ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ كەتمەڭ!

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ كەتمەڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

فېيسبۇك، ئىنىستاگرام، تىۋېتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە بىرەردىن غەرىزى ۋە مەقسىتى بار. بەزىسى ياخشىلىقنى تارقىتىپ ساۋاب تېپىشنى خالايدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن. بەزىسى ئۆزىنى مەشھۇر قىلىشنى خالايدۇ، بەزىسى پىتنە- پاسات تېرىشنى خالايدۇ، بەزىسى ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە بولغان ھەسەتنى ئوبزور، تەنقىد، تۈزىتىش دېگەندەك ئىسىملار بىلەن پەردە ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار دادىسى قويغان ئىسىم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان دەرىجىدە نامەرد ۋە قورقۇنجاق مەخلۇقلاردۇر. بەزىسى زمزەم قۇدۇقىغا سىيگەن ئەرەبكە ئوخشاش خەلق مېنى تىللىسىمۇ نامىم چىقسۇن دەپ ئىش كۆرىدۇ، بەزىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنى ، شۇنداقلا مۇھىم شەخسلەرنى ئېتىباسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن خوجايىنلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بەزىسى كىم كۆپ يۈرەك بەرسە مەنمۇ ئەل قاتارىدىن قېلىپ قالماي دەپ ئۆزى ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ باقمىغا ياكى چۈشەنمىگەن نەرسىلەرگە يۈرەك بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قىلمىشلىرىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ يېزىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ھېچ ئەنسىرىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ 1، چىۋىندەك پاكىز ۋە پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قونماي، ھەسەل ھەرىسىدەك پاكىز، خۇشپۇراق نەرسىلەرگە قونۇڭ. مەيلى تارقىتىڭ ياكى يۈرەك بېرىڭ، بۇ قىلغىنىمنى ئاللاھ ياخشى كۆرەمدۇ ۋە خەلقىمگە پايدىلىقمۇ دېگەننى ئوبدان ئويلاپ ئىش كۈرۈڭ. 2. نېمىنى تارقىتىڭ ۋە نېمىگە يۈرەك بېرىڭ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا چوقۇم ھېساب بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى قىيامەت كۈنى ئاشۇ بارماقلىرىڭىز سىزگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 3. بارماقلىرىڭىزنىڭ سىزنى يا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە مەغپىرىتگە ياكى ئۇنىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا ئېلىپ بارىغانلىقىنى ئوبدان ئويلاپ ئىش كۆرۈڭ. 4. بىراۋنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرگەن ياكى تىللىغان نەرسىلەرنى تاقىتىپ ياكى يۈرەك بېرىپ، غەيۋەتكە ۋە تۆھمەتكە شېرىك بولۇپ قالماڭ، چۈنكى ئۇ چاغدا ئىبادەتلىڭىز سىزنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 5. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆزلىگەن ياكى يازغان كىشىلەرنى يېتەرلىك تونۇمىسىڭىز ياكى كۆرۈب باقمىغان بولسىڭىز ئىشىنىپ كەتمەڭ. چۈنكى، دۈشمەن سىزنى قايىل قىلىدىغان قەھرىمانلارنى ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدۇ. مۇنداقلا سىزنى تەنقىدلىگەن ياكى سىزگە قارىتىپ ئوبزور يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار بازار تاپالمايدۇ. ئۇلار بۇ ئالەمدە سىزگە ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتەلمىگەندەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغىمۇ يۈزى يوق چىقىدۇ. 6. دىنىي مەسىلىلەردە تېگى- تەكتى بىلىنمىگەن ياكى دادىسى ئەزان چاقىرىپ قويغان ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقالمايدىغان ياكى يېڭىدىن تور دۇنياسىغا پەيدا بولۇپ قالغان ئەللامىلەرگە ئىشىنىپ كەتمەڭ. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئىشەنمىگەن ئادەمگە سىز قانداق ئىشىنىسىز؟ ئۇنتۇماڭكى، ئۆتمۈشلەردە ئەجدادىمىز بۇنداقلارنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان. سىز ھەرگىز تاقما ئىسىم قوللانماڭ، چۈنكى، ئىسمىڭىزنى يوشۇرغان بىلەن، قىلمىشىڭىزنى ئاللاھتىن يوشۇرالمايسىلەر. ئىنسالار سىزنى ئەدەپلىيەلمىگەن بىلەن، ئاللاھ جازالىيالايدۇ. (سىياسىي جەھەتتىن ئۆزرىسى بار كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا). 7. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قوللىنىشقا چەك قويۇڭ. چۈنكى ھەربىر ۋاقتىڭىز ئۆمرىڭىزنىڭ بىر پارچىسىدۇر. قىيامەت كۈنى ئاۋۋال ئۆمۈرنى نېمىگە سەرپ قىلغانلىقتىن سورىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا ھېساب بېرەلمەيدىغان، ۋىجدانىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان ئىشنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ھاياتتا مەشھۇر بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، مۇھىم ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. چۈنكى، تىللاردا داستان بولغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈلگىلىك زاتلار ھەممىسى مۇھىم كىشىلەر ئىدى. ئاخىردا شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماڭكى، ئېنترنېت سىزنىڭ ياخشى يوللارغا قوللىنىشىڭىز ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان بىر نېمەت. شۇڭا ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ۋە خەلقىڭىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىڭكى، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ياكى بىراۋلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەپ ئاللاھقا يۈز كېلەلمەيدىغان چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى يۆگەپ تۇرسا، سىز ئاچىمەن دېسىڭىز، ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان بولىسىز. بۇ جەڭدە يېڭىپ چىقالامسىز؟ پىرئەۋنمۇ يېڭەلمىگەن، ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشىغان كۈچلۈك قەۋملەرمۇ يېڭىلگەن. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ئۆتىدۇ، ئەمما بەندىلىرىنىڭ ھەقلىرىدىن ئۆتمەيدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار