پەيغەمبىرىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟

پەيغەمبىرىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەرقانداق بىر ھەقىقەتنىڭ چوقۇم دۈشمىنى بولىدۇ. دۈشمىنى بولمىغان بىرمۇ ھەقىقەت يوقتۇر. تالاش- تارتىشسىز بىردىنبىر ھەقىقەت بولغان ئاللاھ تائالانىڭمۇ دۈشمەنلىرى بار. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىلىرى، ئەدەپ-ئەخلاق نەمۇنىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ دۈشمەنلىرى بولغان. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتتىن خەۋەر بېرىپ: «ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق»  دېگەن. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرى ئالاھىدە كۆپ ۋە ھەرخىل بولغان. «ئى پەيغەمبەر! (بىز مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەربىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق» . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىن ھەق بولغان ئىكەن، چوقۇم ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان دۈشمەنلىكنىڭ داۋاملىشىپ تۇرۇشى ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا بۇ دۈشمەنلىكنىڭ داۋاملىشىشى ئەچەبلىنەرلىك ئەمەس، بەلكى توختاپ قېلىشى ئەچەبلىنەرلىك بولۇپ قالىدۇ.

پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى كەلگەندە، ئۇنىڭغا ۋاپادار ئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ساداقەتلىك دوستى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ئۈچ كىشى ئەگەشكەن، ئۆزى نىلەن جەمئى تۆت نەپەر مۇسۇلمان مەخپىي دەۋەتنى باشلىغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچ قىلغان تاغلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ دۈشمەن بولدى، ئۇنىڭغا ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر ھاقارەتلەرنى قىلدى. ئۇنى «يالغانچى»، «سېھىرگەر»، «مەجنۇن (ساراڭ)» دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇنىڭ قەۋمى ئۇنى مەككىدە تۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن سۇيىقەستلەرنى پىلانلىدى. ئاخىر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن مەككىنى تەرك ئېتىپ، مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنى قوللىشى ئۈمىد قىلاتتى. چۈنكى مەككىلىك مۇشرىكلار ساماۋى دىننى بىلمىگەنلىكتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بولسا، مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ساماۋى دىن ئەھلى بولغانلىقتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ۋە بۇرۇن مۇشرىكلارغا ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىلەن تەھدىت سالاتتى، يەنى ئاخىر زامان پەيغەمبۋىرى كەلگەندە، ئۇنىبى بىلەن بىرلىشىپ مۇشرىكلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئەمما ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ئەرەبلەردىن كېلىۋىدى، ئەھلى كىتابنىڭ ئوغىسى قايناپ كەتتى، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلالمىدى، ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بېرى يەھۇدىيلارنىڭ موللىلىرى، خىرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلىرى مۇھەمەمد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ھەرىكەتلىرى باشلىۋەتتى. ئاۋام خەلققە ساماۋى كىتابلارنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈردى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل» بېشارەتلىرىنى يوشۇردى، تەۋىل قىلدى، ئىنكار قىلدى. ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى، ئەمما يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارسى مەۋقەسى ھېچ ئۆزگەرمىدى.

 19- ئەسىردىن باشلاپ، پەن  _ تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خۇسۇسەن بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە باشقا پەنلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى نەتىجىسىدە، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ ھەم بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنيا خەلقىنى، خۇسۇسەن غەربتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قايىل قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئوغىسى قايناشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار دۇنيادا كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا باشلىغان قانداقلا بىر دىن ۋە قانداقلا بىر پەلسەپىگە جېنى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدىغان تەلۋىلەر بولۇپ، ئۇلار بۇنى مۇتەئەسسىپلىكتىنلا قىلمايدۇ، بەلكى ھەسەت، ئىچى تارلىق، مەنمەنچىلىك ۋە دۈشمەنلىك قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلىدۇ.

ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى يېڭى بىر دۈشمەنلىك ئەمەس. بەلكى قەدىمىي دۈشمەنلىكتۇر. يەھۇدىيلا بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچلىكىمۇ تارىخىي ۋە مەڭگۈلۈك ئۆچلۈك بولۇپ، بۇ ئۆچلۈك خۇددى ئىبلىسنىڭ تەۋەلىرى بولغان شەيتانلارنىڭ ئادەم بالىلىرىغا بولغان ئۆچلىكىگە ئوخشاش تاقىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغا ئۆچلۈكتۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىغا كىرگۈزمىگىچە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆز ۋاقتىدا مۇنداق يەتكۈزگەن: (ئى پەيغەمبەر!) سەن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ . 

تارىختىن بېرى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان رادىكاللىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا، قۇرئان كەرىمگە ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىگە قارشى چاپلىمىغان تۆھمەتلىرى، ئېيتمىغان يالغانلىرى ۋە قىلمىغان ھاقارەتلىرى قالمىدى. ئۇلارنىڭ يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىدە، مۇئەللىملىرى مەكتەبلەردە ھەمىشە ئىسلام دىنىنى ئاساسسىز قارىلاپ كەلدى، ھەر پۇرسەتتە ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار ئىسلام تارىخى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە يالغان بىلەن تۆھمەتتىنلا ئىبارەت بولغان خىيالىي قىسسىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىشتىنمۇ زېرىكمىدى.

ئىسلام دۈشمەنلىكلىرى بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلمىدى. بەلكى 8 قېتىملىق سەلىب ئۇرۇشلىرىنى قوزغاش ئارقىلىق شەرق ئىسلام ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ مال  _ مۈلكىنى تالان  _ تاراج قىلدى، بىگۇناھ جانلارنى نابۇت قىلدى، مەسجىد ۋە مەدرەسەلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانلارغا ئۇچراتتى. غەربلىك رادىكاللار بۇ جىنايەتلەرنى ئۆزلىكىدىن ۋە ھېچبىر سەۋەبسىز قىلدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچمىدى، ئۇلارنىڭ دىنىنى ياكى پەيغەمبەرلىرىنى سۆكمىدى، ھەتتا مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن ساناپ، بۇ پەيغەمبەرلەرنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ كەلدى. مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، خىرىستىيانلارغا ۋە باشقا دىندىكىلەرگە ھەقىقەتەن كەڭ قورساقلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداپ كەلدى، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىغا زىيان  _ زەخمەت يەتكۈزۈپ باقمىدى. بۇنىڭغا تارىخ ۋە ھازىرقى رېئاللىق گۇۋاھ بولماقتا.

ئۇنداقتا ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ دەردى نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى خۇددى بىز باشتا ئېيتقاندەك، ئىسلامنىڭ نۇپۇزىدىن ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى دىن بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ۋە كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال شەخسلەر ئىلىم  _ پەننىڭ تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان سۆزى ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە بۇ قۇرئاننى ئاللاھتىن تاپشۇرۇپ ئالغان پەيغەمبەرنىڭ راستىنلا تەۋرات ۋە ئىنجىللاردا خەۋىرى بېرىلگەن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى قايىل قىلىشقا باشلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان ۋە بۇ تەسىرنى كىشىلەرنىڭ زېھنىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى بورمىلاپ سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن نەپرەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.

ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى رادىكال شەخسلەر ئىسلام دىنىنى تىنچلىقنى خالىمايدىغان، ئۇرۇشقاق، باشقا مەدەنىيەتلەر ۋە دىنلار بىلەن چىقىشالمايدىغان، باشقىلارغا يول قويمايدىغان رادىكال دىن قىلىپ كۆرسىتىش يولىدا ئۇزۇن يىلدىن بىرى تىرىشىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ رەزىل غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللانغان:

1. قۇرئان كەرىمنى غەربلىك ۋە ئامېرىكىلىق شەرقشۇناسلارنىڭ، ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى مەۋقەدىكىلەرنىڭ تەۋىللىرى بويىچە تەپسىر قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنى، ئىسلام ئەخلاقىنى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىنى پۈچەكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش. 80  _ يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆز خاھىشلىرى ۋە رەزىل غەرەزلىرى بويىچە تەۋىل قىلىپ تارقىتىش دولقۇنى ئەۋجگە چىققان بولۇپ، بۇ ماۋزۇدا نۇرغۇنلىغان يالغان  _ ياۋۇداق ھېكايىلەر نەشر قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتىكى دولقۇندا غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىيونلار، مۇتەپەككۇرلار ئىسلامغا قارشى يېزىشقا كىرىشىپ كەتكەن.

2. ئەنگىلىيەدىكى ھىندىستانلىق سالمان رۇشدىغا ئوخشىغان بەزى رادىكال يازغۇچىلار ئىسلام ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىنىڭ ئوبرازىنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىدىغان رۇمان ۋە قىسسىلەرنى يېزىپ چىقىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ كاللىسىغا ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلىك مەۋقەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. 80  _ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا سالمان رۇشدنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى توغرۇلۇق يازغان«شەيتان داستانى» ناملىق رۇمانى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزىبىنى ئۆرلەتكەندەك، مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرنىمۇ غەزەبلەندۈرگەن ئىدى. چۈنكى مۇنداق يالغان قىسسىلەرنى تىزىپ رۇمان قىلىپ چىقىش ئارقىلىق دۇنيا نۇپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەشنى ھېچقانداق قانۇن، ھېچقانداق پەلسەپە ۋە ھېچقانداق دىن قوبۇل قىلالمايتتى. پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپمۇ بۇ چوڭ جىنايەتنى ئاقلىغىلى بولمايتتى. چۈنكى پىكىر ئەركىنلىكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك چەك  _ چېگرىسى ئىچىدە بولۇشى لازىم. ئەمما باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەش پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەتتۇر.

3. دانىيەدىكى خىرىستىيان رادىكال كۈچلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى سىزىپ تارقىتىشقا جۈرئەت قىلىشى 21  _ ئەسىردىكى ئىسلامغا تۆھمەت قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازىنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىش جىنايىتىنىڭ يېڭى بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. دانىيەنىڭ «جىيلاندز پوستىن»گېزىتى 2005  _ يىلى 30 – سىنتەبىر سانىدا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە نۇمۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتىپ، ئۇنى 12 پارچە ھەجۋىي رەسىمىدە سىزىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالدىدا كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئۆتگۈزگەنىدى. مەزكۇر 12 پارچە ھەجۋىي رەسىمىنىڭ بىرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بېشىغا ئورالغان بومبىغا ئوخشىتىلغان سەللە كىگەن ھالدا تەسۋىرلىگەن. رەسىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گوياكى بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە ياكى تېرورىستقا ئوخشىتىلغان. ئىسلام ئەللىرى، خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى گېزىت تەھرىراتىنىڭ بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتىگە قارشى قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە بۇ جىنايەتكە نازارىلىق بىلدۈرۈپ دانىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، دانىيە ھۆكۈمىتى «پىكىر ئەركىنلىكى»نى باھانە قىلىپ دەسلەپتە بۇ مۇراجىئەتكە ئىنكاس قايتۇرمىغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دانىيە بىلەن ئالاقىسىنى ئۆزۈش ئۈچۈن دانىيە پايتەختى كۇبىنھاگىندىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ھۇجەيلاننى قايتۇرۇپ كەلگەنىدى.

4. 2012  _ يىلىغا كەلگەندە، ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى دۈشمەنلىك يەنە بىر دەرىجە تەرەققىي قىلىپ، فىلىم ئىشلەشكە قەدەر يېتىپ بارغان. 2012  _ يىلى سىنتەبىرنىڭ 13  _ كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەسلى مىسىرلىق رادىكال خىرىستىيان نىكولا باسىلى ئامېرىكىدىكى رادىكال يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاپ بېرىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە قەتئىي ياراشمايدىغان شەكىلدە بىر فىلىم ئىشلەپ چىقارغان. فىلىمنىڭ نامىنى «مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھسىزلىقى» دەپ ئاتىغان. فىلىم ئەسلىدە ئىككى يېرىم سائەتلىك بولۇپ، ئېنتېرنېت تورىدا ئاران 13 مىنۇتىنىلا ئېلان قىلالىغان. فىلىمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ئۇستازى ۋە ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ئوبرازى ئادەتتىكى ئىنساندىنمۇ تۆۋەن قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەخلاقلىق بىر ئادەمنىڭ شەنىگە ھەرگىزمۇ مۇناسىپ كەلمەيدىغان رەزىل تۆھمەتلەرنى چاپلىغان.

فىلىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن دۆلەت مەسئۇللىرى، مۇتەپەككۇرلار، دىن ئادەملىرى، سىياسىيلار بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇنداق فىلىمنى ئىشلەشنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ رەزىل ۋە كەچۈرۈلمەس بىر قاباھەت ئىكەنلىكىنى جاكارلانغان. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشى ھەر قايسى دىن ئىگىلىرىنىمۇ قاتتىق نارازى قىلغان. ھەتتا كالىفورنىيەدىكى قىبتىلار چىركاۋىنىڭ راھىبىمۇ بۇ فىلىمنى ئەيىبلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن»بىز بۇ فىلىمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ تەلىماتى بىزگە باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشنى پەرز قىلغان».

مۇسۇلمان ئەللىرىدە بولسا، ھەر يەردە ئامېرىكىغا قارشى نامايىشلار يۈز بەردى. نامايىش جەريانىدا مۇسۇلمانلاردىن بىر قانچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھەتتا مۇسۇلمان ئەمەسلەردىنمۇ بەزى كىشىلەر بۇ جىنايەتنىڭ قۇربانى بولدى. مەسىلەن:  لىۋىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئەلچىخانا بىلەن پارتلاش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن بولدى.

5. 2020- يىلغا كەلگەندە، فرانسىيە رەئىسى ئىمانوۋىل ماكرون پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ ماقامىغا ۋە شانلىق ئوبرازىغا تىل تەككۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەقەدەر جاھىل، ئەخمەق، ھەقىقەتتىن قانچىلىك يىراق ئىكەنلىكىنى خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلاپ بەردى.

نېمە ئۈچۈن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوبرازى بىلەن ئوينىشىدۇ؟

چۈنكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بىر شەخسنىڭ ئوبرازى بىلەن ئوينىشىش ۋە ئۇنى سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇنى سۆيىدىغانلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەشكە ۋە ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئازابلاشقا يېتەرلىكتۇر. شۇڭا ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى بولغان رادىكال خىرىستىيانلار بىلەن رادىكال يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىدىلەشنىڭ قانچىلىك چوڭ قاباھەت ۋە ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ھېسابقا قوشماستىن، پەقەت ئىسلام دىنىنى تېررورلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، تىنچلىقنى خالىمايدىغان دىن دەيدىغان تۆھمەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈنلا بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە تىل تەككۈزۈشكە ئۇرۇنغان.

توغرا، رادىكال يەھۇدىيلار بىلەن رادىكال خىرىستىيانلارنىڭ يەتمەكچى بولغان رەزىل مەقسىتى ئىسلام دىنىنى خەلقى ئالەمگە تېررورىست دىنى دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىشتۇر. شۇڭا ئۇلار بۇ رەزىل مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كېچە _ كۈندۈز تۇرماستىن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ھەقىقەت ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ، دۇنيا خەلقىنى قايىل قىلىشقا تېزدىن قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.

پەيغەمبىرىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟

بىز پەيغەمبىرىمىزنى، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ئالىي ماقامىنى ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش، ئۇنىڭ كۆرسەتكەنلىرى بويىچە ئىش كۆرۈش، ئۇنىڭ ئەخلاقى بىلەن تولۇق ئەخلاقلىنىش ئارقىلىق قوغدايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىۋە ئىسلامنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغا مۇسۇلمان پەيغەمبىرىمىزنى ئەنە شۇنداق قوغدىغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، دۇرۇسلۇقى ۋە راستچىللىقى بىلەن نۇرغۇن مىللەتلەۋرنى قايىل قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى دىن قىلىپ تاللىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار بۇرۇنقى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرمەكتە. مەسىلەن: سودىدا ئالدامچىلىق قىلىدۇ، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، پۈتۈشكەن ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن قورقمايدۇ، ئۆزى مۇسۇلمان تۇرۇپ، يۈرۈش- تۇرۇشتا ۋە گەپ-سۆزدە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىشىنى، مۇئامىلىدە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ. ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار گۈزەل ئەخلاقى بىلەن باشقا دىندىكىلەرنى قايىل قىلغان بولسا، ھازىرقى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ناچار ئەخلاقى بىلەن باشقىلارنى سەسكىندۈرىدۇ ۋە «مۇسۇلمان دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغانمىدۇ؟» دېگۈزىدۇ.

باشقا دىندىكىلەرگە ياخشى تەسىر بېرىش ياكى ئەكسىچە قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىكى ئىشتۇر. كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىق، مۇئامىلىسدىكى يولسىزلىقلار ئىسلام دىنىمىزنىڭ شەنىگە داغ سېلىپ ماڭماقتا. شۇڭا، بىز پەيغەمبىرىمىزنى راستتىنلا سۆيىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يولىغا سادىق بولساق ۋە ئۇنى قوغدىماقچى بولساق تۆۋەندىكىلەرنى قىلىمىشىز لازىم:

1. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئۆگىنىش.

2. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش.

3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ يولىدا ئىزچىل مېڭىش.

4. دىنىمىزنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى بارلىق ئىش - ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىش.

5. باشقىلارغا ئىسلامنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشىمىز بىلەن يەتكۈزۈش.

6. ئىسلامنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىمىزدە تولۇق ياشىتىش.

7. بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىق.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار