دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى

دىنىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى

   مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىختىلاپ ئىنسان بالىسىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى يەنە بىر ئادەمگە ئوخشىمايدۇ. بۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئىختىلاپقا توغرا يوسۇندا مۇئامىلە قىلىنسا، ئىختىلاپنىڭ ھېچبىر زىيىنى يوق. ئەمما ئىختىلاپنى بۆلۈنۈشنىڭ، پارچىلىنىشنىڭ ۋە دۈشمەنلىشىشنىڭ قالقىنى قىلىۋېلىش ئېغىر گۇناھ، چوڭ جىنايەتتۇر. ئۆلىمالار «ئىختىلاپ بىر تۈرلۈك رەھمەتتۇر» دەيدۇ. بۇ ئىختىلاپ قىلىشقا ئۈندىگەنلىك ياكى ئۇنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ يەردىكى «رەھمەت»دىن  كەڭلىچىلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

مەزھەپنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى

مەزھەپ _ لۇغەتتە بارىدىغان جاي دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئاتالغۇسىدا ― شەرىئەت دەلىللىرىگە تايىنىپ، ئىجتىھاد يولى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىنىي ھۆكۈملەر دېمەكتۇر( ).

مەزھەپلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ساھابىلارنىڭ زامانىدىلا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقىلارنىڭ يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ روھى بويىچە جاۋابلاندۇرۇشتا، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەزھىبى(رەيى ۋە قارىشى) بولغان. كېيىنچە تابىئىن(ساھابىلارنى كۆرگەن ئەۋلاد)نىڭ دەۋرىدە، مەزھەپلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. ھەتتا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىلا يەتتە چوڭ ئالىمنىڭ مەزھىبى ئوتتۇرىغا چىققان( ).

مەزھەپلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى

ئىسلام دىنىدا مەزھەپلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

1 - ئەرەب تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىلەرنى بىلدۈرۈشى. بۇ سۆزنىڭ مۇجمەللىكى ياكى ئومۇم ۋە خاسلىق ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىشى ياكى ھەقىقىي مەنە بىلەن مەجازىي (مەقسەت قىلىنمىغان)مەنىسى ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىشى ۋە باشقىلاردۇر. مەسىلەن: ئەرەب تىلىدىكى«قۇرۇئ» سۆزىنىڭ ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرىشىنى ئىپادىلىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەيزدىن پاكلانغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىنىگە، «ئەمر» سۆزىنىڭ پەرزنى ئىپادىلىگىنىدەك، ۋاجىب ياكى مۇستەھەب(ياخشى كۆرۈلگەن ئىش)نى ئىپادىلىگىنىگە، «نەھيى» سۆزىنىڭ ھارامنى ئىپادىلىگىنىدەك، مەكرۇھنىمۇ ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش.

قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿ دىندا زورلاش يوق﴾ دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى ﴿كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلىماڭلار﴾ دېگەن مەنىدىكى چەكلەشنى ئىپادىلەمدۇ؟ ياكى ﴿كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلىمىدۇق﴾ دېگەن مەنىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىشنىمۇ؟ ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي دالالىتى ۋە مەقسەت قىلىنغان مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىر خىل بولمىغانلىقتىن مەزھەپلەر كېلىپ چىققان. ھەتتا ساھابىلارنىڭمۇ چۈشىنىشى بىر خىل بولمىغان.

2 - رىۋايەتلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى. بۇ مۇنداق:

(1) بەزى ھەدىسلەر بەزى ئۆلىمالارغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، باشقىلىرىغا يېتىپ بارالمىغانلىقى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى دىن تارقىتىش ئۈچۈن قىتئەلەرگە تارقاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلاردىن ھەر بىرى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىلا يەتكۈزەتتى.

(2) ئۆلىمالاردىن بىرەرسىگە ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشەنچسىز يول بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە باشقا بىرىگە شۇ ھەدىس ئىشەنچلىك يول بىلەن يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا كۆرە ئىش كۆرگەنلىكى.

(3) ئۆلىمالاردىن بىرەرسىگە ھەدىس ئىشەنچلىك يول بىلەن يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن شەرتلىرىگە توغرا كەلمىگەنلىكى. مەسىلەن: ئىمام ئەزەم مەيدانغا چىققان ۋاقىتتىكى ئىراقتا يالغان ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن ئويدۇرۇپ چىقىش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان ئىدى. شۇڭا ئىمام ئەزەم ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا شەرتنى بەكمۇ ئېغىر ۋە چىڭ قويغان. ھەتتا كۆپچىلىك ئۆلىمالار قوبۇل قىلغان ھەدىسلەرنى ئىمام ئەزەم قوبۇل قىلمايتتى. چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى ئىراقنىڭ شارائىتىدا راست ھەدىس بىلەن يالغان ھەدىسلەرنى ئايرىپ چىقىش ئىشى ناھايىتى قىيىن ئىدى.

3 - ئۆلىمالاردىن ھەر بىرىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن قانۇن چىقىرىش پرىنسىپىنىڭ يەنە بىرىنىڭ پرىنسىپىغا ئوخشاش بولمىغانلىقى.

4 - قىياسقا كۆرە ئىجتىھاد قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ھەر بىر ئۆلىمانىڭ نەزەرىدە ئوخشاش بولمىغانلىقى.

5 - شەرىئەت دەلىللىرىنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە ئۈستۈن قىلىش مەسىلىسىدە ھەممە ئۆلىمانىڭ پىرىنسىپى ئوخشاش بولمىغانلىقى( ).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار