

       قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىپ، سۈننەتتىن بىھاجەت بولىمىز دېگەن دەۋا بىلەن ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلارمىز» دەپ ئاتىۋالغۇچىلەر ئەمەلىيەتتە قۇرئانچىلار ئەمەس. چۈنكى قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى پەرز قىلغان. )مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ ۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا( يەنى «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ . كىمكى  (ئىتائەتتىن) باش تارتىدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق»([3]) بەلكى «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇشقا بۇيرۇغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلارنىڭ ئىمانىنى يوق سانىغان. )فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا( يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە دىللىرىدا قىلچە غۇم قالماستىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»([4]).

 

«قۇرئان كەرىم» سۈننەتتىن بىھاجەت بولالمايدۇ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم»دە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  خىتاب قىلىپ:)وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ( يەنى «بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەنلەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ چۈشۈردۇق»[5] دېگەن. ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى قۇرئان ۋە سۈننەت ئىككىسى بىلەن بەرپا بولغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ سۈننەتكە بولغان ئېھتىياجى بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن بىرىدۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بۇ ئىككى مەنبەنى ئىسلام دىنىنىڭ يادروسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ كەلمەكتە. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مەن سىلەرگە  ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم. بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتساڭلار ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر. ئۇلار: قۇرئان ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر»[6]دەپ كۆرسەتكەن.

سۈننەت «قۇرئان كەرىم»دىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھلەپ بەرگۈچى، مۇجمەللىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەرگۈچى بىردىنبىر مەنبەدۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى «قۇرئان كەرىم»دە ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قائىدە_ تەرتىپىنى، قانداق ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغان. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايان قىلىپ بېرىشىگە تاپشۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدىلىرىنى، ئۇنىڭ رەكئەت سانىنى، زاكاتنىڭ مىقدارىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە ھەدىسلىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ بەرگەن. شۇنىڭدەك، نۇرغۇن ئەھكاملار سۈننەت ئارقىلىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر سۈننەت بولمايدىغان بولسا، بىز ئاللاھ تائالاغا قانداقۋ ئىبادەت قىلىشنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىنى قانداق ئادا قىلىشنى نەدىن بىلەر ئىدۇق؟

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار كاپىرلاردۇر

       ئىبنى ھەزم([7]) «ئەل ئىھكام فى ئەل ئەھكام» ناملىق ئەسىرىدە: «كىمكى بىزگە ‹قۇرئان كەرىم› يېتىدۇ، قۇرئاندىكىلەرنىلا ئالىمىز دەيدىكەن، مۇنداق ئادەم پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ» دېگەن. ئاجىرى([8]) «شەرىئەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1- توم 412- بېتىدە مۇنداق دېگەن: « ‹قۇرئان كەرىم›دىكى پەرزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقىسىنى سۆزلىگەن ئادەم ئىسلام مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ ۋە كۇففارلاردىن سانىلىدۇ».

       سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئىبنى باز مۇنداق دېگەن: «سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دېگۈچىلەر مۇرتەد بولغان شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى سۈننەتكە ئىنكار قىلغانلىق قۇرئانغا ئىنكار قىلغانلىق، قۇرئان بىلەن سۈننەت ئىككىسىنىڭ قايسىبىرىگە ئىنكار قىلغان ئادەم پۈتۈن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ»([9]).

 

ھەدىسلەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە
قۇرئانچىلارنىڭ «ھەدىسلەر ئارىسىدا يالغان ھەدىسلەرمۇ ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن، ھەدىسقا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى ئىسلام ئۆلىمالىرى، خۇسۇسەن مۇھەددىس ئالىملار تەرىپىدىن كەسكىن رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇنلۇق سۆز ئەمەس. ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەدىسلەر ئىچىدىن راست ھەدىسلەرنى تاللاپ چىقىرىش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، يالغان ۋە شۈبھىلىك ھەدىسلەرنى ئاللىبۇرۇن پاش قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدىلا رەت قىلغان. ئىسلام دۇنياسىدا بۈگۈنگىچىلىك «يالغان ھەدىسلەر» دېگەن نام بىلەن يېزىلغان يۈزلەرگە ئەسەرلەر بۇنىڭ مىسالى.

يىراق ئۆتمۈشلەردىن زامانىمىزغىچە ھەدىس نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان ھەر قانداق يالغان ياكى شۈبھىلىك ھەدىسلەر رەت قىلىنىپ كەلمەكتە.

مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس) ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇب قىلىنغان ھەدىسلەر ئىچىدىن راست –يالغانلىرىنى، ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىزلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلاشتا ساھابىلارنىڭ زامانىدىن زامانىمىزغا قەدەر ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى ياراتقان كىشىلەردۇر. دۇنيا تارىخىدا مۇھەددىس ئالىملارنىڭ ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىشتا قوللانغان مېتود ۋە پىرىنسىپلىرىنى ھېچقانداق بىر مىللەت، ھېچقانداق بىر ئىلىم ساھەسىدە قوللانغان ئەمەس. دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىننىڭ مەنبەلىرى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سۈننەت قوغدالغاندەك قوغدالغان ئەمەس ۋە بۇ ئىككىسى يېتىپ كەلگەندەك ئەينەن يېتىپ كەلگەن ئەمەس. مۇھەددىس ئالىملارنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنى تولۇق بايان قىلىش ئۈچۈن تىل ئاجىز، كىتابلار يېتەرسىز قالىدۇ.

زامانىمىزدىكىگە ئوخشاش ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى، ئېنتېرنېتكە ئوخشىغان ئىزدىنىش قورالى بولمىغان ئۆتمۈشتىكى زامانلاردا مۇھەددىس ئالىملار بار ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، دۆلەتتىن دۆلەتكە ئاتلاپ يۈرۈپ، ھەدىس بىلىدىغان ئادەملەرنى ئىزدەپ، ھەدىس توپلاش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاقتىنى قۇربان قىلغانلىقى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ خىزمەت ئىدى. مۇھەددىس ئالىملارنىڭ پېشۋاسى ئىمام بۇخارىنىڭ مەككە-مەدىنە شەھەرلىرىدە 16يىل تۇرۇپ ھەدىس توپلىغانلىقىمۇ بۇنىڭ مىسالى.

مۇھەددىس ئالىملار بىرەر ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا، شۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زەنجىرسىمان باغلىنىش ياكى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرەرسىنىڭ راستچىللىقىدا ياكى تەقۋالىقىدا ئازراق شەك كۆرۈلگەن ھامان ئۇ ھەدىسنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەدىسنى ياكى قانداقلا بىر خەۋەرنى ئېنىقلاشتىكى ۋايىغا يەتكەن ئېھتىياتچانلىقىغا ۋە ئىنتايىن ھۇشيارلىقىغا ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان باشقا دىننىڭ ئالىملىرىمۇ قايىل بولۇپ كەلمەكتە.

([1])   ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
([2])   ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
([3]) نىسا سۈرىسى 80- ئايەت .
([4]) نىسا سۈرىسى 65- ئايەت.
[5]    نەھل سۈرىسى:44- ئايەت.
[6]    ھاكىم رىۋايىتى.
([7]) ئىبنى ھەزم – (384ھ 994م) ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)دە دۇنياغا كەلگەن، زاھىرى مەزھىبىنىڭ پېشىۋاسى، فىقھ، ھەدىس، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ۋە پەلسەپە ئىلملىرىدە ئەتراپلىق يېتىشكەن، ئىمام تەبەرىيدىن قالسا ئەڭ كۆپ كىتاپ يازغان، چوڭ ھەجىملىك 12 پارچە كىتابنىڭ ئاپتورى، ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرى، تەقلىدچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئىزچىل ئەگىشىش پىكرىنى جانلاندۇرغان، زالىم پادىشاھلارنىڭ مال – دۇنيا بېرىپ ئۆزلىرىگە تارتىشىغا كەلمىگەن، ئاتاقلىق ئالىم. ھىجرىيە 456 –يىلى شەبان ئاينىڭ 28 - كۇنى (مىلادىيە 1064 –يىلى 15 – ئىيۇل) كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
([8]) ئاجىرى – ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئابدۇللا ئاجىرى 280 ھ باغدادتا دۇنياغا كەلگەن مەشھۇر فەقىھ، مۇھەددىس ئالىم، 10 پارچىغا يېقىن چوڭ ھەجىملىك كىتاب يازغان، 360- يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
([9]) «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 2- توم 403- بەت .


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار