شەمس سۈرىسى

شەمس سۈرىسى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن ئېلىندى).

شەمس سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 15 ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، نەپسنى پاكلاپ، روھنى يۈكسەلدۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىش، كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنىڭ ئۇلارغا چوقۇم چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنساننى نەپسىنى پاكلاشقا ۋە گۇناھتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇپۇقلاردىكى ۋە ئىنسان نەپسىدىكى قۇدرىتىنى، نېمەتلىرىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

سۈرىنىڭ ئىسمى بىرىنچى ئايەتتە كەلگەن قۇياش مەنىسىدىكى (الشَّمْسِ) دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان.

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا (1) وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا (2) وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا (3) وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا (4) وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا (5) وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا (6) وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا (7) فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا (8) قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا (9) وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا (10) كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا (11) إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا (12) فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا (13) فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا (14) وَلَا يَخَافُ عُقْبَاهَا (15)

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1 _ قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەم قىلىمەن،

2 _ قۇياشقا ئەگەشكەن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن،

3 _ قۇياشنى ئاشكارا قىلىدىغان كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن،

4 _ قۇياشنى يوشۇرىدىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،

5 _ ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەن،

6 _ زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى كەڭ قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەن،

7 _ 8 _ جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى مۇكەممەل ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشىلىق  _  يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

9 _  نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.

10 _  ئۇنى (گۇناھ _  مەئسىيەتكە) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.

11 _  سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن(ئۆز پەيغەمبىرىنى) يالغانچى دېدى.

12 _ 13 _ ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى بوغۇزلاشقا) ئالدىرىغاندا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سالىھ) ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېگەن ئىدى.

 14 _ 15_ ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانچى دېدى ۋە تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھى تۈپەيلىدىن رەببى ئۇلارغا چوڭ بىر ئازابنى چۈشۈرۈپ، ئاقىۋىتىگە پەرۋا قىلمايلا ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

تەپسىرى

ئاللاھ تائالا ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سەييارىلەردىن بىرى بولغان قۇياش بىلەن، ئۇنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان نۇرى بىلەن، قۇياشقا ئەگىشىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ نۇرىنى قۇياشتىن ئالىدىغان ئاي بىلەن، قۇياشنىڭ نۇرىنى ئاشكارا قىلغان ۋە ھەر تەرەپتە پارلاتقان كۈندۈز ۋاقتى بىلەن، قۇياشنى يوشۇرىدىغان كېچە بىلەن، ئاللاھ تائالا ئۆزى بىناسىنى مەھكەم قىلغان ئاسمان بىلەن، يېيىپ كەڭ قىلغان زېمىن بىلەن ۋە ئۆزى مۇكەممەل ياراتقان جان بىلەن قەسەم قىلىش ئارقىلىق نەپسنى پاك قىلغانلارنىڭ چوقۇم مۇرادىغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىنسانلار قەسەم قىلماقچى بولسا، ئۇلار چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلالايدۇ. قەسەملىرىنىڭ لەۋزىلىرى: «واﷲ» (ۋەللاھى) «تاﷲ» (تەللاھى) ۋە «باﷲ» (بىللاھى) دېگەن سۆزلەردۇر. ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغا ئادەم ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مَنْ حَلَفَ بِغَيْرِ اللَّهِ فَقَدْ كَفَرَ أَوْ أَشْرَكَ» يەنى «كىمكى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كاپىر بولىدۇ ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ»([1]).

ئاللاھ تائالا قەسەم قىلماقچى بولسا، ئۆزى خالىغان مەخلۇقاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا قەسەم قىلغاندا، قەسەمنى بىرەر مۇھىم ئىشنى ياكى ئىشلارنى تەكىتلەش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىشلارغا قەسەم قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە، نەپسىنى پاكلىغان ئادەمنىڭ مۇرادىغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ۋە نەپسنى پاكلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كاتتا مەۋجۇداتلاردىن ئون بىر مەۋجۇدات بىلەن قەسەم قىلغان.

نەپسنى پاكلاش دېگەننىڭ مەنىسى: ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان بارلىق ئېتىقاد ۋە پىكىرلەردىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، ھەسەت، كىبىر قاتارلىق ئىللەتلەردىن ئۆزىنى ساپ تۇتۇشى دېگەنلىكتۇر. بەزى ئۆلىمالار نەپسنى پاكلاشنى: «نەپستىكى ھاۋايى- ھەۋەسلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئورنىغا گۈزەل-خىسلەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» دەپ تەرىپلىگەن.

     ئىسلام دىنى پۈتۈن تەلىماتلىرىدا ئەڭ ئاۋۋال نەپسنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى پاكلانغاندا، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ۋە يۈرۈش _ تۇرۇشلىرى دۇرۇسلۇققا ۋە ھەققانىيلىققا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ.

مۇپەسسىرلەر (وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئەللامە ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتتىكى «ما» نى تۈپ سۆز دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئايەتنىڭ مەنىسى: ‹ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنىڭ مەھكەم بىناسى بىلەن قەسەم قىلىمەن› دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ قەتادەنىڭ سۆزىدۇر. «ما» نى «مَنْ» يەنى (زات) مەنىسىدە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئايەتنىڭ مەنىسى: ﴿ ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەن﴾ دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مۇجاھىدنىڭ سۆزىدۇر»([2]). تەپسىرى تەبەرىي ۋە تەپسىرى ۋەسىت قاتارلىقلاردا كېيىنكى مەنە ئىختىيار قىلىنغان.

 ئاللاھ تائالا قەسەم قىلغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتلىك ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەر بولۇپ، قۇياش كائىناتقا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بېرىدۇ، ئاي قۇياشتىن ئالغان نۇرى ئارقىلىق قاراڭغۇ كېچىلەرنى يورۇتىدۇ. ئاينىڭ ئۆزى چاقنىغۇچى ياكى يورۇتقۇچى بىر يۇلتۇز ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئۇنىڭ قۇياشتىن ئالغان نۇرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى قەدىمكى ئۆلىمالار سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ نەزەرىيەنى ھازىرقى ئىلىم _ پەن ئىسپاتلىغان ۋە ئاي نۇرىنىڭ پەقەت قۇياشتىن ئەكس ئەتكەن نۇر ئىكەنلىكىنى ئىلىمىي دەلىللەر بىلەن تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك، كۈندۈز ئىنسانلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ، كۈندۈزنىڭ نۇرى بىۋاسىتە قۇياشنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن كۈچلۈك بىر يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭ نۇرى كائىناتنى يورۇتۇشقا يېتەرلىك قىلىپ يارىتىلغان. كېچە بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتى بولغانلىقتىن، شۇڭا كېچە ئۇلارغا قاراڭغۇ ۋە جىمجىت قىلىنغان. كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى كۈندۈزنى يوشۇرالىغۇدەك كۈچلۈك قىلىپ يارىتىلغان. ئاللاھ تائالا ئاسمان جىسىملىرىنىمۇ شۇنچىلىك مۇستەھكەم ۋە مۇكەممەل قىلىپ ياراتقان بولۇپ، بۇلاردا ھېچبىر نۇقساننى كۆرگىلى بولمايدۇ. ﴿ئاللاھ يەتتە ئاسماننى قاتمۇقات قىلىپ ياراتتى، رەھمان ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچقانداق نۇقسان تاپالمايسەن، قېنى سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يېرىقنى كۆرەمسەنكىن؟﴾([3]). ئاللاھ تائالا يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ ياراتقان بولۇپ، يەر يۈزىگە ئۇنىڭ قايسى تەرىپىدىن قارىسا كەڭ يېيىلغان ۋە بارچە مەخلۇقات ئۈستىدە ياشاشقا يېتەرلىك ھالدا كۆرۈنىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ئىنساننىڭ جېنىنى ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جاپادىن قورقمايدىغان، چىداملىق قىلىپ ياراتقان. ئەگەر ئىنساندا نەپسى ئاۋارىگەرچىلىكى دەيدىغان نەرسە بولمىسا ئىدى، دۇنيا تەرەققىي قىلمىغان، كائىنات گۈللەنمىگەن، ھاياتلىق داۋاملاشمىغان بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىنسان نەپسىدە ھەر خىل تەلەپلەرنى ۋە ئىستەكلەرنى ياراتقان. ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ شۇ ئىستەكلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش يولىدا ئىشلەيدۇ، تىرىشىدۇ، جاپا چېكىدۇ. ھاياتلىق بۇنىڭ بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساندا نەپسنى يارىتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ توغرا _ خاتانى، ياخشى _ ياماننى ئايرىۋېلىشى ئۈچۈن ئەقىلنىمۇ ياراتقان. ئەقىل ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. شۇڭا ئىنسان قانداقلا بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنى بىلىپ قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا قادىر بولغىنىدەك، ئۆزىنى نىجاتلىققا ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقىمۇ قادىردۇر. ئۆز نەپسىنى گۇناھ _ مەئسىيەتلەردىن، يولسىز ئىستەكلەردىن پاك قىلىپ، ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرەلىگەن ئادەم چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، مەقسىتىگە يېتىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك سائادەتلەرگە نائىل بولىدۇ. ئەمما نەپسىنى گۇناھ _ مەئسىيەتلەرگە پاتۇرغان، ئەقلىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغان ۋە ئۇنىڭ يوللۇق _  يولسىز بارلىق تەلەپلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۇنى ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ. چۈنكى ئىنسان پەقەت ئەقلىنى ئىشلىتىش ۋە نەپسىنىڭ ئازدۇرۇشىغا قارشى ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەنلا ھايۋانلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ تۇرالايدۇ. ئەگەر ئۇ ئەقلىنى ئىشلىتەلمىسە، ئۇنى نەپسىگە بويسۇندۇرسا، مۇنداق ئىنساننىڭ ھايۋاندىن ھېچبىر پەرقى قالمايدۇ. تەبىئىيكى، ھايۋانلاردا ئەقىل يوق، شۇڭا ئۇلارنى نەپسى باشقۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بارچە غېمى نەپسىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشتۇر. ئىنسانمۇ شۇ ھايۋانغا ئوخشاش نەپسىگىلا بېرىلىدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ ھايۋانلارغا ئوخشاپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر.

سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن، بارلىق دىنىي ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرنى يالغانچى دېگەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەخت قەبىلىسىدىن بولغان ئادىمى قەددار ئىبنى سالىف ئۆزلىرىگە ئاللاھ تائالادىن مۆجىزە بولۇپ كەلگەن چىشى تۆگىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇ ئىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: ﴿ ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار﴾ دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان، ئۇنى يالغانچى دەپ، تۆگىنى بوغۇزلاپ تاشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھالاك قىلغۇچى قاتتىق ئازابنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە پەرۋا قىلمايلا ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن، يەنى ئۇلارنى ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، بۇ ھاياتلىقتىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتكەن ئىدى.

تەپسىرى ئىبنى كەسىردە مۇنداق كەلگەن: «مۇپەسسىرلەر (وَلَا يَخَافُ عُقْبَاهَا) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە مۇجاھىد بۇ ئايەتكە ‹ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قورقۇپ قالمايدۇ› دەپ مەنە ئېيتقان. زەھھاك ۋە سۇددىي ‹تۆگىنى بوغۇزلىغان قەددار ئىبنى سالىف دېگەن بەتبەخت ئادەم بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمىدى› دەپ مەنە ئېيتقان. ئايەتنىڭ سىياقى ئالدىنقى مەنىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»([4]).  

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.           نەپسنى پاكلاش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر. چۈنكى نەپسىنى پاك قىلغانلار مۇرادىغا يېتىدۇ.

2.           بارلىق گۇناھ _ مەئسىيەتلەر نەپسنى بۇلغىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.      ئىنساننىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىشى ئۇنىڭ نەپسىنى پاك تۇتقانلىقى ۋە گۇناھ _ مەئسىيەتتىن يىراق تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئۇنىڭ جەننەتتىن مەھرۇم قېلىپ، دوزاخقا كىرىشى ئۇنىڭ نەپسىنى قويۇۋەتكەنلىكى ۋە گۇناھقا پاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

4.           كۇفرىلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختسىزلىككە سەۋەب بولىدۇ.

5.      گۇناھكارلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قىسسىلىرىنى ئاڭلاش ياكى ئوقۇش دەۋەت يولىدا تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە ۋە جاپا _ مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن تەسەللى بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ قىسسىلەر ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بەرگەن.

 



[1])) «سنن الترمذي» 3- توم، 162- بەت، 1535- ھەدىس.
([2]) «تفسير ابن كثير» 8-توم، 411-بەت.
([3]) مۇلك سۈرىسى:3_ئايەت.
([4]) «تفسير ابن كثير» 8- توم، 415- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار