بىر ئايەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش

بىر ئايەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش

(نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى «تەپسىر جەۋھەرلىرى»دىن)

مۇھەممەد يۈسۈپ

)وَاجْعَلْنِي مِنْ وَرَثَةِ جَنَّةِ النَّعِيمِ( «مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن».

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «مىراس بىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىنىدىغان نەرسە. جەننەت قانداق مىراس بولىدۇ؟

ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ›ئاللاھ تائالا جەننەتنى ئۇنىڭغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن ياراتمىغان، دوزاخنىمۇ شۇنداق. چۈنكى ئاللاھ تائالا جەننەتنى بارلىق ئىنسانلارنىڭ سانىغا ئاساسەن، يەنى ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئېيتسا ھەممىسى سىغىدىغان قىلىپ ياراتقان. دوزاخنىمۇ ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى كاپىر بولغان ھەممىسى سىغىدىغان قىلىپ ياراتقان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىختىيار ئىگىسى قىلىپ ياراتقان بولۇپ، خالىغان كىشى ئىمان ئېيتىدۇ، خالىغان كىشى كاپىر بولىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، جەننەتنى مىراس ئېلىش دېگەنلىك مۇئمىنلەرنىڭ كاپىرلارنىڭ جەننەتتىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولۇشى دېگەنلىكتۇر.

مىراس ئالغۇچى ئۇنى بەدەلسىز خۇددى ھەدىيە ئورنىدا ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇئمىنلەر جەننەتنى ئۆز ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامى بولغان ئالدا مىراس ئالىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسىنى تەستىقلايدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: ›ھېچكىم ئۆز ئەمەلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ‹ دېگەندە، ساھابىلەر: ›يارەسۇلۇللاھ!ئۆزلىرىمۇ شۇنداقمۇ؟‹ دەپ سوراشقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ›مەنمۇ شۇنداق، پەقەت مېنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتى بىلەن قورشىغاندىلا ئاندىن كىرەلەيمەن‹ دېگەن.

بەزى ئۆلىمالار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹جەننەت مىراستۇر. چۈنكى سىز ئەسلىدە قىلغان ياخشى ئەمەلىڭىز ئۈچۈن ئاخىرەتتە مۇكاپات ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەس، چۈنكى سىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەلىڭىز ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان دىنىي مەجبۇرىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ پايدىسى مۇشۇ دۇنيادا ئۆزىڭىزگە قايتىدۇ. سىز شۇ ياخشى ئەمەلىڭىز بىلەن ھاياتىڭىزنى توغرا بىر يۆنىلىش ئۈستىگە قۇرغان بولىسىز ۋە ئۆزىڭىز بەختلىك ھەم ھۇزۇرلۇق بىر ھاياتتا ياشايسىز. سىز ئوقۇندىغان دىنىي مەجبۇرىيەتلەر سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن بولغان تۇرسا، سىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئەجىر تەلەپ قىلىسىز؟ بىر ئاتا بالىسىنى ياخسى ئوقۇشقا ۋە دەرسلىرىنى ئوبدان مۇزاكىرە قىلىشقا ئۈندىگەن بولسا، بۇنىڭ پايدىسى ئاتىغا قايتامدۇ ياكى بالىغىمۇ؟ ئەلۋەتتە بالىغا قايتىدۇ. گويا ئاللاھ تائالا سىزگە دەيدۇكى، ئى بەندەم! سەن مەن بۇيرۇغان دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا ئىتائەت قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئىكەنسەن، ئەلۋەتتە مەن ساڭا جەننەتنى ھەدىيە قىلىپ ئاتا قىلىمەن›».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار