مۇتەففىفين سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

مۇتەففىفين سۈرىسى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسردىن ئېلىندى)

مۇتەففىفىين سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 36 ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، بۇ سۈرىدە ئۆلچەمدە ئادىل ۋە دۇرۇس بولماسلىق، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەسلىك، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش، «قۇرئان كەرىم»گە تىل تەككۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلار ۋە مۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى بايان قىلىنغان. ئاخىرىدا ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتى بايان قىلىنغان.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئۆلچەمدە، تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بىرىنچى ئايەتتە كەلگەن ﴿المطففين﴾ يەنى ﴿(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەر﴾ دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان.

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ (1) الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ (2) وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ (3) أَلَا يَظُنُّ أُولَئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ (4) لِيَوْمٍ عَظِيمٍ (5) يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ (6) كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٍ (7) وَمَا أَدْرَاكَ مَا سِجِّينٌ (8) كِتَابٌ مَرْقُومٌ (9) وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ (10) الَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ (11) وَمَا يُكَذِّبُ بِهِ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ (12) إِذَا تُتْلَى عَلَيْهِ آَيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ (13) كَلَّا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ (14)

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1 _  (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

2 _  ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغاندا تولۇق ئالىدۇ،

3 _  كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە بولسا كەم بېرىدۇ.

4 _ 5 _ ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟

6 _  ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ.

7 _ شەكسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ نامە _ ئەمەلى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ.

8 _ سىججىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟

9 _  ئۇ (گۇناھكارلارنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر.

10 _ 11_ قىيامەت كۈنىنى يالغان دەيدىغان ئىنكارچىلارنىڭ بۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!

12 _ ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ.

13 _ ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دەيدۇ.

14 _ ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەنلەردۇر.

تەپسىرى

بەزى كىشىلەر ئىنتايىن شەخسىيەتچى، بەكمۇ ئاچكۆز كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىن باشقىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھېچكىمگە بىكارغا ياخشىلىق قىلىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، ھەممە ئىشنى ماددىغا باغلايدۇ، ئۆزىگە پايدا تەگمەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ بەخت _  سائادىتىنى ماددىدىن ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇنداق كىشىلەرنىڭ مال _ دۇنياغا بولغان ئاچكۆزلۈكى ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى كور قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ باشقىلاردا ئېلىشى بولسا، ئۇنى تولۇق ۋە كامىل ئالىدۇ، ئەمما باشقىلارغا بېرىشى بولسا، ئۇنى ئامال بار كېچىكتۈرۈپ بېرىدۇ، بەرگەندىمۇ كەم بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر تارازىدا تارتىپ بېرىدىغان نەرسە بولسا، ئۇنى چوقۇم كەم تارتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئۆزى تارتىپ ئالىدىغاندا بولسا تولۇق تارتىپ ئالىدۇ. مۇنداق رەزىل ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ لەنىتى بولسۇن! ئۆلچەمدە ئادالەتلىك بولمايدىغان، ئېلىم _  سېتىمدا يولسىزلىق قىلىدىغان مۇنداق رەزىل ئىنسانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ﴿ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ. كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ﴾ بۇ نېمىدېگەن رەزىللىك _ ھە! ئەجىبا مۇنداق كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشتىن قورقمامدىغاندۇ؟ ياكى ئاخىرەتتىكى تىرىلىشكە ئىشەنمەمدىغاندۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىلىدىغانلىقىغا، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىغا ۋە قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسا، ھەرگىزمۇ مۇنداق رەزىللىكنى قىلمىغان بولار ئىدى. چۈنكى ھالالنىڭ ھېسابىنى بېرىش شۇنچە قىيىن تۇرسا، ھارامنىڭ ئازابىغا قانداق چىدىغىلى بولسۇن؟!

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان، ھارامدىن قورقمايدىغان ئادەملەر قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەردۇر. چۈنكى ئاخىرەتتىكى ھېساب بېرىشكە ئىشەنگەن ئادەم شۇنداق قىلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ھەقىقەت شۇكى، زامانىمىزدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ، مۇسۇلمانچە يۈرىدۇ، مۇسۇلمانچە ناماز ئوقۇيدۇ، ئەمما مۇسۇلمانچە ياشىمايدۇ، مۇسۇلمانچە مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشىنىمەن دەيدۇ _ يۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنگەن مۇئمىندەك ياشىمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقىمەن دەيدۇ _ يۇ، ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان مۇئمىندەك ياشىمايدۇ.

بۇ ئايەتلەردە، كىشىلەرنى قاقتى _ سوقتى قىلىدىغان، تارازىنى دۇرۇس تۇتمايدىغان، سودىدا ئادالەتلىك بولمايدىغان، ھارام يېيىشتىن قورقمايدىغان قارا كۆڭۈل ئىنسانلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار بىلەن بىر ئورۇندا قويۇلغان. چۈنكى كاپىرلار ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېساب بېرىشتىن قورقمايدۇ. ئۆلچەمدە ئادالەتلىك بولمايدىغان، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن قورقمايدىغان ئادەمنىڭ بۇ قىلىقى ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكتىن ياكى ئۇنىڭغا شەك قىلغانلىقتىن ۋەياكى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە ئىشەنچ قىلىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. شۇ ئېنىقكى، ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، تەۋبە _  ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر-پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋەتكىلى بولغىنى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تەۋبە ياكى كۆپ ئىبادەت قىلىش بىلەن يۇيۇۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى خالىسا تەۋبە بىلەن، خالىسا تەۋبىسىزمۇ كەچۈرۈۋېتىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ھەققىنى قەتئىي كەچۈرمەيدۇ. يەنى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قارىتا قىلىنغان يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلسىمۇ، ئىنسانلارغا قارىتا قىلىنغان يامانلىقلارنى شۇ ئىنسانلار كەچۈرمىگۈچە ئەپۇ قىلمايدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.

ھەقىقەت شۇكى، گۇناھكارلارنىڭ بارلىق قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ نامە _ ئەمەل دەپتىرىگە بىر _ بىرلەپ خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا بارغان چېغىدا، قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن تەپسىلىي ھېساب بېرىدۇ ۋە تېگىشلىك جازاسىنى تولۇق تېتىيدۇ.

﴿ قىيامەت كۈنىنى يالغان دەيدىغان ئىنكارچىلارنىڭ بۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي!﴾ يەنى قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلارنىڭ شۇ قىيامەت كۈنىدىكى ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرى يالغان دەپ ئىشەنمىگەن قىيامەت كۈنىگە بارغاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا ئازغۇنلۇققا پاتقان ئەرزىمەس بىر ھايات كەچۈرگەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ ۋە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ قوللىرىنى چىشلەيدۇ. ئەمما ئۇ چاغدا بىلگەننىڭ ۋە پۇشايمان قىلغاننىڭ ئۇلارغا قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تېگىشلىك بولىدۇ.

﴿ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ﴾ دېگەن ئايەت بىزگە شۇنى ئوچۇقلاپ بېرىدۇكى، ئاخىرەت ھاياتىغا ئىشەنمەسلىك ۋە قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابنى ئىنكار قىلىش گۇناھنى كۆپ قىلغانلىقتىن ۋە ئەقىل ھەم دىننىڭ چەك _ چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. چۈنكى گۇناھقا پاتقان، يامانلىقنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈۋالغان بىر ئىنساننىڭ بۇ ئەھۋالى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىشكە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئۇ قىيامەت كۈنىگە كۆڭلىدىن ئىشەنسە بۇنداق ھەددىدىن ئاشمايدۇ. بۇ يەردە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ كىشىلەرنى نۇرغۇنلىغان يولسىزلىقتىن، ناھەق ئىش قىلىشتىن ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلاپ قالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدىن قورققان ئادەم جىنايەت سادىر قىلىشتىن ساقلانغان يەردە، ئاللاھ تائالادىن راستتىنلا قورققان ئادەم گۇناھ قىلىشتىن قانداقمۇ يانمىسۇن!  ئەگەر ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن يەرلىك قانۇنلاردىن قورققانچىلىك قورقىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ھەرگىز گۇناھ قىلمايتتى. شەكسىزكى، بۇ ئەھۋال ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن، ئاللاھ تائالانى تولۇق تونۇمىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

دېمەك، ئىنسانلارنىڭ ھارام يېيىشنى، يولسىزلىقنى ۋە گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى قورقماستىن قىلىشى ئۇلارنىڭ ئاخىرەتكە بولغان ئىمانىنىڭ يوقلۇقىدىن ياكى ئىنتايىن ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئايەتتە، تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە ئادالەتلىك، دۇرۇس، لىللا بولمايدىغانلار خۇددى قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب بېرىشكە ئىشەنمىگەنلەر قاتارىدىن سانالغان. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھارام يېيىشى، كىشىلەرنى قاقتى _ سوقتى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردىكى ئەڭ چاتاق ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىپ قويۇپ، ئىسلامسىز، گاھىدا ئىمانسىز ھايات كەچۈرۈشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈۋالغانلىقىدا بولماقتا. ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئاخىرەتكە ئىشەنسە، ئاخىرەتنىڭ ئاشۇ قاتتىق ئازابىنى بىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ ھارام يېيىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟!

ئاخىرەتكە ۋە ھېساب بېرىشكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولغان «قۇرئان كەرىم»گىمۇ ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوقۇپ بېرىلگەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. مۇنداقلارغا ئاخىرەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، قىيامەت قايىم بولغاندا ھەممە خالايىق ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلار بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ ۋە «بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دەيدۇ.

 گەرچە مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى ئەپسانە دەپ ئېتىقاد قىلمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن قورقمىغانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ كىتابنى ئەپسانە ئورنىدا كۆرگەنلىكىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەپسسانىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

زامانىمىزدا ئېغىزىدا كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىدىغان، ھەتتا بەش ۋاخ نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان، باشقا پەرزلەرنىمۇ تولۇق ئورۇندايدىغان تۇرۇقلۇق، خۇددى ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئوخشاش ھايات كەچۈرىدىغان، تۇرمۇشىدا، مۇئامىلىسىدە، ئەخلاقىدا مۇسۇلمانلىقنىڭ ھېچبىر ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان مۇسۇلمانلار ئىنتايىن كۆپتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالى «بىز ئاخىرەتكە ئىشەنمەيمىز» دېگەننى نامايان قىلماقتا. ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە تۇتقان ئەمەلىي مەۋقەسى كاپىرلارنىڭ «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دېگەن سۆزىنى تەستىقلىغاندەك كەيپىياتنى بېرىپ قويىدۇ.

﴿ ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس. بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەنلەردۇر﴾ يەنى «قۇرئان كەرىم» كاپىرلار ئويلىغاندەك ئەپسانە ياكى رىۋايەت ئەمەس، بەلكى ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىق دەستۇرىدۇر. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن بەزى مۇسۇلمانلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قىلىقىنى قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار گۇناھ _ مەئسىيەتنى كۆپ قىلغانلىقتىن، ھارام يېيىشنى، يالغان ئېيتىشنى، ئالدامچىلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ دىلى قاتتىق، كۆڭلى قارا بولۇپ كەتكەن، ھەتتا ھېچقانداق ۋەز _ نەسىھەت تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەن.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.           تارازىدا كەم تارتىپ بېرىش قەتئىي ھارامدۇر.

2.           قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدىغان چوڭ كۈندۇر.

3.           ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئەڭ چوڭ زىيان تارتقانلاردۇر.

4.      گۇناھ _ مەئسىيەت دىللاردا قارا چېكىتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم گۇناھنى قىلغانسېرى ئۇنىڭ دىلى قارىيىپ ئەڭ ئاخىرى قاپقارا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ قەلبىگە ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرى چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 

جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەھۋالى

كَلَّا إِنَّهُمْ عَنْ رَبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَمَحْجُوبُونَ (15) ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُو الْجَحِيمِ (16) ثُمَّ يُقَالُ هَذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ (17) كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْأَبْرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ (18) وَمَا أَدْرَاكَ مَا عِلِّيُّونَ (19) كِتَابٌ مَرْقُومٌ (20) يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ (21) إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ (22) عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ (23) تَعْرِفُ فِي وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ النَّعِيمِ (24) يُسْقَوْنَ مِنْ رَحِيقٍ مَخْتُومٍ (25) خِتَامُهُ مِسْكٌ وَفِي ذَلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ (26) وَمِزَاجُهُ مِنْ تَسْنِيمٍ (27) عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا الْمُقَرَّبُونَ (28) إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آَمَنُوا يَضْحَكُونَ (29) وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ (30) وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَى أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ (31) وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَؤُلَاءِ لَضَالُّونَ (32) وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ (33) فَالْيَوْمَ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنَ الْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ (34) عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ (35) هَلْ ثُوِّبَ الْكُفَّارُ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ (36).

تەرجىمىسى

15 _ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار ئۇ كۈندە رەببىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغۇچىلاردۇر.

16 _ ئاندىن ئۇلار ئەلۋەتتە دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر.

17 _ ئاندىن (ئۇلارغا): «سىلەر ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان (ئازاب) مانا مۇشۇدۇر» دېيىلىدۇ.

18 _ شەكسىزكى، ياخشىلارنىڭ نامە _ ئەمەلى چوقۇم ئىللىييۇندا بولىدۇ.

19 _  ئىللىييۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟

20 _  (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر.

21 _ ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ.

22 _ ھەقىقەت شۇكى، ياخشىلار ئەلۋەتتە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ.

23 _ ئۇلار تەختلەردە ئولتۇرۇپ (بۇ نېمەتلەرنى) تاماشا قىلىدۇ.

24 _ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن نېمەتنىڭ (خۇشاللىق) ئىپادىلىرىنى كۆرىسەن.

25 _ 26- ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن، ئەڭ ئاخىرقى يۇتۇمىمۇ ئىپار پۇرايدىغان ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ. (ياخشى ئىشلاردا) بەسلەشمەكچى بولغانلار (بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشىش يولىدا) بەسلەشسۇن!

27 _ ئۇ شارابقا تەسنىمنىڭ سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.

28 _ تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ.

29 _ كاپىرلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى.

30 _ (مۇئمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى.

31 _ ئۆيلىرىگە قايتقاندا (ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، قىلمىشلىرىدىن) ھۇزۇرلانغان ھالدا قايتىشاتتى.

 32 _ ئۇلار مۇئمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئازغۇنلاردۇر» دېيىشەتتى.

 33 _ ئۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرنى كۆزىتىشكە ئەۋەتىلمىگەن.

34 _ قىيامەت كۈنى بولسا مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ (دوزاختىكى) ھالىغا كۈلۈشىدۇ.

35 _ ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە (ئۆزلىرىگە تەييارلانغان جەننەت نېمەتلىرىگە) قاراپ ئولتۇرىدۇ.

36 _ كاپىرلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ھەقىقەتەن تارتتىمۇ؟ (ئەلۋەتتە تارتتى).

 تەپسىرى

كاپىرلار ئەقىلسىزلىقتىن، نادانلىقتىن ۋە ئۇچىغا چىققان تەكەببۇرلۇقتىن، ئاخىرەتنى مەسخىرە قىلىپ: «ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ئاخىرەتتىكى تىرىلىش ھەقتۇر دېگەن سۆزلىرى راست بولىدىغان بولسا، بىز ئاخىرەتكە بارغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىمىز» دەيتتى. ﴿ مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن رەببىمنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، شەكسزكى، ئۇنىڭ يېنىدا ماڭا ئەڭ ياخشىسى بار﴾([1]).

ئاللاھ تائالا بۇ يەردە كاپىرلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاخنىڭ دەھشەتلىك ئازابىنى تېتىيدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئۇلارغا كايىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەسرەت _ نادامىتىنى ئاشۇرغان ھالدا: «مانا بۇ سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا خەۋىرىنى ئاڭلىساڭلار مەسخىرە قىلىپ كۈلگەن، بارچە كۈچۈڭلار بىلەن ئىنكار قىلغان ئازابتۇر، سىلەرگە تېگىشلىك بولغان جازادۇر» دېيىلىدۇ.

﴿كلا﴾ دېگەن سۆز بۇ يەردە كاپىرلارنىڭ مەغرۇرلۇقىغا ۋە قۇرۇق تەمەلىرىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، «ھەقىقەت شۇكى»، «گەپنىڭ تۇتامى شۇكى» دېگەن مەنىلەردە كەلگەن. يەنى ئى كاپىرلار! بىز سىلەرگە ھەق گەپنى قىلساق، ئاخىرەتتە سىلەرگە قىلچە ياخشىلىق يوق، ئۇ كۈندە زىيان تارتىدىغانلار پەقەتلا سىلەر بولىسىلەر. ئەمما ئىمان ئېيتقانلار، يارىتىلىشتىكى ئەسلى تەبىئىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ياراتقۇچىسىغا ئىتائەت قىلىپ ئۆتكەنلەر ئەلۋەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ نامە _ ئەمەللىرىمۇ ياخشىلارنىڭ ئىشلىرىلا خاتىرلىنىدىغان ئىللىيۇن دېگەن مەخسۇس دەپتەردە بولىدۇ. ئۇلار ئاشۇ ئەمەللىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېسىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.

ئەرەبلەر خۇشاللىقنى ۋە بەخت  _  سائادەتنى سۈپەتلىمەكچى بولسا، ئۇلارنى يۇقىرىلىق، پاكلىق، كەڭلىك دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئەمما خاپىلىقنى ۋە بەختسىزلىكنى سۈپەتلىمەكچى بولسا، تۆۋەنلىك، زۇلمەتلىك ۋە تارچىلىق دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ياخشىلارنىڭ نامە _ ئەمەلى ئىللىيۇندا، گۇناھكارلارنىڭ نامە _ ئەمەلى سىججىندا بولىدىغانلىقىمۇ بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك. «قۇرئان كەرىم» بىزگە ياخشىلارنىڭ نامە _ ئەمەلى يېزىلىدىغان دەپتەرنى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان، كاتتا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئىچىدىكىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىلگەن، ھەممە مەلۇمات تولۇق ۋە ئېنىق خاتىرلەنگەن مەخسۇس دەپتەر، دەپ سۈپەتلىگەندىن كېيىن، بۇ دەپتەردە نامە _ ئەمەللىرى يېزىلغان ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتىنىمۇ بايان قىلغان. ياخشىلار ئەلۋەتتە ھەر خىل ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولغان جەننەتلەردە، خۇشاللىق ۋە بەخت _ سائادەت ئىچىدە بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە تەييار قىلىنغان نازۇنېمەتلەرگە ۋە جەننەتنىڭ ئېسىل مەنزىرىلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ تاماشا قىلىدۇ ۋە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىقى ۋە ئالغان ھۇزۇر _ ھالاۋىتى ئۇلارنىڭ چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن ئاغزى پېچەتلىنىپ ئېلىپ كېلىنگەن، باشنى قايدۇرمايدىغان، ئادەمنى راھەتسىز قىلمايدىغان، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ. بەسلىشىدىغانلار مانا مۇشۇنداق ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولۇش ئۈچۈن بەسلەشسە بولىدۇ.

مۇئمىنلەر جەننەتتە ئىچىدىغان شارابنىڭ قوشۇلىدىغان ماددىسى جەننەتتىكى تەسنىم دېگەن بۇلاقنىڭ سۈيىدۇر. بۇ بۇلاقتىن ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلارغىلا سۇنۇلىدۇ.

ئەمدى گۇناھكارلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئاخىرەت كۈنىدىكى ئەھۋالى مۇئمىنلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ تامامەن ئەكسىچە بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئۇلار خارلىققا، پۇشايمانغا تولغان ھالدا، ئۆزلىرىگە تەييارلانغان قاتتىق ئازابنى كۈتۈۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا، ئىمان ئېيتقانلارنى مەسخىرە قىلىپ ئۇلارغا كۈلەتتى، ھەتتا مۇئمىنلەردىن بىرەرسى ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالغاندا، ئۇلار ھامان ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىشىپ ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى، ھەتتا ئۆيلىرىگە قايتقانلىرىدىمۇ، ئۆيدىكىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىۋالغانلىقى توغرۇلۇق ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن پاراڭ سالاتتى. ئۇلار مۇئمىنلەرنى كۆرگەنلىرىدە، «بۇلار شەكسىز ئازغۇنلاردۇر» دېيىشەتتى. يەنى بۇلار ئاتا _ بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دىننى قوبۇل قىلغان ئازغۇنلاردۇر، ئاتا _ بوۋىلىرىنىڭ يولىدىن چىققانلاردۇر، دەيتتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى دىنىي تەرەپتىن قوغداشقا بەلگىلەنگەنمۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.

ئەمما رەببىڭ بەندىلىرىدىن ھېساب ئالماي قويمايدۇ، ئەلۋەتتە ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتىنى، يامانلارنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. مۇئمىنلەرنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن جازالايدۇ. دېمەك، ئاخىرەتتە بۇ ئىككى پىرقىنىڭ يولى ئايرىلىدۇ.

(فَالْيَوْمَ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنَ الْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ ) يەنى قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ ھالىغا قاراپ كۈلۈشىدۇ. چۈنكى كاپىرلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ ئۇلارغا كۈلەتتى، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايتتى. شۇڭا، مۇئمىنلەرمۇ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھالىغا كۈلۈشىدۇ. 

مۇپەسسىرلەر (عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ ) دېگەن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، تەپسىرى مۇيەسسەردە «مۇئمىنلەر تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرنى تاماشا قىلىدۇ»([2]) دەپ تەپسىر قىلىنغان. تەپسىرى ئىبنى كەسىردە «مۇئمىنلەر تەختلەردە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ»([3]) دەپ تەپسىر قىلىنغان. تەپسىرى سەئدىيدە «مۇئمىنلەر تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىگە ھازىرلانغان نېمەتلەرنى تاماشا قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ»([4]) دەپ تەپسىر قىلغان. ئەمما تەپسىرى تەبەرىي، تەپسىرى ئىبنى ئاشۇر، تەپسىرى رازىي ۋە تەپسىرى بەغەۋىي قاتارلىق تەپسىرلەردە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ تەپسىرىگە ئاساسلىنىپ، «مۇئمىنلەر تەختلەرنىڭ ئۈستىدە كاپىرلارنىڭ ئازابلىنىۋاتقان ھالىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ»([5]) دەپ تەپسىر قىلىنغان.

تەپسىرى بەغەۋىيدە مۇنداق دېيىلگەن: «جەننەت ئەھلى بولغان ئادەم دۇنيادا ئۆزىگە دۈشمەنلىك قىلغان بىرەر كاپىرنى كۆرمەكچى بولسا، دوزاخقا قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئازابلىنىۋاتقان ھالىنى كۆرۈپ كۈلىدۇ. ﴿ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ﴾([6]) دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ»([7]).

   مۇپەسسىرلەر ( هَلْ ثُوِّبَ الْكُفَّارُ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ ) دېگەن ئايەتنىڭ كىمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئەللامە تەبەرىي، بەغەۋىي، ئىبنى كەسىر  قاتارلىق مۇپەسسىرلەر بۇ سۆز ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر، دەپ قارىغان. ئەمما قۇرتۇبىي قاتارلىق مۇپەسسىرلەر بۇ سۆزنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ سۆزى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق: كاپىرلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىش، مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟ ئەلۋەتتە تارتتى.

دېمەك، قىيامەت كۈنىدە مۇئمىنلەر مەڭگۈلۈك جەننەتلەردە خۇشال _ خۇرام  يۈرسە، كاپىرلار مەڭگۈلۈك دوزاختا ئازابلىنىدۇ. بۇ كۈندە مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ ئازابلىنىشىغا قاراپ كۈلىدۇ. بۇ كۈلۈش كاپىرلارنىڭ دۇنيادا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگىنىدەك مەغرۇرلىنىپ كۈلگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇ مەمنۇنلۇق ۋە خۇشاللىق كۈلكىسىدۇر. بۇ كۈلۈش قىلغان ياخشى ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن بىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن يايراپ كۈلگىنىدۇر.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.           مۇئمىنلەردىن تاللانغان كىشىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانى كۆرىدىغانلىقى ھەقتۇر.

2.           جەننەتنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشىشنىڭ يولى ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەلدۇر.

3.      كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش قەتئىي ھارامدۇر، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلغانلار ئەگەر ئۇلارنى ئىمانى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلغان بولسا، مەسخىرە قىلغۇچى چوقۇم كاپىر بولىدۇ.


([1]) فۇسسىلەت سۈرىسى:50_ئايەت.
([2]) «التفسير الميسر» 588-بەت.
([3]) «تفسير ابن كثير» 8-توم، 35-بەت.
([4]) «تيسير الكريم الرحمن في تفسير كلام المنان» 930- بەت.
([5]) «تفسير الطبري» 24-توم، 305-بەت.
([6]) ساففات سۈرىسى: 55- ئايەت.
([7]) «تفسير البغوي» 8- توم، 370- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار