شەرھ سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

شەرھ سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن ئېلىندى).

شەرھ سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 8 ئايەتلىك سۈرە بولۇپ، زۇھا سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان ۋە ئۇنى تولۇقلىغان سۈرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدىمۇ ئالدىنقى سۈرىدىكىگە ئوخشاش پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا ئۈندىگەن.

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى غەم _ قايغۇدىن، قىيىنچىلىقتىن ۋە ئوڭايسىزلىقتىن خالاس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان نېمىتىنى ۋايىغا يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بىرىنچى ئايەتتە كەلگەن (نَشْرَحْ) دېگەن سۆزنىڭ سۆز يىلتىزى بولغان «شرح» يەنى (ئېچىش) دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى (ئېچىلىش) دېگەن مەنىدىكى «انشراح» تۇر.

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ (1) وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ (2) الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ (3) وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ (4) فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا (5) إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا (6) فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ (7) وَإِلَى رَبِّكَ فَارْغَبْ (8)

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1 _ (ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ كۆكسۈڭنى (ئىلىم _ ھېكمەتكە ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئېچىپ) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟

2 _ 3_ سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكۈڭنى سەندىن يەڭگىللەتمىدۇقمۇ؟

4 _ سېنىڭ شان _ شۆھرىتىڭنى يۇقىرى قىلمىدۇقمۇ؟

5 _ ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.

6 _ ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.

7 _ (دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن) بىكار بولغان ھامان ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلگەن.

8 _ رەببىڭگە يۈزلەنگىن.

تەپسىرى

ئى پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ كۆڭلى _ كۆكسۈڭنى ئىسلام نۇرى بىلەن كېڭەيتمىدۇقمۇ؟ ئۇنى ئىمان ۋە ھىدايەتكە، ئىلىم _ ھېكمەتكە ۋە مەرىپەتكە ئاچمىدۇقمۇ؟ سەن بۇ ئارقىلىق دەۋەت ئىشلىرىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەڭنى مۇكەممەل ئورۇندايسەن، دەۋەت يولىدىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقالايسەن.

مۇپەسسىرلەر (أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ)  دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ،  ئەللامە ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى «سېنىڭ قەلبىڭنى نۇرلاندۇرۇپ، كۆڭلى _ كۆكسۈڭنى كەڭ، ئازادە قىلمىدۇقمۇ؟»([1]) دەپ تەپسىر قىلغان. ئەللامە تەبەرىي «سېنىڭ كۆكسۈڭنى ئىمان ۋە ھىدايەتكە، ھەقىقەتنى تونۇشقا ئاچمىدۇقمۇ؟»([2]) دەپ تەپسىر قىلغان. يەنە بەزى مۇپەسسىرلەر «سېنىڭ قەلبىڭنى ئىلىم ۋە ھېكمەتكە تولدۇرمىدۇقمۇ؟»([3]) دەپ تەپسىر قىلغان.

مۇپەسسىرلەر يەنە (وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ . الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ،  ھەسەن، مۇجاھىد، قەتادە ۋە زەھھاك قاتارلىقلار ئايەتكە «جاھىلىيەتتە سەندىن سادىر بولۇپ، بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈۋەتمىدۇقمۇ؟» دەپ مەنە ئېيتقان ۋە بۇ ئايەتنىڭ فەتھ سۈرىسىدىكى ﴿سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈش ئۈچۈن ...﴾([4]) دېگەن ئايەتكە ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلغان([5]). ئەبۇ ئۇبەيدە([6]) «سەندىن پەيغەمبەرلىكنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلەتمىدۇقمۇ؟»([7]) دەپ مەنە ئېيتقان. تەپسىرى مۇيەسسەردە  ﴿ سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكۈڭنى سەندىن يەڭگىللەتمىدۇقمۇ؟﴾([8]) دەپ مەنە ئېيتىلغان.

مەككە كاپىرلىرىنىڭ ئەدەپسىز سۆزلىرى ۋە ئاساسسىز تۆھمەتلىرى سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق بىئارام بولاتتى، ئۇنىڭ كۆڭلى سىقىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ بۇ ھەقتە بەزى ئايەتلەرنى نازىل قىلغان. ﴿ سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز. ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن﴾ ([9]) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى.

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاقىرغان ئىسلام دەۋىتى جاھىلىيەتنىڭ پاتقاقلىرىغا پېتىپ كەتكەن ئەرەبلەرگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك چاقىرىق بولۇپ، بۇ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، جاپاسى كۆپ، ئۆزى شەرەپلىك بىر ۋەزىپە ئىدى. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە دىننى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئېيتقاندا تاغدىنمۇ ئېغىر بىر ۋەزىپە ئىدى. بۇنى ئادا قىلىش ھەربىر دەۋەتچىنىڭ بېلىنى ئېگىپ قويىدىغان جاپالىق ئىش ئىدى. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز شەپقىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئېغىر يۈكىنى يەڭگىللەتكەن ۋە ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا ئوڭايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى.

ئاللاھ تائالا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شان _  شۆھرىتىنى ئۈستۈن قىلدى، ھەر كۈنلۈك بەش قېتىملىق ئەزاندا، ھەربىر دۇئادا ۋە ھەربىر نامازدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر ئىنسان ئۈچۈن، بۇنىڭدىن يۇقىرى شان _  شۆھرەت، بۇنىڭدىن كاتتا مەرتىۋە يوقتۇر. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇشنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى دوست تۇتقانلىق قاتارىدىن قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى قانچىلىك يۇقىرى قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلغانلىقىمۇ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ كاتتىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئاللاھ تائالادىن قالسا ئەڭ سۆيۈملۈك زات پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى ھەربىر مۇسۇلمان ئوبدان بىلىدۇ. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز جېنىدىنمۇ بەك سۆيەتتى، ئاتا _ ئانىسىنى، بالىچاقىلىرىنى ۋە ياخشى كۆرگەن ھەر نەرسىسىنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ يولىغا پىدا قىلاتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىگە تويمايتتى، ئۇنىڭدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقىمۇ چىدىيالمايتتى. كاپىرلارمۇ بۇ ھەقىقەتنى ياخشى بىلەتتى. ئەبۇ سۇفيان مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقتىدا ئېيتقان بىر سۆزىدە: «مەن دۇنيادا ھېچكىمنىڭ بىرىنى مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرى مۇھەممەدنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەنلىكىنى كۆرمىدىم» دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئاتا قىلغان پەزل _ كەرەمىدۇر.

دېمەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىنى ئىمانغا، قۇرئاننىڭ نۇرىغا، ئىلىم _ ھېكمەت ۋە مەرىپەتكە كەڭ ئېچىۋەتكەن، ئۇنىڭ كۆڭلى _ كۆكسىنى ھەر تۈرلۈك جاپالارنى، ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان،  ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى ئەپۇ قىلالايدىغان، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلالايدىغان دەرىجىدە كەڭ قىلىۋەتكەن، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۇنىڭدىن يەڭگىللەتكەن، ئۇنىڭ شان _  شەۋكىتىنى ئۈستۈن قىلغان بولۇپ، بۇ زېمىنغىلا خاس ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئۇپۇقتىكى سىدرەتۇل مۇنتەھادىمۇ ئۇنىڭ شان _  شۆھرىتىنى ئۈستۈن، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغان. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ۋە ئۇنى باغرىغا بېسىپ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدىغان كۆيۈمچان، ۋاپادار ئايالى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ كۆيۈمچان ئىنسان، ئۇنىڭ بىردىنبىر قوغدىغۇچىسى _ تاغىسى ئەبۇ تالىب ئىككىسى ئارقا _ ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى قىلىش، ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ شان _  شۆھرىتىنى يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر كېچىدە ئاۋۋال مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بارغان، ئاندىن ئۇنى يەتتىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ، سىدرەتۇل مۇنتەھا دېگەن دەرەخنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا كېرەكلىك ۋەھيىلەرنى قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىدىن كۆپ ئازارلارغا ئۇچرىغانلىقتىن، كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكتىن، كۆڭلى سىقىلغان ۋە قاتتىق بىئارام بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇكاپات، يەنى سەۋرچانلىقنىڭ، چىدامچانلىقنىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ مۇكاپاتى ئىدى. چۈنكى ﴿ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار﴾.

ئەمدى مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: راستتىنلا ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بارمۇ؟ جاۋاب شۇكى، ئەلۋەتتە بار، ئەمما بىر شەرت بىلەن بار. ئۇ شەرت قايسى دېگەندە، ئۇ ئاللاھ تائالا كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن سەۋەب قىلىش قانۇنىيىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، قولدىن كەلگەنچە سەۋەب قىلىش، چىداملىق ۋە سەۋرچان بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن قايتماسلىق ۋە جاپادىن قورقماسلىقتۇر. ئەمما سەۋەب قىلماستىن قىيىنچىلىقنى ئوڭايلىققا ئۆرۈيمەن دېگەنلىك «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى ھەربىر قىيىنچىلىقنى يېڭىشتا سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە تايىنىشقا بۇيرۇغان. بىز ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ۋە ئۆزى كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولساق، ئەلۋەتتە ھەربىر قىيىنچىلقتىن كېيىن ئوڭايلىقنى، ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىرەرە ئاسانلىقنى كۆرىمىز. چۈنكى بۇ دۇنيا سەۋەب قىلىش دۇنياسىدۇر. ئاللاھ تائالا:  ﴿ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ﴾([10]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ نۇرى بىلەن ھىدايەت يولىدا ئىزچىل مېڭىشنى خالايدىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا ئەڭ ئېسىل ئىلاھىي نەسىھەتنى تەقدىم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(بىرەر ئىشتىن) بىكار بولغان چېغىڭدا دەرھال باشقا بىر ئىشقا تۇتۇنغىن﴾ يەنى سەن ئاخىرەتلىك ئىشلاردىن بىكار بولغان ھامان دۇنيالىق ئىشلارغا تۇتۇنغىن، دۇنيالىق ئىشلاردىن بىكار بولغان ھامان ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تۇتۇنغىن، نامازدىن بىكار بولغان ھامان دۇئاغا تۇتۇنغىن، جىھادتىن بىكار بولغان ھامان يەنە بىر ئىبادەتكە تۇتۇنغىن، دەۋەت ئىشلىرىدىن بىكار بولغان ھامان يەنە بىر ساۋابلىق ئىشقا تۇتۇنغىن، پەرز ئىبادەتلەردىن بىكار بولغان ھامان نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىشقا تۇتۇنغىن، ئىشقىلىپ بىكار قالمىغىن. چۈنكى بىكار تەلەپلىك مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس. ھەر ۋاقىت يېگانە رەببىڭگە يۈزلەنگىن، ئۇنىڭغىلا ئىشەنچ قىلىپ تايانغىن. چۈنكى ئۇ ئەڭ ياخشى مەدەتكار ۋە ئەڭ ياخشى ئىگىدۇر.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇسۇلمانغا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى رەتكە سېلىشنى، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى ۋە ئۆمرىنىڭ بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكنى ئۆگەتكەن. چۈنكى مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدا بىكارچىلىققا، بىھۇدىلىككە ۋە مەنىسىزلىككە ئورۇن يوق، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەربىر لەھزىسى مەنىلىك ۋە خەيرلىكتۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەنە شۇنداق ۋاقىتنى چىڭ تۇتىدىغان، ئۆمرىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى غەنىيمەت بىلىپ دىن ۋە دۇنيالىق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ساھابىلىرىنى شۇنداق يېتىشتۈرگەن. چۈنكى مۇسۇلمان ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى جاپا چېكىش، ئەجىر قىلىش ۋە تۇرماستىن ئەمگەك قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاندىن ئاخىرەتتە بۇ قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇقى بىلەن كۆرىدۇ.

مۇپەسسىرلەر (فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرۇلۇق ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزىسى ئىبنى ئابباس، قەتادە، زەھھاك، كەلبىي ۋە مۇقاتىل قاتارلىقلارنىڭ تەپسىرىگە ئاساسلىنىپ، بۇ ئايەتنى «ئى پەيغەمبەر ! سەن پەرز نامازدىن پارىغ بولغان چېغىڭدا رەببىڭگە دۇئا قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكىن» ([11]) دەپ تەپسىر قىلغان. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «پەرز ئىبادەتلەردىن بىكار بولغان چېغىڭدا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن» دەپ تەپسىر قىلغان. مۇقاتىل «سەن دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن بىكار بولغان چېغىڭدا رەببىڭگە ئىبادەت قىلىش بىلەن بولغىن» دەپ تەپسىر قىلغان. كەلبىي «سەن دەۋەت ئىشلىرىدىن بىكار بولغان چېغىڭدا رەببىڭگە يۈزلىنىپ كەمچىلىكلىرىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەپ تەپسىر قىلغان([12]). بىز بۇ ئايەتنى يۇقىرىقى بارلىق تەپسىرلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ﴿(بىرەر ئىشتىن) بىكار بولغان چېغىڭدا دەرھال باشقا بىر ئىشقا تۇتۇنغىن﴾ دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. چۈنكى بۇ تەرجىمە يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەپسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى تەپسىرلەردە ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى «ئىش» دەپ ئېلىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچگە ئالسۇن ئۈچۈندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئىبادەت ئىچىدىكى بىر ھايات ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچە _ كۈندۈزدىكى بارلىق ئىشلىرى پەقەت بىر ئىبادەتتىن يەنە بىر ئىبادەتكە يۆتكىلىشنىڭ تەپسىلاتى ئىدى. ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ھايات دەپتىرىنىڭ ھەربىر قۇرىنى ئەنە شۇنداق ئۈزلۈكسىز ئىبادەتلەر بىلەن تولدۇرۇشقا بۇيرۇلغان.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.      ئاللاھ تائالا كىمنىڭ كۆكسىنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلگە ئېچىۋەتسە، ئۇنىڭغا كاتتا نېمەت ۋە ئۈزۈلمەس ئىنئام ئاتا قىلغان بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھىدايەتتىن چوڭ نېمەت يوقتۇر.

2.      ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە ئاسانلىقنىڭ، ھەربىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئوڭايلىقنىڭ بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بولۇپ، مۇئمىن ئادەم قىيىنچىلىق ئالدىدا يېڭىلمەيدۇ، بەلكى كۈچىنىڭ يەتكىنىچە سەۋەب قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورايدۇ.

3.      ھەقىقىي مۇئمىن ئادەمنىڭ ۋاقتى ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئۇ ھاياتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش كۆرىدۇ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان شەرىئەت بويىچە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ نىيىتى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قازىنىش بولىدۇ.

([1]) «تفسير ابن كثير» 8-توم، 429-بەت.
([2]) «تفسير الطبري» 24-بەت، 493-بەت.
([3]) «تفسير القرطبي» 20-بەت، 92-بەت.
([4]) فەتھ سۈرىسى: 2- ئايەت.
([5]) «تفسير البغوي» 8-بەت، 461-بەت.
([6]) ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى مۇئەممەر (110-209ھ/ 728-824م) ھازىرقى ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە ئۆتكەن تىلشۇناس، ئەدىب ۋە ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ «مجاز القرآن»، «رسالة العققة والبررة»،  «مآثر العرب» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
([7]) «تفسير القرطبي» 20- توم، 94- بەت.
([8]) «تفسير الميسر»  595- بەت.
([9]) ھىجر سۈرىسى:95_98_ئايەتلەر.
([10]) نەجم سۈرىسى:39_ ئايەت.
([11]) «تفسير الطبري» 24-توم، 497-بەت.
([12]) «تفسير ابن كثير» 8-توم، 433-بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار