ئاللاھ يولىدا پۇل- مال سەرپ قىلىشنىڭ پايدىسى(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى«تەپسىر جەۋھەرلىرى»ناملىق تەپسىردىن)

ئاللاھ يولىدا پۇل- مال سەرپ قىلىشنىڭ پايدىسى

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى«تەپسىر جەۋھەرلىرى»ناملىق تەپسىردىن)

مۇھەممەت يۈسۈپ

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ (33) إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ (34) فَلَا تَهِنُوا وَتَدْعُوا إِلَى السَّلْمِ وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ وَاللَّهُ مَعَكُمْ وَلَنْ يَتِرَكُمْ أَعْمَالَكُمْ (35) إِنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ (36) إِنْ يَسْأَلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا وَيُخْرِجْ أَضْغَانَكُمْ (37) هَاأَنْتُمْ هَؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ (38).

تەرجىمىسى

33 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (كۇفرى، نىفاق بىلەن) ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.

34 _ شەكسىزكى، كاپىر بولغان، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ.

35- (ئى ئىمان ئېيتقانلار! جىھاد مەيدانىدا) بوشىشىپ قالماڭلار، سىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تۇرۇپ (دۈشمەننى) سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ ئەمەلىڭلار (نىڭ ساۋابى)نى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ.

36 _ دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇن _  تاماشادىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجىرىڭلارنى بېرىدۇ، سىلەردىن (بارلىق) پۇل _ مېلىڭلارنى تەلەپ قىلمايدۇ (پەقەت مەلۇم مىقدارىنى تەلەپ قىلىدۇ).

37 _ ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن (بارلىق) پۇل _ مېلىڭلارنى تەلەپ قىلىپ، تەلەپنى قاتتىق قويسا، سىلەر بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا بولغان) ئۆچلىكىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ.

38 _  (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل  _  مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار. كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، بېخىللىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ. ئاللاھ (ھېچ نەرسىگە) موھتاج ئەمەستۇر، سىلەر بولساڭلار ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.

تەپسىرى

ئى ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىنلەر! سىلەر دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشىڭلاردا ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر. پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش ياكى ئەمەل – ئىبادەتلەردە رىيا قىلىش ياكى مۇناپىقلىق ياكى يوقسۇللارغا قىلغان سەدىقەڭلار ئۈچۈن مىننەت قىلىش ۋەياكى باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار. چۈنكى مەزكۇر گۇناھلار ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى ۋە مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. بىلىڭلاركى، ھەق دىننى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولغان، كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ كىشىلەرنى ھەق دىنغا كىرىشتىن توسقان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ تائالا ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. بۇ ئايەتنىڭ بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن مۇشرىكلار ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇپەسسىرلەرمۇ بار. ئەمما ئايەتنىڭ مەنىسى ئومۇملىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئى مۇجاھىدلار! ئەگەر سىلەر جىھادنىڭ پەرزلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇستەھكەم تۇرغانلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، كاپىرلارنى بولسا خارلىققا ۋە مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، جىھاد مەيدانىدا ھەرگىز بوشىشىپ قالماڭلار، جەڭگىۋار بولۇڭلار، ئاجىزلىق كۆرسەتمەڭلار، سىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تۇرۇقلۇق، ھەرگىز دۈشمەنلىرىڭلارنى سۈلھىگە دەۋەت قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۇئمىنلەرگە غەلىبىنى ۋە ئەزىزلىكنى ۋەدە قىلىش بىلەن بىرگە، كاپىرلارغا مەغلۇبىيەتنى ۋە خارلىقنى ئىرادە قىلدى. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ھەققانىي جىھاد قىلىپ ساۋاب تاپساڭلار، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا يولسىز ئۇرۇش قىلىپ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. سىلەر ئەلۋەتتە كاپىرلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگىسىلەر. شۇڭا سىلەر كاپىرلاردەك ئۆلۈمنى يامان كۆرىدىغان، دۇنيانى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بولماڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش، شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ قۇرغان تۇزاقلىرىنى بەربات قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ياردىمى ۋە نۇسرىتى بىلەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولغانلار ھېچقاچان زىيان تارتمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ سىلەر بىلەن بىللە بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا شەرەپ سىلەرگە يېتەرلىكتۇر. قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى قىلچە كېمىيىپ كەتمەيدۇ. ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ شېھىتلىرىڭلار جەننەتلەردە، كاپىرلاردىن ئۆلگەنلەر دوزاختا بولىدۇ.

ئۇنتۇماڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇن _  تاماشىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھاياتىنى ئويۇن _ تاماشا بىلەن، مال _ دۇنياسىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان نەرسىلەر ئەمەس، چۈنكى ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغىنى ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەلدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالاغا تائەت _ ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ياشاشتىن باشقا ھەممىسى ئاخىرەتتە پايدىسىزدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيانىڭ لەززەتلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى ئاخىرەتلىك ئىشلاردىن بەند قىلىپ قويمىسۇن، ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن. چۈنكى ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى مەڭگۈلۈكتۇر ۋە ئەڭ ياخشىدۇر.

ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي ئىمان ئېيتىپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا تەقۋادارلىق دائىرىسىدە ئىش كۆرسەڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەجىرىڭلارنى ھەسسىلەپ كۆپ بېرىدۇ، ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ پۇل _ مېلىڭلارنىڭ ھەممىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەت ئاز بىر مىقدارىنى زاكاتقا بېرىشىڭلارنى، جىھادقا ئاتىشىڭلارنى بۇيرۇيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سىلەرنىڭ پۇل _ مېلىڭلارنى يوقسۇللارنىڭ ھەققىدىن پاكلاش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈندۇر. پۇل _ مالنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئاللاھ تائالا بولۇپ، قولۇڭلاردىكىسى ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگىنى ۋە ئامانىتىدۇر. سىلەر زاكات ۋە سەدىقىلەرنى بېرىش بىلەن پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئامانىتىنى يەتكۈزگەن بولىسىلەر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، پۇل _ مېلىڭلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا سەرپ قىلىڭلار، بېخىللىق قىلماڭلار. ناۋادا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ پۇل _ مېلىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلسا ۋە تەلەپنى قاتتىق قويسا، سىلەر بېخىللىق قىلىپ سەرپ قىلمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بۇ بېخىللىقىڭلار ئاللاھ يولىدا پۇل _  مال سەرپ قىلىشنى يامان كۆرىدىغانلىقىڭلارنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا پۇل _ مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلغان چېغىڭلاردا، ئاراڭلاردا پۇل _ مال سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار. كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنىغا، ئۆزىنىڭ ئاقىۋەتتىكى بەخت _ سائادىتىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. دېمەك، بېخىللىقنىڭ زىيىنى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ. شۇنىمۇ ئۇنتۇماڭلاركى، ئاللاھ تائالا سىلەردىن ۋە خەير _ ئېھسانلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە بىھاجەتتۇر. ئەمما سىلەر ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ ئاتا _ ئېھسانىغا ھەمىشە موھتاجسىلەر.

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە، نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ۋە مۇرادقا يېتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە بۇ يولدا پۇل  _  مال سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئىبادەتكە باغلىغان. سۈرىنىڭ ئاخىرى شۇنداق تاماملانغانكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن، ئۇنىڭ ئەمر _  پەرمانلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا سىلەرگە ئوخشىمايدىغان، ئاللاھ تائالاغا تولۇق ئىتائەت قىلىدىغان باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا مېڭىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر.

2. ئەمەل _ ئىبادەتلەرنى ۋە قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش نىيىتى بىلەن قىلغان ئادەم ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ.

3. كاپىرلارغا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىغا رەددىيە سۈكۈت قىلىش ياكى ئۇلارنى سۈلھى قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

4. دۇنيالىققا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرەتلىكنى ئۇنتۇپ كېتىش چوڭ بەختسىزلىكتۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى پۇشايمان بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.

5. بېخىللىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلىدىغان ناچار ئىللەت بولۇپ، قولىدا بار تۇرۇپ بېخىللىق قىلغۇچىلار ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار