فىترت ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى مۇھەممەد يۈسۈپ

فىترت ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى

مۇھەممەد يۈسۈپ

فىترەت — ئىنساننىڭ يارىتىلىشتىكى تەبىئىي ھالىتى دېگەنلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر بوۋاق تۇغۇلغاندا ئىمان ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا ھازىر بولغان ھالدا ساغلام تەبىئىتى بىلەن يارىتىلىدۇ. كېيىنچە، ئۇ ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپ، مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا پەزىلەتلەرنى ۋە ياخشى ئىشلارنى سۆيۈش، يامان قىلىقلاردىن، ئەخلاقسىزلىقلاردىن نەپرەتلىنىش، ئادالەتنى سۆيۈش، زۇلۇمنى يامان كۆرۈش خىسلىتىنى يەرلەشتۈرۈۋەتكەن. شۇڭا ھەرقانداق ئىنسان پەزىلەتلەرنى، ياخشى ئىشلارنى ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدۇ، يامان ئىشلارنى، ئادالەتسىزلىكنى ۋە زۇلۇمنى يامان كۆرىدۇ، ھەتتا گۇناھ-مەئسىيەتتىن ۋە يامان ئىشلاردىن قول ئۈزمىگەن، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ شۇنداقتۇر. ئەگەر ئۇلار قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ يولىغا ئەگىشىپ توغرا يولغا كىرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئادالەتنى جارى قىلدۇرىدىغان، گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرىدىغان، زۇلۇمدىن ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان بولالايدۇ.

ئەقىل بىلەن فىترەت ئىنساننىڭ توغرا يول تېپىشىغا، نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ باتىل، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىغا كاپالەت قىلالايدۇ. ئەمما ئەقىل بىلەن فىترەت ھەممىلا ئادەمدە ساغلام بولمايدۇ. چۈنكى بەزى ئىنسانلار ئەقلىنى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ، پەقەت باشقىلار سىزىپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىشنىلا بىلىدۇ، تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. بەزى ئىنسانلار زىيانلىق مۇھىت ۋە خاتا تەربىيە سەۋەبلىك ئۆز فىترىتىنى بۇلغاپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئېزىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەڭ چوڭ ياردەمچىلەر بولغان ئەقىل بىلەن فىترەتنىڭ يولىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىدۇ. ئىنسان بۇ ئىككىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئەڭ قىممەتلىك جەۋھەرلەردىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ باشقا جانلىقلاردىن قىلچە پەرقى قالمىغان بولىدۇ.

فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا _ ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ» .يەنى ئى ئىنسانلار! پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تۇغۇلما ئەقىدىسى بولغان ئىسلام دىنىغا يۈزلىنىڭلار، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، تۇغۇلۇشتىكى تەبىئىي ھالىتىڭلاردىن بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار، شەيتانغا ئەگىشىپ پاك تەبىئىتىڭلارنى بۇلغىماڭلار. ھەق دىن ئۈستىدە مەھكەم بولۇڭلار. چۈنكى ئۇ توپتوغرا دىندۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ.

تەبىئىيكى، ھەق دىنغا يۈزلىنىش دېگەن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭغا تولۇق مەنسۇپ بولۇش، ئۇنىڭ يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ۋە پۈتۈن يۈرۈش _ تۇرۇشلىرىنى، ھايات تەرزىنى شۇ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇدۇللاش دېگەنلىك بولىدۇ.

ئايەتتە خىتاب پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بۇيرۇق پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەخت_ سائادەتكە ئېرىشىشىنى خالايدۇ. ئەمما ئىمان مەسىلىسى زورلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئىمان ئېيتىپ ھىدايەت تېپىش ياكى كۇفرىلىقتا قېلىش ئىختىيارىنى بەرگەن. شۇڭا ئىنسانلار دىن تاللاشتا ئىختىيار ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرەتتە بۇ ئىختىيارنىڭ جاۋابكارلىقىدىن سورىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلغىن ۋە ئىزچىل ئەگەشكىنكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، يەنى ئىسلام دىنىغا ئەگەشكىن ۋە ئۇنى چىڭ تۇتقىنكى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشتىكى تەبىئىي ھالىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى شۇ تەبىئىتى بىلەن ۋە ھەق دىننى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولغان ھالىتىدە ياراتقان. ئەگەر ئىنسان تۇغۇلۇشتىكى تەبىئىي ھالىتىگە قويۇپ بېرىلىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئىسلام دىنىنى تاللايدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىنساننىڭ ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىسىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«كُلُّ مَوْلُودٍ يُولَدُ عَلَى الفِطْرَةِ، فَأَبَوَاهُ يُهَوِّدَانِهِ، أَوْ يُنَصِّرَانِهِ، أَوْ يُمَجِّسَانِهِ»  يەنى «ھەربىر بالا ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ تۇغۇلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا _ ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىۋېتىدۇ ياكى خىرىستىيان قىلىۋېتىدۇ ۋەياكى مەجۇسىي قىلىۋېتىدۇ»( ) دېگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«وَإِنِّي خَلَقْتُ عِبَادِي حُنَفَاءَ كُلَّهُمْ، وَإِنَّهُمْ أَتَتْهُمُ الشَّيَاطِينُ فَاجْتَالَتْهُمْ عَنْ دِينِهِمْ، وَحَرَّمَتْ عَلَيْهِمْ مَا أَحْلَلْتُ لَهُمْ، وَأَمَرَتْهُمْ أَنْ يُشْرِكُوا بِي مَا لَمْ أُنْزِلْ بِهِ سُلْطَانًا»يەنى «بەندىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى توغرا دىندا قىلىپ ياراتتىم. پەقەت شەيتانلار ئۇلارنى توغرا دىندىن ئازدۇرۇپ كەتتى، مەن ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالدى ۋە ئۇلارنى ئىلاھلىقى ھەققىدە مەن ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرىدى»( ) .

 

ئىنسان ياخشى-ياماننى بىلەلەيدۇ

قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ۋىجدانىدا پەزىلەتلەرنى ۋە رەزىللىكلەرنى ھېس قىلىدىغان خىسلەتنىڭ بارلىقىنى جاكارلىغان ۋە مۇئمىنلەرنى ۋىجدانىدىكى ئاشۇ ئېسىل خىسلەت بويىچە ئىش كۆرۈشكە بۇيرۇغان. وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا. فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا. قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا.وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا«جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى مۇكەممەل ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق _ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇنى (گۇناھ _ مەئسىيەتكە) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ» .يەنى ئىنساندا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلەيدىغان تەبىئىي تۇيغۇ بار. تۇغۇلۇشتىكى ساپ ھالىتىنى يوقاتمىغان ئادەم ئەلۋەتتە ياخشىلىقنى تاللايدۇ ۋە يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزنى ۋىجدانىمىزدىكى تەبىئىي تۇيغۇغا ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ نەپسىمىزنى پاك تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.

 

ئىسلام ئىنسان فىترىتىگە ئۇيغۇن دىندۇر

«ئىسلام — فىترەت دىنىدۇر» دەيمىز. بۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئېتىقاد مەسىلىلىرىدە، ئەمەل-ئىبادەت سىستېمىلىرىدە، قانۇن-تۈزۈملىرىدە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدائەقىل بىلەن زىتلاشمايدىغانلىقىنى، ئەقلى ۋە فىترىتى ساغلام كىشىلەرنىڭ ئۇنى چوقۇم قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «ياخشىلىق __ گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ __ سېنى خاتىرجەم قىلمايدىغان ۋە سەن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ئىشتۇر»( )  دېگەن.

ھەدىستىكى «ياخشىلىق» پۈتۈن ياخشىلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىخچام سۆز بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى «گۈزەل ئەخلاق» دەپ تەرىپلىگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق بارلىق ياخشىلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئىسىمدۇر.

ئەمما گۇناھنىڭ كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ  كۆرۈپ قېلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان بولۇشى ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ۋىجداننىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، ۋىجدانىبۇزۇلمىغان، فىترىتى ئۆزگەرمىگەن ئىنسانلار پەزىلەتلەرنى ھېس قىلغاندەك، رەزىللىكلەرنىمۇ ھېس قىلىدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا كۆڭلى ۋە ۋىجدانى راھەتلىنىدۇ، يامان ئىشلارنى قىلغاندا كۆڭلى سىقىلىدۇ، ۋىجدانى ئوڭايسىزلىنىدۇ. ئىنسان گۇناھ _ مەئسىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزىدە بىئاراملىق ھېس قىلغاندا، ئەگەر بۇ ئىشنى باشقىلار كۆرۈپ قالغىنىدا، ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ فىترىتىگە زىت كېلىدىغان بۇ يامان ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا قىلغان يامان ئىشىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ.

 

ئىنسان گۈزەل ئەخلاق سايىسىدا ئۆز فىترىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ

ۋابىسە ئىبنى مەئبەد ئەسەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋابىسەگە: ‹سەن ياخشىلىق بىلەن يامان ھەققىدە سورىغىلى كەلدىڭمۇ؟› دېدى، ۋابىسە: ‹ھەئە، شۇنداق› دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى ئۇنىڭ كۆكسىگە تەككۈزۈپ تۇرۇپ، ‹كۆڭلۈڭدىن سورا، ئى ۋابىسە! كۆڭلۈڭدىن سورا› دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئاندىن ‹كىشىلەر ساڭا قانداق پەتىۋا بەرسە بەرسۇن، ياخشىلىق — كۆڭۈل خاتىرجەم بولغان ۋە ئارام تاپقان نەرسىدۇر. يامانلىق— كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلمىغان، دىلنى بىئارام قىلغان نەرسىدۇر› دېدى» . بۇ ھەدىس ئىنساندا بىر ئەخلاقىي تۇيغۇنىڭ  بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئەخلاقىي تۇيغۇ (ياكى ۋىجدان) مەنىۋى ئىللەتلەردىن ساغلام ۋە ساپ بولسا، ئۇ ياخشى-ياماننى ھېس قىلالايدۇ، پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن رەزىل قىلىقلارنى پەرق ئېتەلەيدۇ. بۇ ھەدىستە ھالال-ھارام ۋە ياخشى – يامانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆز كۆڭلىدىن سوراپ ئىش كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، بەلكى بىراۋ ھالال-ھارامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن بىرەر ئىش ھەققىدە بىرەر ئۆلىمادىن پەتىۋا سورىغان بولۇپ، مەزكۇر ئۆلىما ئۇنى ھالال دەپ پەتىۋا بەرگەن بولسىمۇ، كۆڭلى ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولمىسا، ئۇ پەتىۋاغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ياخشى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار