ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «مىفتاھۇل ئەدەب» ناملىق ئەسىرى

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «مىفتاھۇل ئەدەب» ناملىق ئەسىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مەنىۋىي يېتەكچىسى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئوت يۈرەك ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلاردىن چىققان يېتۈك ئالىم ئىدى.  ئابدۇلقادىر داموللام بىلەن زامانداش مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر ھۈسەينخان تەجەللىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئابدۇلقادىر داموللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىمىنىڭ موللۇقىدا دېڭىزغا ئوخشايتتى.

«مىفتاھۇل ئەدەب»ناملىق ئەسەر ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەر مورفولوگىيە، گرامماتىكا ۋە قىسقىچە سۆزلۈكلەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق مەسىلە قىيىن، كەم ئۇچرايدىغان سۆزلۈكلەر ھەمدە تەرجىمە قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدۇر. شۇڭا ئەرەب تىلىنى ئۆگەنگەن ھەر قانداق ئادەم ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر شېئىرى ۋە ئەدەبىي كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. ئابدۇلقادىر داموللام بۇ مەسىلىنى نەزەردە تۇتۇپ «مىفتاھۇل ئەدەب» يەنى (ئەدەبىيات ئاچقۇچى) دېگەن شانلىق ئەسىرىنى ھازىرلاپ ئۇنى مەدرىسە تالىبلىرى ئۈچۈن ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە ئۆگەتكەن. ئابدۇلقادىر داموللام بۇ ئەسەرنى تەييارلاشتا، ئۆزىنىڭ بەزى شېئىرلىرى بىلەن بىرلەن بىرگە ئەرەبلەرنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە شېئىر توپلاملىرىدىن  تاللاپ ئالغان. ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېسىللىكىدىن كەبىگە ئېسىلغان شېئىرلىرى ۋە ھازىرغىچە ئىستىلىستىكىلىق گۈزەل ئىپادىلەش ئۈلگىلىرى دەپ سانالغان مەشھۇر شېرلار، ئاقىللارنى ئەقلىيەت سۆزلىرى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرمۇ كىركۈزۈلگەن.

مىفتاھۇل ئەدەبنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

«مىفتاھۇل ئەدەب» ئەرەبچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: ئەدەب-ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات ئاچقۇچى دېگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ كىتاب ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ئەڭ ئېسىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەب-ئەخلاق قائىدىلىرىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. شۇڭا ئابدۇلقادىر داموللام كىتابىنى مۇنۇ شېئىر بىلەن باشلىغان:

بەرمىدى ئاللاھ بىراۋغا ئەقىل ۋە ئەدەپتىن ئارتۇق بىرىنى،

ئەقىل بىلەن ئەدەپ ياشلار ئۈچۈن ھۆسىن جامال.

ئۆلگەنگە تەڭ ھەركىم بۇ ئىككىسىدىن ئايرىلغان ھامان.

بۇ كىتابتىكى:

ئۆگەنگىن ئەي يىگىت! بىلىمسىزلىك نومۇستۇر.

ئىشەكتىن باشقا ھېچبىرى ئاڭا رازى ئەمەستۇر.

دېگەن بېيتلاردا ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنغان ھەمدە ئىنساننىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان بىلىمسىزلىكنى قاتتىق سۆككەن. شۇنداقلا بىلىمسىز، جاھىللارنى ئادەم قاتارىدىن سانىمىغان.

دېمەك، مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ «مىفتاھۇل ئەدەب» ناملىق شانلىق ئەسىرى ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ئەرەب تىلىنىڭ ئەدەبىياتىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىدىغان قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ، بۇ كىتاب ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي مەدرىسىلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار