تۆمۈرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى

تۆمۈرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن تاللانما)

مۇھەممەد يۈسۈپ

لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنْزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ وَأَنْزَلْنَا الْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ (25)

 تەرجىمىسى

25 _  بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئوپئوچۇق دەلىل – پاكىتلار بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى ۋە مىزاننى چۈشۈردۇق. بىز كۈچ  _ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولغان تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇق. بۇ ئاللاھنىڭ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ (ئىمان ئېيتىپ) ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى (يەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى) ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى كۈچلۈكتۇر، (ھەممىدىن) غالىبتۇر.

تەپسىرى

شەكسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئوپئوچۇق دەلىل _ پاكىتلار بىلەن، روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار بىلەن بىللە كىشىلەرگە يول كۆرسىتىدىغان ساماۋى كىتابلارنى نازىل قىلدۇق، ئىنسانلار ئۆز ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئادالەت بىلەن ئىش كۆرسۇن دەپ، مىزاننى، ئادالەتنى ۋە قانۇننى چۈشۈردۇق. شۇنداقلا بىز يەنە كۈچ _ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قاتتىق بولسىمۇ يۇمشىتىپ ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋە ئىنسانلارغا ناھايىتى كۆپ پايدىلىق بولغان تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇق.

مۇپەسسىرلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئايەتتىكى ﴿الْمِيزَانَ﴾ دېگەن سۆزگە ساماۋى كىتابلاردا بۇيرۇلغان ئادالەت دەپ مەنە ئېيتقان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئادالەت ۋە ھەق ئۈستىگە قۇرۇشى ئۈچۈن ئادالەتنى چۈشۈردۇق، دېگەنلىكتۇر[1].

ئۆلىمالار بۇ سۈرىدە ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار مۇنداق:

1. ئىنسانلار تۆمۈردىن بىھاجەت بولالمايدۇ. چۈنكى تۆمۈر يۇمشىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماددا بولغانلىقتىن، ئۇ  پەن _ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدە، چوڭ _ كىچىك بارلىق تۇرمۇش قوراللىرىدا، زاۋۇت، ئۆي ۋە ئىشخانا سەرەمجانلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن نەرسىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قاتناش قوراللىرى ۋە كۆپ نەرسىلەر يەنە تۆمۈر بىلەن ياسىلىدۇ.

2. تۆمۈرنىڭ يەر جىسىملىرىدىن ئەمەس، ئاسمان جىسىملىرىدىن ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىدە ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەنلىكى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ھازىرقى زامان ئالىملىرى تۆمۈرنى ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى ئۆلچەپ كۆرگەندىن كېيىن، تۆمۈرنى ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئىنتايىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئېنىرگىيە ئىكەنلىكىنى، مۇنداق بىر زور ئېنېرگىيەنىڭ يەر شارىدا ئەمەس، بەلكى چوڭ يۇلتۇزلاردىلا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇلار بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلىنىپ، تۆمۈرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى يەر جىسمىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ يۇلتۇزلارغا ئائىتتۇر، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. مانا بۇ، «قۇرئان كەرىم» 14 ئەسىردىن كۆپرەك چاغلار ئىلگىرى ئېلان قىلغان ھەقىقەتنىڭ ئىلىم _ پەن سايىسىدا ئىسپاتلىنىشىدۇر. مانا بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان دەلىلىدۇر. ھازىرقى سانائەتلەرنىڭ ئىچىدە تۆمۈر ئىشلىتىلمەيدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز. ھالبۇكى، «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان زامانلاردا ئىنسانلار تۆمۈردىن پايدىلىنىپ نەيزە، قىلىچ قاتارلىق قوراللارنى ياسىغان بولسىمۇ، تۆمۈردىن تولۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇلاردا تۆمۈرلەردىن ھەر ساھەدە پايدىلىنىش تېخنىكىلىرى يېتىلىپ بولمىغانلىقتىن، تاش، ياغاچ قاتارلىقلاردىن كۆپرەك پايدىلىناتتى. دېمەكچىكى، ئاللاھ تائالا تۆمۈرنىڭ ئىنسانلارغا بولغان پايدىلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ كېلىچەكتە تۆمۈردىن كۆپ پايدىلىنالايدىغانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدىلا جاكارلىغان.

«ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ ساماۋى كىتابلارنى ۋە ئادالەتنى چۈشۈرۈپ، كىشىلەرنى بارلىق ھايات ساھەلىرىدە ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە بۇيرۇغانلىقىغا تۆمۈرنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلتۈرگەنلىكى، يەنە تۆمۈرنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇكى، كىتاب قانۇننىڭ كۈچىگە، ئادالەت ھۆكۈمنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۆمۈرنى چۈشۈرۈش بولسا، قانۇننى ئىجرا قىلىش كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى قانۇننى ئىجرا قىلىپ ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ كېرەك. كۈچ — قورال كۈچى، پەن – تېخنىكا كۈچى، ئىلىم كۈچى، ئىقتىساد كۈچى، ئادەم كۈچى، تەشۋىقات كۈچى قاتارلىق جىمى كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا قانۇنلارنى بەلگىلىدى، بىزنى ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرىدى، ئاندىن بىزگە تۆمۈرنى ئىشلىتىپ قوراللىنىشنى ئىلھام قىلدى. چۈنكى دىننى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۇرۇش بىلەن ۋە ئۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. ئۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ»[2].

«ئاللاھ تائالا دىن ئۈچۈن كىتابلارنى نازىل قىلغاندەك، دۇنيالىق ئۈچۈن ئادالەتنى چۈشۈرگەن، تۆمۈرنى بولسا دىن ۋە دۇنيالىق ھەر ئىككىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن. تۆمۈر جىھاد قىلىپ دىننى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. چۈنكى قورال-ياراقلارنى ياساش تۆمۈرگە ئېھتىياجلىق بولغاندەك، ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان سانائەتلىرى يەنىلا تۆمۈرگە موھتاجدۇر»[3].

﴿ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ ﴾ يەنى ئاللاھ تائالانىڭ تۆمۈرنى چۈشۈرۈشىدىكى ھېكمەت ئاللاھ تائالانى كۆزلىرى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنى قەلبى بىلەن بىلگەنلىكىگە كۇپايە قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىنى يەتكۈزىدىغان ۋە ھەق يولىدا جىھاد قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ﴿ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ ﴾ دېگەن ئايەتتىكى ﴿ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ ﴾ يەنى ﴿بىلىشى ئۈچۈندۇر﴾ دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن ئەزەلدىن مەلۇم  بولسىمۇ، ئىنسانلارغا نىسبەتەن مەلۇم ئەمەس ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئاشكارا قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۇ ئىشلار ۋۇجۇتقا كېلىشتىن بۇرۇن بىلگەن ۋە لەۋھۇلمەھپۇزغا شۇنداق خاتىرىلەپ قويغان».[4].

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.       ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە كىتابلارنى نازىل قىلغانلىقى ئۇلارغا قىلغان كاتتا ئىنئامىدۇر.

2.       ئاللاھ تائالانىڭ تۆمۈرنى چۈشۈرگەنلىكى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.

3.       ئادالەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ بۈيۈك قانۇنىدۇر.

 



[1] «أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» 5- توم، 275- بەت.
[2] «التفسير الواضح» 3- توم، 623- بەت.
[3] «أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» 5- توم، 276- بەت.
[4] «أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» 5- توم، 277- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار