ئەقىل ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ

ئەقىل ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا ھېچقانداق دىن ۋە ھېچقانداق بىر پەلسەپە ئاللاھ تائالانى ئىسلام دىنى تەرىپلىگەندەك مۇكەممەل ۋە توغرا تەرىپلىگەن ئەمەس. ئاللاھ تائالا بىردۇر. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان، مەڭگۈگە مەۋجۇت بولىدىغان، ھەممىنى ياراتقان ۋە ھەممىنى پەرۋىش  قىلىپ، ھەممە جانلىقلارغا رىزىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان يېگانە ئىلاھتۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆز زاتىدا، بارچە ئىسىم - سۈپەتلىرىدە ۋە بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ئەڭ مۇكەممەل زاتتۇر. ئۇ بارلىق ئەيىب ـ نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر ۋە ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىم ئۇنىڭغا تەڭداش ئەمەس.

ئاللاھ تائالا مۇتلەق كۈچ - قۇدرەت، چەكسىز ئىلىم - ھېكمەت ئىگىسى بولۇپ، كائىناتنى ئىدارە قىلىشتا، بارچە جانلىقلارنى رىزىقلاندۇرۇشتا، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش، بار قىلىش، يوق قىلىش قاتارلىق بارچە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە تەڭداشسىزدۇر، ھېچقانداق شېرىكى ياكى ياردەمچىسى يوقتۇر.

ئىنساندا مۇشۇ چۈشەنچە يەرلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاياتىدا تولۇق بىر خاتىرجەملىك، قانائەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەت ھۆكۈم سۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئادالەتلىك، توغرا ئىش قىلىدىغان، رەھىم - شەپقەتلىك بىر ئىلاھنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ—دە، غەم - قايغۇ ۋە ئەندىشە دېگەنلەر ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئورۇن تاپالمايدۇ، نەتىجىدە، ھاياتنىڭ تەمىنى ۋە ھالاۋىتىنى تولۇق تېتىيدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سائادەتمەنلىك بارمۇ دۇنيادا؟!

ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىل ـ ئىسپاتلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىنىڭ سانىچە دەلىللەر ئۇنىڭ بارلىقىغا كەسكىن دالالەت قىلىدۇ. إِنَّ فِي ٱلسَّمَاوَاتِ وَٱلأَرْضِ لآيَاتٍ لِّلْمُؤْمِنِينَ «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا، چىن ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن (ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار»( ).

بىر شائىر مۇنداق دېگەن ئىكەن:

 وفي كل شيئ له آية ، تدل على أنه الواحد

ھەر نەرسىدە ئاللاھ ئۈچۈن بار ئالامەت،

بىرلىكىگە قىلىدۇ شەكسىز دالالەت.

 

شەك– شۈبھىسىزكى، ئەقىل ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. چۈنكى ئىنسان ئەقىل بىلەن باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ، ئەقىل بىلەن مۇئمىن بولىدۇ. چۈنكى ئەقلى بولمىغانلار ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان ئەمەس. ئەقىل ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ. ئاللاھ تائالانى تونۇشتا ئەقىل نەقىلدىن ئاۋۋال كېلىدۇ. شۇڭا ئاتېئىزمچىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشقاندا، ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ھەدىسلەردىندەلىل كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارغا ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرۈش كېرەك.

كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق ـ جانسىز بارلىق شەيئىلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭغا جاۋاب تاپماقچى بولغان ھەر قانداق كىشى، تۆۋەندىكى تۆت جاۋابتىن باشقىسىنى تاپالمايدۇ:

1. كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان، يەنى ماددىنىڭ زەررىلىرى (پارچىلىرى) ئەقىل، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان دېيىش. بۇنداق جاۋاب ئەقىلگە ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، چۈنكى، تاش، سۇ، ھاۋا، تۇپراق قاتارلىق ماددىلاردا ئەقىل، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يوقلۇقى ھەممىگە مەلۇم. تارىختىن بېرى، ھېچبىر زامان ئۇلارنىڭ ئەقىل، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە، شۇنداقلا يارىتىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھېچقانداق ئەقىل، ئىدراك ياكى كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە بولمىغان ماددىلارنىڭ كائىناتنى ئەمەس، ئۆزلىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاۋاب ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ.

2. كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى تەبىئەت ياراتقان دېيىش. ئەگەر بىز بۇ جاۋابنى بەرگۈچىلەردىن تەبىئەت دېگەن نېمە دەپ سورايدىغان بولساق، ئۇلاردىن بەزىلەر: «تەبىئەت — كائىناتنىڭ مەنزىرىسىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، كائىنات يوق ئىكەن تەبىئەتمۇ يوق ئىدى. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ مەنزىرىسى شۇ نەرسە مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بۇلالايدۇ. ئۇنداقتا تەبىئەت بۇرۇن ئۆزى يوق تۇرۇپ، قانداقمۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى يارىتالىدى؟‍‍‍‍‍‍‍ ئەگەر بىز تەبىئەتنى كائىناتتىن بۇرۇن بار ئىدى، دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، تەبىئەت ئەقىل ـ ئىدراك ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە بولمىغان بىر نەرسە تۇرۇپ، قانداقمۇ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى، جۈملىدىن ئەقىللىق ئىنسانلارنى يارىتالىسۇن؟!‍‍‍‍ ئۇلاردىن بەزىلەر «تەبىئەت — كائىناتنىڭ ئۆزىدۇر» دېسە، بەزىلەر « تەبىئەت — يوشۇرۇن كۈچتۇر» دەيدۇ. بۇ يوشۇرۇن كۈچ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بولماي نېمە؟ ئۇلار بۇنى «تەبىئەت» دەپ چۈشەنسە، بىز ئاللاھ تائالانىڭ كامالىي قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى دەپ چۈشىنىمىز. دېمەك، كائىناتنى تەبىئەت ياراتقان دەيدىغان بۇ جاۋابمۇ، بىرىنچى جاۋابتىن قېلىشمايدىغان بىمەنە جاۋابتۇر.

3. كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر تاسادىپىي يارىتىلىپ قالغان، يەنى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر، ئەسلىدە ئاتوم زەررىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۇشتۇمتۇت ھەرىكەتكە كېلىش ئارقىلىق بىر ـ بىرى بىلەن تاسادىپىي پۈتۈنلىشىش نەتىجىسىدە كائىنات ۋۇجۇتقا كەلگەن دېيىش.

ئۇنداقتا، قۇياشنىڭ ماددىلىرى ئىسسىق ماددىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قۇياش دۇنياغا ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق بېرىدۇ. يەرشارى ۋە باشقا پلانىتىلارنىڭ ماددىلىرىدا ئىسسىقلىق ماددىسى يوق ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. تاسادىپىي بولغان ئىشلارنىڭ پىلانسىز ۋە نىزامسىز ھالدا، ئۇشتۇمتۇت مەيدانغا كېلىدىغانلىقىمۇ ئېنىق. قانداقلارچە، ئسسىقلىق ماددىلىرى تاسادىپىي ھالدا ھەممىسى بىر يەرگە كېلىپ قۇياشقا ئايلىنىپ قالدى؟‍‍‍ يەرشارىدىن باشقا پلانىتىلاردا سۇنىڭ يوقلۇقى ۋە ئۇ جايلاردا جانلىقلارنىڭ ياشىمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان بىر ئىلمىي ھەقىقەت بولغان يەردە، سۇ قانداق بولۇپ باشقا پلانىتىلاردا بولۇپ قالماستىن، تاسادىپىي جانلىقلار ياشايدىغان يەرشارىدىلا بولۇپ قالغان؟ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات ئىنتايىن ئىنچىكە نىزام ۋە مۇكەممەل قانۇن سىستېمىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. تاسادىپىي بولغان ئىشلار نىزامسىز ۋە پىلانسىز بولىدۇ. بۇ ھالدا، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى نىزام ۋە قانۇن سىستېمىلار نەدىن كەلدى؟ تاسادىپىيلىق ئۆزىدە بولمىغان نىزام ۋە قانۇن سىستېمىلارنى كائىناتقا قانداقمۇ بېرەلەيدۇ؟ دېمەك، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان دېگەن جاۋاب ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان سەپسەتىدۇر.

4. كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنى ئاللاھ تائالا ياراتقان دېيىش.

يۇقىرىقى ئۈچ خىل جاۋابنىڭ ھېچبىرى ئىلمىي ئاساسقا تايانمىغانلىقى ۋە ئەقىل، مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك رەت قىلىنغانلىقىدىن مەلۇم بولدىكى، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق - جانسىز بارلىق شەيئىلەر ئىلىم ـ ھېكمەتلىك ۋە چەكسىز قۇدرەتلىك، كامىل بىر زات تەرىپىدىن ئىنتايىن ئىنچىكە نىزام ۋە پۇختا پىلانلار بىلەن يارىتىلغانلىقى شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىردىنبىر ھەقىقەتتۇر. ئۇ زات بولسىمۇ، ئاللاھ تائالادۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالا كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق ـ جانسىز پۈتۈن شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:ذٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ لاۤ إِلَـٰهَ إِلاَّ هُوَ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَٱعْبُدُوهُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ « ئەنە شۇ  ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنداقتا،  ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىنى قوغداپ تۇرغۇچىدۇر» ( ).

تارىختىن بۇيان ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم «كائىناتنى مەن ياراتتىم» دەپ دەۋا قىلغىنى يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالادىن باشقا ياراتقۇچى يوق!.

ئاللاھ تائالادىن باشقا بېرى كائىنات ياكى ئۇنىڭدىكى شەيئىلەردىن بىرەرسىنى يوقتىن بار قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ئەلۋەتتە، ئۆزىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى دۇنياغا تونۇلغان بولاتتى. مەسىلەن: توكنى ئىجاد قىلغان ئېدىسونمۇ ئۆزىنىڭ توكنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېلان قىلماي قالمىغان. ئەگەر ئاللاھ تائالادىن باشقا قۇياشنى ياكى ئاينى ياكى بىرەر جانلىقنى ياراتقان بىرسى بولسا ئىدى، ئۇ، ئۆزىنى ئېلان قىلماي قالمايتتى. چۈنكى ھەرقانداق ئىجادكار ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنى ۋە ئۆزىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ ئەھۋال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى يېگانە ئاللاھ تائالادۇر! ئاللاھ تائالادىن باشقا ياراتقۇچى يوقلۇقى مۇنازىرە قوبۇل قىلمايدىغان كەسكىنلەشكەن بىردىنبىر ھەقىقەتتۇر!.

«ئانىسىدىن كور تۇغۇلغان ئادەم يورۇقلوقنى بىلمىگەنگە ئوخشاش، قاراڭغۇلۇقنىمۇ بىلمەيدۇ. بىلىمسىز ئادەم ئۆزى نادان بولغانلىقى ئۈچۈن جاھالەتنى بىلمەيدۇ. يوقسۇلنىڭ بايلىقى بولمىغاچقا، ئىسراپچىلىقنى بىلمەيدۇ. ھالبۇكى، بىز ئىنسانلاردا ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈگە بار بولغان بىر زات ھەققىدىكى چۈشەنچە بار. ئەگەر ئۇ زات بولمىغان بولسا ئىدى، بىزدە بۇنداق چۈشەنچىمۇ بولمىغان بولاتتى. مەلۇمكى، بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىز ۋە ئويلىغىنىمىز باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھتۇر».

— كانت

تاسادىپىيلىق

دۇنيانىڭ پەيدا بولۇشىدا تاسادىپىلىقنىڭ تەسىرى بارمۇ؟

قۇياشتىن ئايرىلغان يەرشارى ئىسىملىك بۇ كىچىك يۇلتۇز ئەڭ مۇۋاپىق بىر ئورۇنغا يەرلەشكەندۇر. بۇ يۇلتۇز بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە ئەڭ ھېكمەتلىك ھالدا بەلگىلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئورنىغا (ياكى ئوقىغا) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،  ئۇنىڭ  قۇياشقا ئازراق يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇنىڭدىكى بارلىق كائىنات كۆيۈپ كۈل بولاتتى، قۇياشتىن ئازراق ئۇزاقلىشىشى بىلەن ئۇنىڭدىكى بارلىق كائىنات مۇزلاپ  تۈگىشەتتى. ئەمما  يەرشارى بىلەن قۇياش ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مەساپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغان بولسا، مەۋسۇملار ۋە كېچە ـ كۈندۈزلەرمۇ بولمىغان بولاتتى.

يەرشارىنىڭ ھازىرقى ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى  ئۇنىڭ  بىر ئورۇنغا بېكىتىلگەن، مىدىرلىماس توپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئۇ سېكونتىغا 30 كىلومېتىر تېزلىكتە قۇياشنىڭ ئەتراپىدا  ئايلىنىدىغان ۋە قۇياش بىلەن بىرگە 20 كىلومېتىر تېزلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان بىر سەييارىدۇر. ئۇ مۇشۇنداق سەيرىسى بىلەن ھەم تېزلىكىنى يوقاتمايدۇ ھەم قۇياش بىلەن بولغان مۇساپىسىنى  بۇزمايدۇ. بىرلا يەرشارى ئەمەس، بەلكى باشقا مىڭلارچە پلانىتلار ۋە مىليونلارچە يۇلتۇزلارمۇ شۇنداق ئىنتىزاملىق ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق  ئىنتىزام ۋە مۇساپە جەھەتتىكى سىستېمىنى بۇزماستىن تەكشى ھەرىكەت قىلىشى بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا تاسادىپىلىقنىڭ ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ئىلىم ـ ھېكمەت ۋە كۈچ ـ قۇدرەتكە ئىگە بىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەربىر بوۋاق ئۆزىنىڭ ئاۋازى، بارماقلىرىنىڭ ئىزلىرى، سىماسى، سۆزلەش ئۇسۇلى... ۋاھاكازا بىر قانچە جەھەتتىن يەنە بىرسىدىن پەرقلىق بولۇپ تۇرۇپ،  ئۇنىڭ بىرخىل پىلاندا يارىتىلىشى تاسادىپىلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

پروفېسسور جاك كۇيس يارىتىلىشتا تاسادىپىلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر يەر يۈزىدە ھاياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئېھتىمال ھېسابلارغا باغلايدىغان بولساق، بىزنىڭ مەۋجۇت بولىشىمىزنىڭ  قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز».

ئامېرىكىلىق پروفېسسور مېخائىل ھارت ئېھتىمال ھېسابى بىلەن بىرەر جانلىقنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى  ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلىغان  ۋە تاسادىپىلىق يولى بىلەن ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنساننىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى  قايتا ئىسپاتلىغان.

«قولىڭىزدىكى تەڭگە پۇلنى بىر مىليون قېتىم ھاۋاغا ئاتسىڭىز ۋە بۇ پۇل  ھەر قېتىمدا ئەينى يۈزى بىلەن چۈشسە، شۇ ۋاقىتتا تاسادىپىلىققا ئىمكانىيەت بار دېمەكتۇر» دېگەن  تەبىئىي پەن ئالىملىرى ئىلىمنىڭ تاسادىپىلىقنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئوچۇقلايدۇ.

 ئادەتتە، ئەقىل ـ پاراسەتلىك ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىنژىنېرلار ئىشلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ چىقىپ،  ئاندىن پىلانلايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ  ئۇلارنىڭ ھېسابلىرىدا ۋە پىلانلىرىدا بەزى خاتالىقلار يۈز بېرىدۇ. «پېتىرنىڭ پىرىنسىپى»  ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى رايموندھول مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىر كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئانا يول كۆۋرۈكىنىڭ بىر ئاندىلا يېقىلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى  بۇ كۆۋرۈكنىڭ پىلانى قانچە قېتىم قايتىلاپ تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر يېرىدە پىلان خاتالىقى يۈز بەرگەنلىكى. بىر ئىنگىلىز ئېنېرگىيە مەركىزىدىكى  چوڭ تىپتىكى ئۈچ سۇغۇتما ماشىنىسى  بىر ئاندىلا يېقىلىپ تۈگەشتى. بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ياسالغان ئىدى. ئەمما بۇلار كۈچلۈك بىر شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى». 

يوقىرىقى مىساللاردا كۆرگىنىمىزدەك، ھېساب ۋە پىلاندىكى كىچىككىنە خاتالىقنىڭ چوڭ مۇشكىلاتلارغا يول ئاچىدىغانلىقى تۇرغان يەردە، ھەر بىر پارچىسى  ئەڭ مۇكەممەل ئۆلچەم، ئەڭ مۇكەممەل نىزام ۋە ئەڭ مۇكەممەل تەڭپۇڭلۇقى بىلەن يارىتىلغان مۇشۇ كاتتا كائىنات بىرەر تاسادىپىلىقنىڭ نەتىجىسىمۇ؟

بۇكائىناتنىڭ مىلياردلارچە يىلدىن بېرى شۇنداق بىر خىل داۋام قىلىشى تاسادىپىلىقتىنمۇ؟

مەيلى بىرەر قېتىم تاسادىپىلىق يۈز بەرگەن بولۇشى ئېھتىمال  دەپمۇ پەرەز قىلايلى، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيانقى ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەمىشە شۇنداق تاسادىپىلىق يۈز بېرەمدۇ؟ قېنى ئويلاپ بېقىڭ؟!

تەبىئەت

ئاللاھ تائالانى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچىدىغانلار تەبىئەتكە سىغىنماقتا. بۇلارنىڭ پەلسەپىسى خۇددى پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلىپ جاللاتتىن مەدەت تىلىگەن ئىسيانكارنىڭ پەلسەپىسىگە ئوخشاش بىر مەنتىقسىز پەلسەپىدۇر.

تەبىئەتمۇ ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلار قاتارىدىكى بىر ئەسەر ياكى سەنئەتتۇر. سەنئەتكارنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن سەنئەتنى سەنئەتكار دەۋېلىش ئىزاھنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

قۇياش، سۇ، ئوت، يۇلتۇز قاتارلىقلارغا چوقۇنغۇچىلارمۇ مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىش قىسسىسىنى مەزكۇر مەبۇدلىرىغا مەنسۇپ قىلىشتا  تەبىئەتكە چوقۇنغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئەقىدىدە ئورتاق ئەمەسمۇ؟

دېمەك، ناتۇرالىزم (تەبىئەتپەرەسلىك) بۇتپەرەسلىكنىڭ زامانىۋىيلاشقان يېڭى نامىدۇر. ئىنكار ماۋزۇسىدا يېڭىلىق يوق.  ئاتالغۇلار  ئۆزگەرگەن بولىسىمۇ، بۇتپەرەسلەرنىڭ مەنتىق ئۆلچىمى ئۆزگەرگىنى يوق.

 ئاتېئىزمچىلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە دەيدىغان ئورتاق  سۆزى «يوق»تىن ئىبارەتتۇر. «يوق» ئۇلارنىڭ ئۇنۋانىدۇر. «يوق»لار بىلەن  بىرەر شەيئى  ۋۇچۇتقا كەلمەيدۇ.  مىڭ «يوق» بىر «بار»نى يوق ئېتەلمەيدۇ. ئەمما بىر «بار» مىڭلارچە يوقلارنى پەيدا قىلالايدۇ. مەنتىقنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيەتلىرىنىڭ سايىسىدا ئەقىل شۇنداق دەپ ھۆكۈم قىلىدۇكى، دۇنيادا ھەرقانداق بىر سەنئەتنىڭ بىرەر سەنئەتكارى بار، ھېچقانداق سەنئەت ئۆزىنى ئۆزى يارىتالمايدۇ. ئەسەر ئاپتورىنى، رەسىم رەسسامىنى، ئۈستەل ياغاچچىسىنى يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇلار ئۆز ئىجادكارلىرىنى  نامايان قىلىدۇ.

كائىناتتىكى  ھەربىر مەۋجۇدات مۇكەممەل بىر سەنئەتتۇر. بۇ سەنئەتلەر ئىنسان تاقىتىدىن يوقىرى بولغان چەكسىز ئىلىم ـ ھېكمەت ۋە قۇدرەت بىلەن يارىتىلغان. بۇ سەنئەتلەر ئۆزىلىرىدىكى مۇكەممەللىك، ئىنتىزامچانلىق  ۋە گۈزەللىكلەر بىلەن  ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتكارىنى ھەر ۋاقىت نامايان قىلىپ تۇرماقتا.

كائىنات— بار بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق مەۋجۇداتلار دېمەكتۇر. تەبىئەت—كائىناتتىكىلەرنىڭ توپلىمى، ئېنىقراق ئېيتقاندا، كائىناتنىڭ ئىككىنچى ئىسمىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، «كائىناتنى تەبىئەت ياراتقان» دېيىش بىلەن «كائىنات ئۆزىنى ئۆزى ياراتقان» دېيىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر.

توپراققا كۆمۈلگەن ئۇرۇقچە توپراق، ھاۋا، سۇ  ۋە ئۇغۇتتىن ئىبارەت تۆت ماددا بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بو ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل ــ ئىدراكتىن مەھرۇم، بىلمەيدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ئاڭلىمايدىغان، ئۇرۇقنى تونۇمىغاننىڭ ئۇستىگە، ئۆزلىرىنىمۇ تونۇمايدىغان جانسىز ۋە ئاجىز ماددىلاردۇر. ئۇرۇقمۇ  ئەقىل ــ ئىدراكسىزلىق ۋە باشقا سۈپەتلەردە بۇلار بىلەن ئوخشاشتۇر. ئەمما بۇ ئۇرۇقتىن ئۈنۈپ، يېتىشىپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان،  ئەقىلنى ھەيرانلىقتا قالدۇرىدىغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە گۈزەل بىر سەنئەتتۇر. ئۆسۈملۈكلەر ــ زىرائەتلەر، مېۋىلەر ۋە ئوتياشلار يوقىرىقى 4 خىل ماددىنىڭ ئۆزىدە بولمىغان شەكىل، ھەجىم، تەم، رەڭ ۋە پۇراقلىرى بىلەن  يارىتىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىگە ئوخشىمايدىغان، نۇقسانسىز يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر«شەيئىيلەرنى تەبىئەت ياراتقان»دېگەن دەۋا راست بولىدىغان بولسا، ئەقىل ئىدراكسىز ۋە ئىلىم ـ ھېكمەتسىز تەبىئەت بۇلارنى قانداق مەيدانغا چىقىرالىدى؟  تەبىئەتپەرەسلەر بۇنى قانداق چۈشەندۈرەلەيدىكىن تاڭ؟!

كائىناتتىكى ھەربىر مەۋجۇدات ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە  يارىتىلغان. بىز ئىنسانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارغا دىققەت قىلىپ قويمايمىز. ئويلايمىزكى، ھەر نەرسىنىڭ بۇنداق مۇكەممەل شەكىلدە يارىتىلىشى ھېچقانچىلىك ئاجايىپلىق ئەمەس، بەلكى بۇ شۇنداق تەبىئىي قانۇنىيەت. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا، ئەھۋال بىز كۈتكەندەك بولماي قالسا، بىز ئۇنى ئاجايىپ ئەھۋال دەپ سانىغانلىقتىن ئەجەپلىنىپ كېتىمىز. مەسىلەن: ئىككى باشلىق بىر بوۋاق دۇنياغا كەلسە، تېلېۋىزىيە، گېزىت ـ ژۇرناللار ۋە باشقىمۇ  ۋاسىتىلىرى بارچە دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بېغىشلايدۇ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھادىسە ھەققىدە پىكىرـ مۇلاھىزىلىرىنى بايان قىلىشىدۇ، ئادەملەر بۇ كەمتۈك تۇغۇلغان بوۋاققا ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىرىنىڭ قورساقلىرىدا قانچىلىغان كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئىشلەملەرنىڭ، ئىجرائاتلارنىڭ نەتىجىسىدە بۇنداق ساغلام ۋە بېجىرىم تۇغۇلغانلىقلىرىنى كۆرمەيدۇ ۋە ئويلىمايدۇ. ئەجەپلىنىشكە تېگىشلىك بىرەر ئىش بولىدىغان بولسا، ئۇ دەل مىليونلىغان يىللار مابەينىدە بۇ مۇكەممەل قانۇنىيەتنىڭ قانداق داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىدۇر.

 بىر بىئولوگىيە ئالىمى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر بوۋاقنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى ئۇنىڭ بېجىرىم تۇغۇلۇش ئېھتىمالىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. چۈنكى، بوۋاقنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ھەركۈنى مەلۇم مىقداردىكى ھۈجەيرىلەر مەلۇم جايلارغا يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئىقتىدارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھۈجەيرىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ». چۈنكى، ــ بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى  ئىسپاتلىغاندەك ــ  بىزنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە ھۈجەيرىلەردۇر. ھەربىر ھۈجەيرىدە بولغان ماددىلار بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنىڭ شەكلى، كۆزىمىزنىڭ ۋە چېچىمىزنىڭ رەڭگى، ئىگىز ياكى پاكار بولۇشىمىز، چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز بولۇشىمىز قاتارلىق ئايرىمچىلىقلىرىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھۈجەيرلەردىكى ئەڭ ئاددىي بۇزۇقلۇق بوۋاقنىڭ  كەمتۈك تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھۈجەيرىلەر كۆپ ھاللاردا ئىشلەم خاتالىقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا تۈزىتىلىدۇ. بۇنداق كۆپ تەكرارلىنىدىغان خاتالىقلار تۈپەيلى بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بېجىرىم تۇغۇلش ئېھتىمالىدىن ناھايىتى چوڭدۇر. مىليونلارچە قېتىم بۇنداق خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ شەپقىتى بىلەن ئىشلەملەر قايتا تۈزۈتىلىپ، ھەر ئىش ئۆز يولىغا كىرىپ تۇرىدۇ. ئاقساقلىق، چولاقلىق، كورلۇق، پاڭلىق ۋە باشقا ھەرخىل كەمتۈكلۈكلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلارنى كۆرىمىز. ئىنسانلار ئارىسىدىن مىڭدىن بىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شۇ جىسمانىي كەمتۈكلۈككە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلار بولمايدىغان بولسا، بىز كەمتۈكسىز، ساق ـ ساغلام تۇغۇلۇش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، ئۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلغان بولاتتۇق. ئەمما ئۇنداق ئەمەس!  ئەگەر بۇ ئىشلار تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بەزى بوۋاقلار كەمتۈك تۇغۇلىدۇ؟

دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەربىر بوۋاق ئۆزىنىڭ ئاۋازى، بارماقلىرىنىڭ ئىزلىرى، سىماسى، سۆزلەش ئۇسۇلى... ۋاھاكازا بىر قانچە جەھەتتىن يەنە بىرسىدىن پەرقلىق بولۇپ تۇرۇپ،  ئۇنىڭ بىرخىل پىلاندا يارىتىلىشى تاسادىپىلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

پروفېسسور جاك كۇيس يارىتىلىشتا تاسادىپىلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر يەر يۈزىدە ھاياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئېھتىمال ھېسابلارغا باغلايدىغان بولساق، بىزنىڭ مەۋجۇت بولىشىمىزنىڭ  قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز».

ئامېرىكىلىق پروفېسسور مېخائىل ھارت ئېھتىمال ھېسابى بىلەن بىرەر جانلىقنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى  ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلىغان  ۋە تاسادىپىلىق يولى بىلەن ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنساننىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى  قايتا ئىسپاتلىغان.

يوقىرىقى ئىككى ئالىم  شۇنداق بىر ئوچۇقلاش بىلەن سۆزىنى «ئىلىم ــ ۋەقەلىكلەرنىڭ ‹نېمە ئۈچۈن›لىرى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ‹قانداق› ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش دېمەكتۇر» دېگەن سۆز تاماملىغان. بىز بىلىم ئادەملىرىمىز. ئەڭ كىچىك مەۋجۇداتتىن ئەڭ چوڭىغىچە ــ ئاتومدىن يۇلتۇزلارغىچە  سوزۇلغان پۈتۈن كائىنات ئەڭ مۇكەممەل بىر نىزام، خارىقى ئادەت بىر سىستېما بىلەن تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ كائىناتنىڭ ئەقىلنى لال قىلىدىغان دەرىجىدىكى ئىلمىي ھەقىقەتلىرى كۈنسېرى ئاشماقتا.

«قولىڭىزدىكى تەڭگە پۇلنى بىر مىليون قېتىم ھاۋاغا ئاتسىڭىز ۋە بۇ پۇل  ھەر قېتىمدا ئەينى يۈزى بىلەن چۈشسە، شۇ ۋاقىتتا تاسادىپىلىققا ئىمكانىيەت بار دېمەكتۇر» دېگەن  تەبىئىي پەن ئالىملىرى ئىلىمنىڭ تاسادىپىلىقنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئوچۇقلايدۇ.

 ئادەتتە، ئەقىل ـ پاراسەتلىك ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىنژىنېرلار ئىشلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ چىقىپ،  ئاندىن پىلانلايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ  ئۇلارنىڭ ھېسابلىرىدا ۋە پىلانلىرىدا بەزى خاتالىقلار يۈز بېرىدۇ. «پېتىرنىڭ پىرىنسىپى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى رايموندھول مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىر كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئانا يول كۆۋرۈكىنىڭ بىر ئاندىلا يېقىلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى  بۇ كۆۋرۈكنىڭ پىلانى قانچە قېتىم قايتىلاپ تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر يېرىدە پىلان خاتالىقى يۈز بەرگەنلىكى. بىر ئىنگىلىز ئېنېرگىيە مەركىزىدىكى  چوڭ تىپتىكى ئۈچ سۇغۇتما ماشىنىسى  بىر ئاندىلا يېقىلىپ تۈگەشتى. بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ياسالغان ئىدى. ئەمما بۇلار كۈچلۈك بىر شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى». 

يوقىرىقى مىساللاردا كۆرگىنىمىزدەك، ھېساب ۋە پىلاندىكى كىچىككىنە خاتالىقنىڭ چوڭ مۇشكىلاتلارغا يول ئاچىدىغانلىقى تۇرغان يەردە، ھەربىر پارچىسى  ئەڭ مۇكەممەل ئۆلچەم، ئەڭ مۇكەممەل نىزام ۋە ئەڭ مۇكەممەل تەڭپۇڭلۇقى بىلەن يارىتىلغان مۇشۇ كاتتا كائىنات بىرەر تاسادىپىلىقنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ قېنى ئويلاپ بېقىڭ؟!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار