سەبەء  سۈرىسى مۇھەممەد يۈسۈپ

سەبەء  سۈرىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى«تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن)

سەبەئ سۈرىسى 6 _  ئايىتى مەدىنىدە، قالغان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى مەككىدە نازىل بولغان، 54 ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، بۇ سۈرە ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىسپاتلاش، مۇشرىك ئەرەبلەرنىڭ خۇراپىي ئەقىدىلىرى ئۈستىدە ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ۋە بەزى ئىبرەتلىك قىسسىلەرنى بايان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنسانلارنىڭ نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ياكى ناشۈكۈرلۈك قىلىشىغا قاراپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بەزى ئۆرنەكلىرىنى كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

سۈرىنىڭ ئىسمى 15 _ ئايەتتە بايان قىلىنغان يەمەندىكى سەبەئ قەۋمىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، سەبەئ قەۋمى يەمەندە ئاۋات شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۆپ ئىنئاملارنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ئىنئاملارغا شۈكۈر قىلمىغانلىقى، پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلىقى ۋە كۇپرىلىقتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىنى «سەيلۇل ئەرىم» دەپ ئاتالغان مەشھۇر كەلكۈن ئاپىتى بىلەن پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋەتكەن.

 

ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنىڭ راستلىقى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآَخِرَةِ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ (1) يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا وَهُوَ الرَّحِيمُ الْغَفُورُ (2) وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَأْتِينَا السَّاعَةُ قُلْ بَلَى وَرَبِّي لَتَأْتِيَنَّكُمْ عَالِمِ الْغَيْبِ لَا يَعْزُبُ عَنْهُ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ وَلَا أَصْغَرُ مِنْ ذَلِكَ وَلَا أَكْبَرُ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ (3) لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ (4) وَالَّذِينَ سَعَوْا فِي آَيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ (5) وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَى صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ (6) وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا هَلْ نَدُلُّكُمْ عَلَى رَجُلٍ يُنَبِّئُكُمْ إِذَا مُزِّقْتُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمْ لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ (7) أَفْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَمْ بِهِ جِنَّةٌ بَلِ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآَخِرَةِ فِي الْعَذَابِ وَالضَّلَالِ الْبَعِيدِ (8) أَفَلَمْ يَرَوْا إِلَى مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنْ نَشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَةً لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ (9)

 

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن(باشلايمەن).

1 _ جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

2 _ ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

3 _ (ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان) كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، رەببىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ. ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئۇنىڭ ئىلىمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر، مەيلى زەررىدىنمۇ كىچىك ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق نەرسە بولسۇن، ئۇنىڭ روشەن كىتابتا (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنمىگىنى يوقتۇر».

4 _ (ھەممە نەرسىنىڭ مۇنداق خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.

5 _ بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قېچىپ قوتۇلۇشىنى گۇمان قىلىپ، ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغانلارغا ئەڭ ئەلەملىك ئازاب بار.

6 _ ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (قۇرئان) نىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مۇتلەق غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

7 _ كاپىرلار (بىر _ بىرىگە) «سىلەرگە سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما _ تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن يارىتىلىدىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟

8 _ ئۇ ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇدىمۇ؟ ياكى ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» دەيدۇ. ئىش ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئازابقا ۋە چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا مەھكۇمدۇر.

9 _ ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە _ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (تەۋبە قىلىپ) ئاللاھقا قايتقۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.

تەپسىرى

«قۇرئان كەرىم»دە ﴿ الْحَمْدُ لِلَّهِ ﴾ بىلەن باشلانغان سۈرىلەر بەش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەككىدە نازىل بولغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەنئام ۋە كەھف سۈرىلىرى، ئىككىسى كېيىنكى يېرىمىدىكى سەبەئ ۋە فاتىر سۈرىلىرى، يەنە بىرى فاتىھە سۈرىسىدۇر. فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئەنئام سۈرىسىدە: ﴿ئاللاھ سىلەرنى لايدىن ياراتقان، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتكەن زاتتۇر﴾  دېيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش نېمىتىگە ئىشارەت قىلىنغان. كەھف سۈرىسىدە: ﴿ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بەندىسى (مۇھەممەد)كە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي، ئەڭ توغرا كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدى﴾  دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئىككىلا ئالەملىك بەختلىك ھاياتنىڭ دەستۇرى بولغان ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلغانلىق نېمىتىگە ئىشارەت قىلىنغان. ئەمما بىز توختىلىۋاتقان بۇ سۈرىدە: ﴿ جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر ﴾ دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمان  _  زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتقا رىزىق بېرىپ ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلىپ تۇرىدىغانلىق نېمىتىگە ئىشارەت قىلىنغان. فاتىر سۈرىسىنىڭ باشلىنىشىدا بولسا، ﴿ جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر﴾ دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان. فاتىھە سۈرىسى بولسا يارىتىلىش ۋە تىرىلدۈرۈش ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىدۇر.

ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتنىڭ سانىچىلىك، نېمەتلىرىنىڭ ۋە پەزل _ كەرەمىنىڭ ھېسابىچىلىك ھەمدۇساناغا، سانسىز مەدھىيە ۋە ماختاشلارغا تامامەن ھەقلىقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ بارچە سۈپەتلىرى ۋە جىمى ئىشلىرى ئەڭ مۇكەممەلدۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتىمۇ  ھەمدۇساناغا، ئەڭ گۈزەل مەدھىيە ۋە ماختاشلارغا لايىقتۇر. چۈنكى، ئاخىرەتتە ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىنى ۋە رەھىم –شەپقىتىنى كۆرگەن چاغدا، ھەممە ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ھەتتا دوزاخقا كىرگەنلەرمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە قايىل بولىدۇ، دوزاخقا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك كىرگەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلمىغانلىقىنى بىلگىنىدە ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىدىن ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ھۆكۈم قىلىش ئۇنىڭغىلا ئائىتتۇر. ئاخىر قايتىدىغان جاي يەنە ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.

ئى ئىنسانلار! ھەممىڭلار چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش جەھەتتىن ئاللاھ تائالانىڭدۇر، چۈنكى، ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ھەممىگە نېمەت بەرگۈچى، ھەممىنى رىزىقلاندۇرغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى زاتتۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ مۇكەممەل ھەمدۇساناغا، ئەڭ ئېسىل مەدھىيە ۋە ماختاشلارغا تامامەن ھەقلىقتۇر. ئۇ بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ تۇپراقنىڭ ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ ھەممىسىنى بىلىدۇ، ھەتتا يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەن ئۇرۇقنى ۋە سۇ، مەدەن، خەزىنە، كان قاتارلىقلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ، يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن نەرسىلەرنىڭ ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، زېمىندىن چىقىدىغان ئۆسۈملۈك، مېۋە، دەل _ دەرەخ، مەدەن، قىممەتلىك تاش، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنىڭ سۇلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. ئاسماندىن چۈشىدىغان پەرىشتە، بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن چۈشىدىغان يامغۇر، قار، مۆلدۈر قاتارلىقلارنى ۋە تەبىئەتتە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان شامال، بوران، چاقماق قاتارلىقلارنىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا، يۇقىرىغا ئۆرلەپ تۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى، تەلەپ ۋە دۇئالارنىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىلىرىگە ناھايىتى مېھرىبان زات بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۈكۈر قىلىشتىكى كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرگۈچى، ئەمەل _ ئىبادەتلەردىكى نۇقسانلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.

ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى گەرچە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ۋە ھەممىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيتتى، ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى، ئەمەللەردىن ھېساب بېرىشنى، جەننەت ۋە دوزاخنى ئىنكار قىلاتتى. ئۇلار: «قىيامەت بولمايدۇ» دەپ ئويلايتتى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتىسىگە مۇنداق دەپ رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇغان: «ئى كاپىرلار! ئىش ھەرگىز سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، رەببىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئىنكار قىلغان قىيامەت چوقۇم بولىدۇ، رەببىم ئاشكارا – يوشۇرۇن نەرسىلەرنىڭ ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئالەملەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاسمان ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىمۇ ئۇنىڭ ئىلىمىدىن ۋە كۆزىتىشىدىن تاشقىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر».

 ﴿ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئۇنىڭ ئىلىمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر، مەيلى زەررىدىنمۇ كىچىك ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق نەرسە بولسۇن، ئۇنىڭ روشەن كىتابتا (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنمىگىنى يوقتۇر ﴾ دېگەن ئايەت «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلمىي مۆجىزىسىگە ئىشارەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى چاغلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بۇ «قۇرئان كەرىم» زەررىدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. 21 – ئەسىرنىڭ تەبىئىي پەن ئالىملىرى زەررىدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئاللاھ تائالا: ﴿ ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان _ زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز﴾ ( ) دېگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، ھەر زامان ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ بىرلىكىگە ۋە چەكسىز قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى قەسەم بىلەن تەكىتلەشكە كۇپايە قىلىپ قالماستىن، ئۇنىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىنىمۇ بايان قىلىپ: ﴿ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئۇنىڭ ئىلىمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر﴾ دېگەن ئايەتتىن كېيىن، ﴿(ھەممە نەرسىنىڭ مۇنداق خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر ﴾ دېگەن ئايەتنى كەلتۈرگەن. بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىم سۈپىتىنى (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئىدراك قىلالايدىغان ۋە قىلالمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى) بايان قىلىشتىكى سىر ئۇلارنىڭ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ سانىغانلىقىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈندۇر. دېمەك، بۇ ئايەتلەر شۇنى ئوچۇقلايدۇكى، ئاللاھ تائالا ئاشكارا ۋە مەخپى ھەممە نەرسىنى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەرنى بارلىق تەپسىلاتى بىلەن تولۇق بىلىدىغان، ھەربىر ئىشنى ھېكمەت ۋە دانالىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغان زاتتۇر. مۇنداق بىر زاتنىڭ ياخشىغا مۇكاپات، يامانغا جازا بەرمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئادالەتنى ياراتقان، ئۇنىڭغا بۇيرۇغان زاتتۇر. شەكسىزكى، ئادالەتنىڭ تەقەززاسى ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاشتۇر. ﴿ ئاللاھ يامان ئىش قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، (تائەت-ئىبادەتلەرنى) مۇكەممەل قىلغانلارنى (مۇكاپاتلارنىڭ) ئەڭ ياخشىسى (بولغان جەننەت) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ﴾ ( ).

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى، بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قۇتۇلۇپ قالالايدىغانلىقىنى خام خىيال قىلىپ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىكار قىلىۋېتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە دىنىمىزغا قارشى تۇرغان كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا ئازابلارنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكىنى ۋە ئەڭ قاتتىقىنى تەييارلايمىز. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان رەببىنى ئىنكار قىلغان، ئۇنىڭ دىنىغا قارشى چىققان، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلغان ئەخمەقلەردۇر. ئۇلار چوقۇم جازالىنىدۇ ۋە جازالانغاندىمۇ ئەڭ ئەلەملىك، ئەڭ دەردلىك ۋە ئەڭ قاتتىق ئازابلار بىلەن جازالىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئى پەيغەمبەر! ئەمدى، ئىلىم بېرىلگەن ۋە ياخشى سۆز قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇتلەق غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا باشلايدىغان ھىدايەت يېتەكچىسى ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىدۇ. دېمەك، ھەقىقىي ئىلىم _ مەرىپەتكە  ئىگە بولغان ۋە ھەق دىننى تاپقان كىشىلەر ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھىدايەت مەشئىلى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدۇ.

كاپىرلار ھەق دىننى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، بىر _ بىرىگە قارىشىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق سۆزلىرىنى مەسخىرە قىلىپ: ﴿سىلەرگە سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما _  تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن يارىتىلىدىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟﴾ دېيىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار يەنە ھەددىدىن ئېشىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ﴿ ئۇ ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇدىمۇ؟ ياكى ئېلىشىپ قالدىمۇ؟﴾ دەيدۇ.

ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا ئەجەللىك رەددىيە كېلىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرۇيدۇ: ئى كاپىرلار! ئىش ھەرگىزمۇ سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس. سىلەر ناتوغرا گەپ قىلىۋاتىسىلەر. چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش مايىللىقى بولمىغان، دىلىڭلار كۇفرى _ مەئسىيەتلىرىڭلار سەۋەبلىك قېتىپ كەتكەن قەۋمسىلەر. سىلەر كاپىرلىقىڭلار، بۇزۇق ئېتىقادىڭلار، يامان گۇمانىڭلار ۋە يامان قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبلىك ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىسىلەر. سىلەر ئۆزۈڭلارنى قورشاپ تۇرغان ئاسمان ۋە زېمىندىكى سانسىزلىغان ئالامەتلەرنى، ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان كائىنات دەلىللىرىنى كۆرمەيسىلەر. بەلكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئوخشىغان كاپىرلارنى خالىسا خۇددى قارۇننى يەرگە يۇتقۇزغاندەك يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشكە، خالىسا پىرئەۋننى سۇدا غەرق قىلىۋەتكەندەك غەرق قىلىۋېتىشكە، خالىسا ئاد قەۋمىنى بوران  _  چاپقۇن بىلەن ھالاك قىلىۋەتكەندەك ھالاك قىلىۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر. شۇڭا غەپلەتتە يۈرىسىلەر،. شۇڭا سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىنى يىراق سانايسىلەر.

شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇ بايانلارنىڭ ھەممىسىدە، ئاللاھ تائالاغا يۈزلەنگۈچى ۋە گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتقۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار ۋە كۆپلىگەن ئىبرەتلەر بار.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش تىل، دىل ۋە ئەمەل بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى توغرا يولغا، توغرا يوسۇندا ئىشلىتىش ئەمەلدە شۈكۈر قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل _ مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش، ئۇنىڭ بەندىلىرىگە سەدىقە ۋە خەير _ ئېھسانلارنى قىلىشمۇ ئەمەلدىكى شۈكۈرنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.

2. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

3. بەندىلەرنىڭ ياخشى  _  يامان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى ۋە دۇنيادا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلىپ ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نېمە يېزىلغانلىقىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

4. «قۇرئان كەرىم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كاتتا ۋە دائىملىق مۆجىزىسىدۇر.

5. ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قارشى چىققۇچىلار ھەرگىز جازاسىز قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەزىسىنىڭ جازاسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادا تېتىتسا، بەزىسىنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ۋە كېچىكىپ بولسىمۇ ھەق دىنغا قايتقۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا رەھمىتىنى ھەم مەغپىرىتىنى بېغىشلايدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار