ئىستىقامەت كارامەتنىڭ ئۆزىدۇر

ئىستىقامەت كارامەتنىڭ ئۆزىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىستىقامەت لۇغەتتە — تۈپتۈز، راۋۇرۇس تۇرۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا «دىندا چىڭ تۇرۇش، ئېتىقادتا ۋە ئەمەلدە مۇستەھكەم بولۇش» دېگەنلىك بولۇپ، ئىستىقامەتنىڭ ئەكسى يولدىن چىقىپ كېتىش دېگەنلىكتۇر. خۇددى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىز ھالاك بولغاندەك، دىننىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكەن ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ھازىرلايدۇ. ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىش جاپالىق ئىش بولۇپ، تائەت- ئىبادەتتە ئىزچىللىقنى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن قېچىشتا ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندا فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ يەنى ‹(ئى پەيغەمبەر!) بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) راۋۇرۇس بولغىن› دېگەن ئايەتتىن ئېغىر ئايەت نازىل بولغان ئەمەس» دېگەن. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەت توغرۇلۇق: «مېنى ھۇد سۈرىسى قېرىتىۋەتتى» دېگەن. يەنى مۇسۇ ئايەتنىڭ مەسئۇلىيىتى مېنىڭ بېلىمنى ئېگىپ قويدى دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش ئوڭاي ئىش ئەمەس. بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىيىن كەلگەن يەردە، بىزلەرگە ئەلۋەتتە قىيىندۇر. لېكىن بىز بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلمايمىز، غەپلەتتە ھايات كەچۈرىمىز.

ئىستىقامەت ئىماننىڭ كامالىتىدۇر
ئىستىقامەت ئىماننىڭ كامىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئالىي مەرتىۋە بولۇپ، مۇئمىن ئادەم ئەقىدە، ئەخلاق، مۇئامىلە، ئىبادەت، گەپ- سۆز، تەپەككۇر قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مۇستەھكەم بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ : «بەندىنىڭ قەلبى مۇستەھكەم بولمىغۇچە ئۇنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم بولمايدۇ، ئۇنىڭ تىلى توغرا بولمىغۇچە قەلبى مۇستەھكەم بولمايدۇ» دېگەن. بىر كۈنى سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەقەفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: يارەسۇلۇللاھ! ماڭا مەن سىلىدىن كېيىن ھېچىكىمدىن سوراشقا ھاجىتىم قالمايدىغان بىر كەلىمە سۆز ئۆگىتىپ قويغان بولسىلىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىمان ئېيتتىم دېگىن، ئاندىن توغرا يولدا راۋۇرۇس بولغىن» دەپ ئۆگەتكەن . يەنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىپ ئىسلام يولىغا كىرگەندىن كېيىن، شۇ يولدا توپتوغرا ۋە ئىزچىل ماڭغىن دېگەنلىكتۇر.

ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكەن كىشىلەرگە خۇش خەۋەر
ھاياتىنى ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم جان ئۆزىدىغان ۋاقتىدىمۇ بۇ دۇنيادىن خۇشاللىق بىلەن ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا رەھمەت پەرىشتىلىرى چۈشۈپ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر ھەققىدە خۇشخەۋەر بېرىدۇ. إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ . نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآَخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ «شۈبھىسىزكى، ‹رەببىمىز ئاللاھتۇر› دېگەن، ئاندىن (شۇ ئىمانىدا) مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: ‹قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار› دەيدۇ» .

ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى
دىنىمىزدا ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، مۇئامىلىۋى ئىبادەت، يەنە بىرى، سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر.
سىمۋوللۇق ئىبادەت— ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇئان ئوقۇش، زىكىر ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرگە مەركەزلىشىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ.
مۇئامىلىۋى ئىبادەت— دۇرۇسلۇق ۋە ھەققانىيلىق دېگەنلىك بولۇپ، مۇئامىلە بىلەن ئەخلاققا مەركەزلىشىدۇ، يەنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ۋە مەخلۇقاتقا دۇرۇس ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر.
سىمۋوللۇق ئىبادەت سىزدىن ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، زاكات بېرىش قاتارلىق پەرزلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇئامىلىۋى ئىبادەت سىزدىن راست گەپ قىلىشنى، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، ھەر ئىشتا دۇرۇس ۋە توغرا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

دىننىڭ غايىسى مۇئامىلىۋى ئىبادەتتۇر
ئىسلام دىنىمىزنىڭ غايىسى مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەردە ئەكس ئەتكەن. ھەبەشىستان (ھازىرقى ئېپوپىيە) پادىشاھى نەجاشى پاناھلىنىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن «دىنىڭلارنى ماڭا چۈشەندۈرۈڭلار» دېگەندە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئى پادىشاھ! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا - پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، ھۆر كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق قەۋم ئىدۇق. ئاللاھ بىزگە بىز نەسىبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى. بىزنى زىنا - پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى يەۋىلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلدى»( )
مۇئامىلىۋى ئىبادەت غايە، سسىمۋوللۇق ئىبادەت ۋاسىتەدۇر. بۇنىڭ مەنىسى سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن:
1. ناماز يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ «ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ» .
2. روزا تەقۋالىققا ئېرىشتۈرىدۇ.  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋالىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى » .
3. زاكات گۇناھتىن پاكلايدۇ. خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن» .
4. قۇرئان ئوقۇش ئىماننى كۈچەيتىدۇ.  إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آَيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا «ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، (ھەر ئىشتا) رەببىگە تايىنىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر» .

سسىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋى ئىبادەتلەردىكى نۇقسانلارنى تولدۇرالمايدۇ
مۇئامىلىۋى ئىبادەت مۇئامىلىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى ئەمەلى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»( ) دېگەن.
بۇ ھەدىستە ئىبادەت بىلەن مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ھەدىستە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك:
«ناماز»— ئىبادەتتۇر،
«زاكات»— ئىبادەتتۇر،
«روزا»— ئىبادەتتۇر.
ئەمما «بىرىنى تىللاش»— مۇئامىلىدۇر،
«بىرىگە تۆھمەت چاپلاش»— مۇئامىلىدۇر،
«بىرىنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋېلىش»— مۇئامىلىدۇر،
«بىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈش»— مۇئامىلىدۇر.
بۇ ھەدىستىن مۇئامىلىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك ئىبادەتنىڭ ئۆز كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە پايدىسى بولمىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مۇئامىلىۋى ئىبادەت ئورۇندالمىسا سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ
مۇئامىلىۋى ئىبادتلەرنى ئورۇندىمىغان كىشى قىلغان سىمۋوللۇق ئىبادەتلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا مېۋىسىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاخىرەتتە مۇكاپاتىنى كۆرەلمەيدۇ، بۇ ئىبادەتلىرىدىن قىلچىلىك مەنپەئەت ئالالمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
1. ناماز
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بولغان بىر كىشىلەرنى بىلىمەن. ئۇلار قىيامەت كۈنى تىھامە تاغلىرىدەك كاتتا ۋە كۆپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېلىدۇ، ئەمما ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىدۇ». ساھابىلەردىن بىرى: «يا رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنى بىزگە سۈپەتلەپ بەرگەيلا، بىز ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىلىۋالايلى» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلار سىلەرنىڭ دىنداشلىرىڭلار ۋە ئۆزۈڭلاردىندۇر. ئۇلارمۇ كېچىلەردە سىلەر ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇيدۇ، لېكىن يالغۇز قالغاندا ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ» .
ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن: زىنا قىلىش، ھارام يېيىش، جازانە قىلىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق قاتارلىق چوڭ گۇناھلارنى كۆزدە تۇتۇلغاندەك، قوشنىلارغا ئەزىيەت بېرىش، يولدا كىشىلەرگە يول بەرمەسلىك، پەرزەنتلىرىگە ۋە جورىسىغا قوپاللىق قىلىش قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كىچىك سانالغان گۇناھلارمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردۇر.
2. روزا
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەر قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى يالغان گەپنى ۋە يالغان بىلەن ئىش قىلىشنى تاشلىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاچ ۋە ئۇسسۇز قويۇپ تۇتقان روزىسىغا ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق» يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ روزىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ھەدىس غەيۋەت، يالغان گەپ، ئەزىيەت قاتارلىق گۇناھلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇتقان روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى توغرۇلۇق كەلگەن بولۇپ، گۇناھتىن ساقلىنىش مۇئامىلىۋى ئىبادەتتۇر، روزا تۇتۇش سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. مۇئامىلىۋى ئىبادەت ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن سسىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ ساۋابى بىكار بولۇپ كەتكەن.
3. زاكات
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:  قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ «(ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك (پۇل _ مال) سەرپ قىلىپ كېتىڭلار، ئۇ سىلەردىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋمسىلەر» . زاكات بېرىش سىمۋوللۇق ئىبادەت، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش مۇئامىلىۋى ئىبادەت. سىمۋوللۇق ئىبادەت ئورۇندالغان بولسىمۇ، مۇئامىلىۋى ئىبادەت ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن، سىمۋوللۇق ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ.
4. ھەج
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ھارام پۇلغا ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، لَبَّيْكَ اللَّهُمَّ لَبَّيْكَ (ھازىر بولدۇم، ئى ئاللاھ! ھازىر بولدۇم) دېگەندە، ئاسماندىن بىر چاقىرغۇچى نىدا قىلىپ، ‹ھازىر بولمىدىڭ، بەختلىك بولمىدىڭ، قىلغان ھەججىڭ قوبۇل ئەمەس› دەيدۇ» . چۈنكى، ھەج سىمۋوللۇق ئىبادەت، ھاھالدىن پۇل تېپىش مۇئامىلىۋى ئىبادەت. شۇڭا مۇئامىلىۋى ئىبادەت ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن، سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
5. دۇئا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»( ). چۈنكى، ھارامدىن يىراق تۇرۇش، ھالالدىن يېيىش، ھالالدىن ئىچىش ۋە ھالالدىن كىيىنىش مۇئامىلىۋى ئىبادەتتۇر، دۇئا قىلىش سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. بۇ ھەدىستە مۇئامىلىۋى ئىبادەت بولغان ھارامدىن يىراق تۇرۇش ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن سسىمۋوللۇق ئىبادەت بولغان دۇئا ئىجابەت قىلىنمىغان.

تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق جەننەتنىڭ كاپالىتىدۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاقتۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ گۈزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: «مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن»( ) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «قىيامەت كۈنى مۇئمىن كىشىنىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ ئەمەل يوقتۇر» دېگەن( ).
گۈزەل ئەخلاق دېگەن كۆپىنچە كىشىلەر چۈشەنگەندەك يالغاندىن تەبەسسۇم قىلىپ قويۇش ياكى بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويۇش ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەخلاق — مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇش، گەپ-سۆزدە راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپادار بولۇش، دىن ۋە دۇنيالىق ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ۋە سۆيگۈ - مۇھەببەتتە سەمىمىي بولۇشتۇر.
تەقۋالىق دېگەن نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنگەندەك كۆپ ئىبادەت قىلىش، مۇسۇلمانچە كىيىنىش ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق —ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ياشاشتۇر. كىشىلەرنى دوزاختىن ساقلاپ، جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئاساسلىق ئەمەللەر مانا مۇشۇلاردۇر. جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە بۇ ئەخلاقنى نېسىپ قىلغاي، ئامىن.
 
 
 
 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار