ئاياللارنىڭ ئىددىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

ئاياللارنىڭ ئىددىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ لَا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَلِكَ أَمْرًا (1) فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِنْكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ذَلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا (2) وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا (3) وَاللَّائِي يَئِسْنَ مِنَ الْمَحِيضِ مِنْ نِسَائِكُمْ إِنِ ارْتَبْتُمْ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَاثَةُ أَشْهُرٍ وَاللَّائِي لَمْ يَحِضْنَ وَأُولَاتُ الْأَحْمَالِ أَجَلُهُنَّ أَنْ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْرًا (4) ذَلِكَ أَمْرُ اللَّهِ أَنْزَلَهُ إِلَيْكُمْ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُعْظِمْ لَهُ أَجْرًا (5) أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنْتُمْ مِنْ وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ وَإِنْ كُنَّ أُولَاتِ حَمْلٍ فَأَنْفِقُوا عَلَيْهِنَّ حَتَّى يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآَتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأْتَمِرُوا بَيْنَكُمْ بِمَعْرُوفٍ وَإِنْ تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهُ أُخْرَى (6) لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آَتَاهُ اللَّهُ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آَتَاهَا سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا (7).

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1 _ ئى پەيغەمبەر! (سەن ۋە مۇئمىنلەر) ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنى ئىددەت([1]) تۇتۇشىغا قولايلىق پەيتتە (يەنى ھەيزدىن پاكلىنىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار ھەمدە ئىددەت ۋاقتىنى ئوبدان ھېسابلاڭلار، رەببىڭلار بولغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئۇلار ئوپئوچۇق پاھىشە قىلىپ قويمىغان بولسىلا، ئۇلارنى (ئىددىتى توشمىغۇچە) ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقىپ كەتمىسۇن، مانا بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. (ئى تالاق قىلغۇچى!) نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئاللاھ شۇنىڭدىن (يەنى تالاقتىن) كېيىن بىرەر ئىشنى (يەنى تالاق قىلغانلىقىڭغا پۇشايمان قىلىپ، ئايالىڭنى قايتۇرۇۋېلىشىڭنى) مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

2 _ 3 _ ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دېگەندە، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ قېلىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان ياكى ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئادالەتلىك ئىككى ئادەمنى گۇۋاھ قىلىڭلار، (گۇۋاھ بولغانلارمۇ) ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدىگەن ئاساستا گۇۋاھ بولۇڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە بۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا (ئىشەنچ قىلىپ) تايانسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى.

4 _ ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيز كۆرۈشتىن ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئىددىتى توغرۇلۇق شەك قىلىپ قالساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر، تېخى ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭمۇ (ئۈچ ئايدۇر). ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

5 _ (ئى ئىنسانلار!) ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ئەمرىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ.

6 _ ئۇلارنى (يەنى تالاق قىلىنغان ئاياللارنى ئىددەت تۇتۇۋاتقان مۇددىتى ئىچىدە) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان ئۆيلەردە تۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش (ئارقىلىق كېتىشكە مەجبۇرلاش) ئۈچۈن، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەڭلار، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى نەپىقە بىلەن تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار، (بۇ خۇسۇستا) توغرا يوسۇندا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، (ئۇ بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسىمۇ بولىدۇ.

7 _ ماددىي ئىمكانىيىتى ياخشى ئادەم (بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ۋە ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالىنى) شۇ ئىمكانىيىتىگە يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ.

تەپسىرى

 ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئىددىتىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىددەت تۇتۇشىغا قولايلىق پەيتتە، يەنى ئاياللىرىڭلارنى ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن ياكى ئۇلار ئەمدىلا ھەيزدىن پاكلىنىپ تېخى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچى بولمىغان ھالىتىدە تالاق قىلىڭلار.

 ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىدا قىلىپ، ئاندىن خىتابنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا قاراتقان. بۇ بىرەر مەسئۇلغا بىرەر ئىشنى «ئۇنداق قىلىڭلار، مۇنداق قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكىلەرگىمۇ بۇيرۇغانغا ئوخشاش بىر ئۇسۇلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يولباشچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، نىدا ئۇنىڭغا قىلىنغان، بۇيرۇق بولسا ھەممىگە ئورتاق قارىتىلغان.

 تالاق ئەرنىڭ قولىغا بېرىلگەن بىر قورال بولۇپ، ئەرنىڭ ئۇنى جايىدا ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تالاق ئەر _ ئايال ئىككىسىنىڭ بىرگە ئۆتۈشكە قەتئىي سەۋرىسى قالمىغاندا، ئاجرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق چارە قالمىغاندا رۇخسەت قىلىنغان ئاخىرقى چارىدۇر. ئەمدى بۇ يەردە تالاق ھەققىدىكى شەرىئەت ھۆكمىنى قىسقىچە بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تالاق _ ئەرنىڭ ئايالىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دېمەكتۇر. تالاق ئەر _ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىغا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان، ياخشى ئۆتۈشكە ئامال بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ يېڭىدىن ھايات باشلىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى چارىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «أَبْغَضُ الْحَلَالِ إِلَى اللَّهِ تَعَالَى الطَّلَاقُ» يەنى: «ھالال ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغان ئىش تالاقتۇر»([2]) دېگەن. تالاق قىلىش ئەر _ ئايال ئىككىسى ئۈچۈن پۇشايمان كەلتۈرىدۇ. ئەر ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشتا ئايالغا نىسبەتەن سەۋرچان، چىداملىق ۋە سوغۇققان بولغانلىقى ئۈچۈن، تالاق قىلىش ھوقۇقى ئەرگە بېرىلگەن، شۇڭا ئەر بولغۇچى بۇ ھوقۇقنى جايىدا ئىشلىتىشى لازىم. ئايالىنى تالاق قىلغاندىمۇ، ئۇنى ئايلىق ئادىتى داۋام قىلىۋاتقان (يەنى ھەيزنىڭ قېنى كېلىۋاتقان) ۋاقىتلىرىدا تالاق قىلماسلىقى لازىم.

فەقىھلەر تالاقنى سۈننەت تالاق ۋە بىدئەت تالاق دەپ ئىككىگە بۆلگەن بولۇپ، سۈننەت تالاق — دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئايالىنى پاكلىق ھالىتىدە بىر قېتىم تالاق قىلىش، يەنى ئايالى ھەيزدىن پاكلىنىپ تېخى جىنسىي ئالاقە قىلىشمىغان ھالىتىدە بىر قېتىملا تالاق قىلىشتۇر. بىدئەت تالاق — دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ ھالدا تالاق قىلىش، يەنى «سەن ئۈچ تالاق» دەپ بىر سۆز بىلەن ياكى «سەن تالاق، سەن تالاق، سەن تالاق» دېگەنگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ قېتىم تالاق قىلىش ياكى ھەيزدار ۋاقتىدا ياكى تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا ۋەياكى پاكلىق ھالىتىدە بولسىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىشقاندىن كېيىن تالاق قىلىشتۇر[3].

ئەر ئايالىنى تالاق قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە رىئايە قىلىشى لازىم:

1. ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلماسلىق. ئايالىنى تالاق قىلىشنى خالىغان كىشى ئۇنى ھەيزدار ھالىتىدە ئەمەس، ئۇنىڭدىن پاكلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنلاشماي تۇرۇپ تالاق قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.

ھەيزدار ئايالنى (ئادەت كۆرۈۋاتقان ئايالنى) تالاق قىلسا تالاق چۈشەمدۇ؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئايالىنى ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلىدە تالاق قىلىۋەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا مۇنداق دېگەن: «مُرْهُ فَلْيُرَاجِعْهَا، ثُمَّ لِيُمْسِكْهَا حَتَّى تَطْهُرَ، ثُمَّ تَحِيضَ ثُمَّ تَطْهُرَ، ثُمَّ إِنْ شَاءَ أَمْسَكَ بَعْدُ، وَإِنْ شَاءَ طَلَّقَ قَبْلَ أَنْ يَمَسَّ، فَتِلْكَ العِدَّةُ الَّتِي أَمَرَ اللَّهُ أَنْ تُطَلَّقَ لَهَا النِّسَاءُ» يەنى «ئوغلۇڭنى بۇيرىغىن، ئايالىنى قايتۇرۇۋالسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال ھەيزدىن پاكلانغۇچىلىك نىكاھىدا تۇتسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ يەنە پاكلىنىپ بولغان ۋاقتىدا، خالىسا ئۇنى نىكاھىدا ساقلىسۇن، خالىسا ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنلاشماي تۇرۇپ تالاق قىلسۇن. مانا بۇ ئاللاھ تالاق قىلىنماقچى بولغان ئاياللارغا بۇيرۇغان ئىددەتتۇر»[4].

ئۆلىمالار ھەيزدار ھالىتىدە قىلىنغان تالاقنىڭ بىدئەت تالاق ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ھەيزدار ئايالغا تالاق چۈشەمدۇ ياكى چۈشمەمدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، «كۆپ سانلىق ئۆلىمالار، ھەتتا ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق مەشھۇر تۆت مەزھەپ ئالىملىرى ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىش بىدئەتتۇر، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلغان ئادەم گەرچە گۇناھكار بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلغان تالىقى چۈشىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەڭ كۈچلۈك قاراشتۇر»[5]. ئەمما ئەللامە ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەييىم جەۋزى قاتارلىق ئۆلىمالار ھەيزدار ھالىتىدە قىلىنغان تالاق چۈشمەيدۇ، دەپ قارايدۇ[6]. چۈنكى بۇ بىدئەت تالاق بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنداق تالاق قىلىشقا يول قويمىغان ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مَنْ عَمِلَ عَمَلًا لَيْسَ عَلَيْهِ أَمْرُنَا فَهُوَ رَدٌّ» يەنى «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ» ([7]) دېگەن.

2. بىردىن ئارتۇق تالاق قىلماسلىق. ئايالنى بىردىن ئارتۇق _ ئىككى ياكى ئۈچ تالاق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر.

ئىددەت تۇتقۇچى ئاياللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

1. بىر تالاق قىلىنغان ئاياللار

2. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار

3. ئۈچ تالاق قىلىنغان ئاياللار

بىر تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئايال

بىر تالاق بىلەن ئېرىدىن ئايرىلغان ئايال گەرچە تالاق قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ، ئىددەت ۋاقتى تۈگىگەنگە قەدەر ئېرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئىددەت توشقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئېرى ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا نىكاھسىز ۋە مەھرىسىز قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. ئىددەت ۋاقتى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ ئايال ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ ئايالنىڭ ياتلىق بولۇشى جائىزدۇر. ئەمما ئايال ئېرىنىڭ ئىددىتىدىن چىقىپ بولمىغۇچە ئۇنىڭغا سۆز سېلىش ياكى رەسمىي سۆز سالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆيلىنىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ قويۇشمۇ قەتئىي جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇ ئايال ئېرىنىڭ ئىددىتىدىن چىقىپ بولمىغان مۇددەت ئىچىدە ئېرىنىڭ زىممىسىدا بولىدۇ. ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ بولمىغان بىر ئايالنى ئالىمەن دېيىش جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ يارىشىپ قېلىش ئېھتىمالى بار ۋە يارىشىۋېلىشقا پۇرسىتىمۇ بار.

ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال

ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ھىسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئادەتتە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا ھامان بىراۋ خېرىدار بولسا، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرى چوقۇم بىئارام بولىدۇ، بالىلىرى بولسا پەرىشان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئايالنىڭ ھەرقانداق كىشىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ماتەم تۇتۇشىنى قەتئىي چەكلىگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئېرى ئۈچۈن 4 ئاي، 10 كۈن ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى، ئەر _ خوتۇنلۇق رىشتىسى ئالاھىدە مۇقەددەس بىر باغلىنىشتۇر. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال 4 ئاي، 10 كۈن ئىددەت تۇتقاندىن كېيىن ياتلىق بولسا بولىدۇ.

ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال

ئۈچ تالاق بىلەن ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ ئىددىتى توشقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا، باشقا ئەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا سۆز سېلىشى (ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇشى) ياكى ئۆيلىنىشكە كېلىشىشى جائىزدۇر. چۈنكى، ئۈچ تالاق بىلەن ئايرىلغان ئايال ئېرى تالاق قىلغان ھامان ئۇنىڭ زىممىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ — تالاق قىلىنغان ئېرىدىن ئېغىر ئاياقمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن — پەقەت ئۈچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلىنىشىلا قالغان بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئېرى ئۇنى يېڭىدىن نىكاھ قىلىش بىلەنمۇ ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ. پەقەت ئۇ ئايال باشقا بىرىگە ئۆمۈرلۈك خوتۇن بولۇش نىيتىدە نىكاھلىنىپ، كېيىن ئېرى ئۆلگەن ياكى ئايرىلغانغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇر ئېرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىرىنچى ئېرىگە يېڭى نىكاھ بىلەن قايتالايدۇ. شۇڭا ئۈچ تالاقنىڭ ئىددىتى ئىچىدىكى ئايالغا باشقىلارنىڭ ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشكە كېلىشىشى جائىزدۇر.

ئىددەت نېمە ئۈچۈن بۇيرۇلغان؟

ئىددەت ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بىر ھۆكۈم بولۇپ، ئۇنىڭ ھېكمىتىنى ۋە سەۋەبىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. بىز پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلدۇق. ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىنىڭ بۇيرۇلىشىدا ئەلۋەتتە ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان ھېكمەتلەر بار. ئىلىم _ پەن ئىلگىرلىگەنسېرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا چىققاندەك، ئىسلام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەھكاملارنىڭ ھېكمەتلىرىمۇ بىر _ بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدىكى ئايەتلەردە، ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى كۆپ قېتىم تەكرار بايان قىلغان. بۇنداق قىلىش مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى ئائىلىگە دۆلەت قانۇنى كۇپايە قىلمايدۇ، دىننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمۇ بەزى كىشىلەرنى قىلمىشىدىن توسالمايدۇ. شۇڭا ئائىلىگە تەقۋالىق زۆرۈردۇر. ئەر _ ئايال بولغۇچىلاردا تەقۋالىق بولمىسا، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىدا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بولمىسا، ئۆزلىرىدە ئىنساپ، ئادالەت بولمىسا، ئۇلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلغاننىڭ ئانچە پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئائىلىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قانۇن تەقۋالىقتۇر.

تەقۋالىق

تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ساقلىنىش» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلام ئاتالغۇسىدىكى مەنىسى: ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابى ئوتتۇرىسىدا توساق پەيدا قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇفتىسى ئەللامە ئىبنى باز مۇنداق دېگەن: «تەقۋالىق دېگەن ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۇلۇغلاپ، جەننەتنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن مۇھەببەت باغلاپ، دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئورۇنداش، مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر»[8].

ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋالىق ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ: «سىز تىكەنلىك يولدىن مېڭىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغان. ھەزرىتى ئۆمەر: «ھەئە» دېگەندە، ھەزرىتى ئۇبەي يەنە ئۇنىڭدىن: «قانداق ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىغان. ئۆمەر: «پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماڭدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇبەي ئۇنىڭغا: «تەقۋالىق دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ»([9]) دېگەن.

 يەنى تىكەنلىك جايدىن ماڭغان ئادەم پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىيان _ زەخمەتتىن قوغدىغاندەك، تەقۋادار ئادەممۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە گۇناھ، يامان ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇپ ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەمىشە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.

تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توشماستىن، ئۇنى ئەرنىڭ ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىش چوڭ يولسىزلىقتۇر. چۈنكى ئايال ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئۇنىڭ بارلىق چىقىمى ئەرنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ. ناۋادا بۇ ئايال ئىددەت ئىچىدە زىنا قىلغان ياكى ئوغرىلىق قىلغان بولۇپ، بۇ جىنايەت ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭ ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ھەققى قالمىغان بولىدۇ. ئەمما باشقا قانداقلا بىر ئەيىب بىلەن ياكى قۇرۇق تۆھمەت بىلەن ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىدىن چەتنەپ كەتكۈچىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ۋە ئۆزلىرىنى قاتتىق ئازابقا تۇتقان بولىدۇ. ناۋادا ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى كېلىشىپ ئايال ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەرنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتسە، بەزى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە جائىزدۇر.

ئايالنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغاندا، ئەر ياخشى ئويلىنىپ، ئاجرىشىش بىلەن يارىشىپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىگە تۇرۇشى لازىم. ئاجرىشىشقا ياكى يارىشىپ قېلىشقا ئادالەتلىك ئىككى مۇسۇلمان ئادەمنى گۇۋاھ قىلىش ياخشىدۇر. ئەمما ئۇ شەرت ئەمەس، پەرز ياكى ۋاجىبمۇ ئەمەس. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە گۇۋاھ قىلدۇرۇشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ. مۇستەھەب _ ياخشى كۆرۈلگەن ئىش دېگەنلىكتۇر.

بۇ بايانلاردىن پەقەت ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىنلەرلا ئۈگۈت ئالىدۇ. ئەمما باشقىلار بۇلاردىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ.

ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى

تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى كېرەك.

ئىددەت — تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتگەن ئايالنىڭ ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە قەدەر بولغان مەزگىل دېگەنلىكتۇر. ئىددەت تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

1. ھەيز كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيزدۇر، يەنى ئېرى تالاق قىلغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ھەيز كۆرۈش ئارقىلىق ئىددەتتىن چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئايال ئېرىنىڭ زىممىسىدىن پۈتۈنلەي چىققان بولىدۇ.

2. ھەيز كۆرمەيدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. يەنى ھەيز كۆرۈشتىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئەرلىرىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ تولۇق ئۈچ ئاي بولىدۇ.

3. ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر بولۇپ، ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغۇپ بولۇپ، تۇغۇتنىڭ قېنىدىن تولۇق پاكلانغاندىن كېيىن ئىددەتتىن چىققان بولىدۇ.

4. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى تۆت ئاي ئون كۈندۇر. ئەگەر بۇ ئايال ھامىلىدار بولسا، ئۇنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر بولىدۇ.

بىراۋ بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ياكى ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتە بولماي تۇرۇپ ئايرىلىپ كەتكەن بولسا ۋەياكى ئەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئايال ئىددەت تۇتمايدۇ.

ئايالنىڭ ئىددەتتىن چىققانلىقى ئۇنىڭ ياتلىق بولۇشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. ئىددەتتىن چىقمىغان ئايالغا نىكاھ چۈشمەيدۇ.

 بالا ئېمىتىش

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاتا  _  ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن ئوتتۇرىدا قالغان بوۋاقلارنى ئۆز ئانىسى ئېمىتىدۇ. ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆز بوۋىقىنى ئېمىتىپ بەرگەنلىكىگە ئاتىسىنىڭ ھەق تۆلىشى پەرز ئەمەس. ئانا ئەگەر ھەق تەلەپ قىلسا، ئەرنىڭ قۇربى يەتسە بەرسە بولىدۇ. ﴿(بۇ خۇسۇستا) توغرا يوسۇندا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، (ئۇ بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسىمۇ بولىدۇ﴾ دېگەن ئايەت بالىنى ئېمىتىش مەسىلىسىدە ئاتا _ ئانا ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا كېلىشىپ ئىش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئانا ئېمىتىشنى خالىمىسا، باشقا بىر ئايالغا ئېمىتىشكە بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئانا بالىسىنى ئېمىتىشكە مەجبۇرلانمايدۇ. ئەمما بالا باشقا ئايالنى ئەمگىلى ئۇنىمىسا، بۇ ۋاقىتتا ئۆز ئانىسىنىڭ ئېمىتىشى زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.

نەپىقە

قۇچىقىدا بالىسى بار ئايالنى تالاق قىلغان ئادەمنىڭ بۇ ئايالنى ۋە بالىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. ﴿ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك _  ئىچمەك ۋە كىيىم _  كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتمىسۇن﴾([10]).

ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ بالىسىنى ئۆزى ئېلىۋالغان ئاتىنىڭ بۇ ئايالنى بالىسىنى ئېمىتىشكە زورلاش ھەققى يوقتۇر. گەرچە بالا ئۆزىنىڭ بولسىمۇ ئانا خالىسا ئۆزى ئېمىتىدۇ، خالىسا باشقا ئىشەنچلىك ئانىنىڭ ئېمىتىشىگە رازى بولىدۇ. ئاتا _  ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىلار ئەقىل  _  ئىدراكقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئوغۇل بالىلار ئاتىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ يېنىدا، قىزلار ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىغا پىشىشى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغىنى ياخشى دېيىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقى جەمئىيەتتە، كۆپلىگەن كىشىلەر ئائىلە دەۋالىرىنى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۆز ئارىلىرىدا ھەل قىلماستىن، بىر _ بىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىپ سوتلارغىچە بېرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى خار ۋە رەسۋا قىلغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئارىسىدىكى مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىمۇ يوقىتىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئېسىگە ئالمايدۇ: ﴿ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾ ([11]).

مۇھىم نۇقتىلىرى

1.      ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان ئادەم ئۇنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى ھەيزدىن پاكلىنىپ تېخى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن ھالىتىدە تالاق قىلسا بولىدۇ.

2.      تالاق ئىككى قېتىمدىن كۆپ بولماسلىقى لازىم. ﴿ (يارىشىۋېلىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (ئايالنى) ياخشىلىق بىلەن تۇتۇش، ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىش لازىم﴾[12] يەنى ئىككى قېتىم تالاق قىلىپ قايتا ياراشقاندىن كېيىن، ئەرنىڭ ئالدىدا ئەگەر تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا، ئايالنى دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن بويىچە تۇتۇپ قېلىش، ئەگەر ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولسا، ئايالغا زىيان يەتكۈزمەي، زۇلۇم قىلماي ۋە ئابرۇيىنى چۈشۈرمەي چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول قالغان بولىدۇ.

3.           ئاياللارنىڭ ئىددىتىنى ساناپ چىقىش زۆرۈردۇر. چۈنكى كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئىددەتنىڭ ۋاقتىغا باغلىقتۇر.

4.           تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتى توشمىغۇچە ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ھەققىگە ئىگىدۇر.

5.      ئايالىنى تالاق قىلىپ بولۇپ پۇشايمان قىلغان ئەر ئايالىنى ئىددىتى توشمىغۇچە قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. ئەمما ئىددەت توشقاندىن كېيىن ئۇنى ئۈچ تالاق قىلمىغان بولسا قايتا نىكاھ بىلەنلا قايتۇرۇپ ئالالايدۇ.

6.           ئاياللارنى ياتلىق بولۇشتىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قويۇپ بەرمەي ياكى ياراشماي تۇتۇپ تۇرۇش ھارامدۇر ۋە زۇلۇمدۇر.

7.      ئاللاھ تائالادىن ھەقىقىي قورقىدىغان ۋە ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

8.      تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توشقانغا قەدەر ياكى ھامىلىدار بولسا تۇغقانغا قەدەر ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، چىقىملىرىنى قىلىش ئەرنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر.

9.           ھەركىم ئۆزىنىڭ چامىنىڭ يېتىشىچە چىقىم قىلىدۇ، ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلانمايدۇ.([1]) ئىددەت _  ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن كۈتىدىغان مۇددەتتۇر.
([2]) «سنن أبو داود» 4-توم، 255-بەت، 2178-ھەدىس،«السنن الكبرى للبيهقي» 7-توم، 527-بەت، 14894-ھەدىس.
[3] «فقه السنة» المكتبة العصرية – بيروت، 2005م.  2- توم، 403- 4040- بەتلەر.
[4] «صحيح البخاري» 7-توم، 41-بەت،  5251 – ھەدىس، «صحيح مسلم» 2-توم، 1093-بەت، 1471-ھەدىس.
[5] «اسلام ويب» رقم الفتوى: 179889.
[6] www.fatwa.islamweb.net: 23-6-2004.
([7]) «صحيح البخاري» 9-توم، 107-بەت، 2550-ھەدىس، «صحيح مسلم» 3-توم، 1343-بەت، 1718-ھەدىس.[8] «التقوى تعريفها وفضلها ومحذوراتها وقصص من أحوالها» عمر الأشقر، 2012م، الطبعة الأولى، عمان: دار النفائس، 9- بەت.
([9])«تەپسىر ئىبنى كەسىر»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1 _  توم، 28 _  بەتتىن.
([10]) بەقەرە سۈرىسى: 233 ـ ئايەت.
([11])    بەقەرە سۈرىسى: 237 ـ ئايەت.
[12]


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار