مۇسۇلمانلىق كىملىكى

مۇسۇلمانلىق كىملىكى

مۇھەممەد يۈسۈپ

مۇسۇلمانلىق ئاتاق ياكى بىرەر نام - شۆھرەت ئەمەس، مەسئۇلىيەت، ھايات مىزانىدۇر. مەسئۇلىيەت دېگىنىمىز: دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى، ئاللاھ تائالانىڭ ھاكىمىيىتىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولباشچىلىقىنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان بۇ دىننى قوغداش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقتۇر.

ھايات مىزانى دېگىنىمىز: ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ۋە رازى بولىدىغان تەرزدە ھايات كەچۈرۈشنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرى ۋە كىشىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت يولىنى كۆرسىتىدىغان يول خەرىتىسى دېگەنلىكتۇر.

تۆۋەندە ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ تولۇق بىلىشى زۆرۈر بولغان ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، ھالال – ھارام ۋە مۇئامىلە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىمىز.

ئەقىدە

ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىشى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە ئەقىدىسى تەڭلا يارىتىلغان. ئىنسانىيەت ئەقلى تەرەققىي قىلىش ۋە تاكامۇللىشىش يولىدا ئۆرلىگەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىمۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھقا باشلايدىغان ئىلاھىي دەۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئۇلار بىلەن بىرگە تاكامۇللىشىش يولىغا كىرىپ كەلدى. ئىنسانلار بىر زامانلار، ھەق دىننىڭ روھىدىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ، كۇفرى، زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا تىڭىرقىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا نىڭ ئارقا- ئارقىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار يەنە ھەق دىنغا قايتىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگەشتۈرۈپ، دىننىمۇ تەدرىجىي ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلدى ۋە ئۇنى ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كامالىغا يەتكۈزگەن. «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»().

ئېتىقادى توغرا بولمىغان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قىلغان ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتىمۇ پايدىسىزدۇر. چۈنكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئۆزىگە لايىق سىستېمىسى بولغىنىدەك، ئىخلاس ۋە ئەمەل ئىبادەتنىڭ ئىسلام دىنىدا كۆرسىتىلگەن سىستېمىسى توغرا ئېتىقادتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئېتىقادى توغرا بولمىغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمەل ـ ئىبادىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئېتىقادى توغرا بولمايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىھاجەت (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلىنى قوبۇل قىلمايدۇ)» دېگەن.

ئەقىدە ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن باشلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ئىماننىڭ بېشى ۋە ئەڭ ئاساسلىقىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى تونۇش شەرتتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقى 

دۇنيادا ھېچقانداق دىن ۋە ھېچقانداق بىر پەلسەپە ئاللاھ تائالانى ئىسلام دىنى تەرىپلىگەندەك مۇكەممەل ۋە توغرا تەرىپلىگەن ئەمەس. ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ خەۋەر بېرىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە، ئاللاھ تائالا بىردۇر! ئۇ ئەزەلدىن بار بولغان، ھەممىنى ياراتقان ۋە ھەممىنى پەرۋىش قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋە ھەممە جانلىقلارغا رىزىق بېرىۋاتقان يالغۇز ئىلاھتۇر.

ئۇ زاتىدا، بارچە ئىسىم -سۈپەتلىرىدە ۋە بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ئەڭ مۇكەممەل ۋە يېگانە ئىلاھتۇر. ئۇ جىسىم ئەمەس، زامان ۋە ماكانغا مەخسۇس ئەمەس، ئۇ ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھېچ نەرسىدە ئورۇن ئالمايدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئۇنىڭدا ئورۇن ئالمايدۇ، ئۇ ھەممىدىن بىھاجەت بولۇپ، ھېچكىمگە ھېچ نەرسىدە ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ئەكسىچە، ھەممە ئۇنىڭغا موھتاج، ئۇ ئەڭ مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بارلىق ئەيىب ـ نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر. ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىم ئۇنىڭغا تەڭداش ئەمەس. 

ئاللاھ تائالا مۇتلەق كۈچ - قۇدرەت، چەكسىز ئىلىم - ھېكمەت ئىگىسى بولۇپ، كائىناتنى ئىدارە قىلىشتا، ئىنسان، ھايۋان، ئۇچار قۇش ۋە ھاشاراتتىن ئىبارەت بارچە جانلىقلارنى رىزىقلاندۇرۇشتا ۋە ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش، بار قىلىش، يوق قىلىش قاتارلىق بارلىق ئىش - ھەرىكەتلىرىدە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى ياكى ياردەمچىسى يوقتۇر. كائىناتتا قانداقلا بىر ئىش بولمىسۇن، چوقۇم ئۇنىڭ ئىرادىسى، ئىلمى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئىبارەت تەڭداشسىز بىر يېگانە ئىلاھ ئۈچۈن بۇ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئادالەتلىك بىر تەرىپتۇر.

    ئىنسانلار دىنسىز ياشىمىغان

ئۆتمۈشلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىنسانىيەت بېشىدىن كەچۈرگەن ھەرقانداق بىر دىننىڭ ئاساسلىق دەۋىتى ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلغۇچى يەككە ـ يېگانە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشنى ئاساسلىق نۇقتا قىلغان بولسىمۇ، زامانلارنىڭ ئۆتىشى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆلۈپ تۈگىشى، دىندارلارنىڭ ھەق يولدىن ئېزىشى، كىشىلەرنىڭ ھەق دىننىڭ تەلىماتلىرى ۋە ئەقىدىلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى قويۇپ، ئوتنى، دەرەخلەرنى، بۇتلارنى ۋە باشقا ھەرخىل مەخلۇقاتلارنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭغا ۋاسىتە قىلىۋالغانلىقىنى، كېيىنچە، ئۇلارغا رەسمىي تۈردە چوقۇنغانلىقىنى كۆرىمىز.

قۇرئان كەرىم بىزگە، ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى﴾ يەنى ﴿ئاللاھنى قۇيۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ﴾().

تارىخشۇناسلار يەر يۈزىدە ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ دىيانەتسىز ياشىمىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەر خىل مەبۇدلارغا چوقۇنغانلارمۇ ئۆزلىرى چوقۇنغان نەرسىلەرنى ياراتقۇچى خالىق دەپ ئاتىمايتتى، بەلكى ئۇلارنى ياراتقۇچى تەڭرىگە ۋاسىتە بولغۇچى ئىلاھلىرىمىز ياكى كىچىك خودالىرىمىز دەپ ئاتايتتى. يېقىنقى زامانلارغىچە، ئافرىقىدا ئىپتىدائىي جەمئىيەت ھالىتىدە ئۆڭكۈرلەردە، كەپىلەردە ياشاپ كەلگەن، ئادەم گۆشىنى يەيدىغان ئىنتايىن ۋەھشىي قەۋم «ھوتېنتوت» قەبىلىلىرىمۇ، پۈتۈن ئىلاھلارنىڭ بېشىدا، يالغۇز بىر ئىلاھ بار، دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ۋە ئۇنى «ئاتىلارنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتايتتى.

ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ۋاسىتىلىرى

ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككىگە قىسقارتىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: بىرى، ئەقىل بىلەن ئىلىم، يەنە بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىبارەت.

 ئىنساندىكى ئورگانلارنىڭ ھېچبىرى بىكارغا يارىتىلغان ئەمەس. ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئەقىلنى ئالايلۇق: ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى ـ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ئەتراپىدىكى شەيئىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىزدەنمەيدىكەن، ئۇ، ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسىنى جارى قىلدۇرمىغان، ھەتتا بارا ـ بارا ئەقىلنىڭ رولىنى تامامەن يوقاتقان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقلىي بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دىن بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋىتى پەقەت ئەقىللەرگە خىتاب قىلىدۇ. كىشىلەرنى پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىزدىنىشكە چاقىرىدۇ. ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىپ ئويلاپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ياخشى چۈشىنىپ، ئاندىن ئىسلام دىنىغا كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، قۇرئان كەرىمدە، ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى گۈزەل سەنئەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆپ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىنغان.

 ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿قُلِ ٱنظُرُواْ مَاذَا فِي ٱلسَّمَاوَاتِ وَٱلأَرْضِ﴾ يەنى ﴿ئېيتىنقىنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار﴾(). بۇ ئايەتتىكى كۆزىتىشتىن مەقسەت، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئاجايىپ قۇدرەتلىرى ۋە كامالىغا يەتكەن سەنئەتلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ۋاسىتىسى بولغان «ئەقىل»نى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 50 ئورۇندا، «ئەقىل ئىگىلىرى»نى 10 ئورۇندا ماختىغان. ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان كائىناتتىكى تۈرلۈك ئالامەتلەر بايان قىلىنغان كۆپلىگەن ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىنى﴿ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ ﴾ يەنى ﴿چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئىبرەتلەر بار﴾. ﴿ أَفَلَا تَعْقِلُونَ ﴾ يەنى ﴿ ئەقىل ئىشلەتمەمسىلەر؟﴾.﴿ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ ﴾ يەنى ﴿ ئىبرەت ئېلىڭلار ئى ئەقىل ئىگىلىرى!﴾ دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەر بىلەن تۈگەتكەن. ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئونى ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ. ئىنساندىكى بۇ خىل تەبىئەت ياكى قابىلىيەت يالغۇز ۋىجدانلا ئەمەس ياكى يالغۇز ئەقىللا ئەمەس، بەلكى ئۇ ۋىجدان بىلەن ئەقىلنىڭ بىرىكىشىدۇر. 

دۇنيادا ھېچكىم «ئۆزى يوق نەرسە بىرەر ئىش قىلالمايدۇ» دىن ئىبارەت ئەقلىي پىرىنسىپنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بىز بۇ ئەقلىي پىرىنسىپنى تەتبىقلايدىغان بولساق تۆۋەندىكى نەتىجىگە ئېرىشىمىز: بۇ پايانسىز كائىناتتا، ھەر لەھزىدە مىليونلىغان يېڭىلىقلار، ھادىسىلەر ۋە ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئاددىيسى، مىڭلارچە جانلىق ئۆلۈپ يەنە مىڭلارچىسى ھاياتقا يېڭىدىن كۆز ئېچىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئەقلىمىز شۇنداق جەزم قىلىدۇكى، ھەرقانداق ھادىسىنىڭ بىرەر پەيدا قىلغۇچىسى ۋە ھەرقانداق بىر سەنئەتنىڭ بىرەر سەنئەتكارى بولغىنىدەك، ئالەمنىڭمۇ ياراتقۇچىسى ۋە ئىدارە قىلغۇچىسى باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر!

ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىشنىڭ يولى

ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىلەن بىلگىلى بولىدۇ.

ئەقىل بىلەن بىلىش. «سەنئەت ـ سەنئەتكارنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەيدىغان ئەقلىي قائىدىنى ھەركىم ياخشى بىلىدۇ. بىز بۇ قائىدىنى تەتبىقلاپ كۆرگىنىمىزدە، تۆۋەندىكىلەرنى بىلەلەيمىز:
سەنئەتتىكى ئۇيۇمچانلىق سەنئەتكارنىڭ ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنى، سەنئەتتىكى گۈزەللىك سەنئەتكارنىڭ گۈزەللىكلەرنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى، سەنئەتتىكى ئۆزگىچىلىك سەنئەتكارنىڭ خالىغىنىنى قىلىشقا يېتەرلىك ئىرادە، ئىلىم ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋەھاكازالار ...

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارچە شەيئىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىدارە قىلغۇچىسى بولغان زات ـ ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى، ھەممىگە قادىر، ھەممىنى بىلگۈچى، خالىغاننى ياراتقۇچى، ھەممىنى پەرۋىش قىلغۇچى..... ئۇلۇغ زات ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.

تەپەككۇر ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تونۇغىلى بولمايدۇ. خۇددى ئاپتوموبىل توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا، مەزكۇر ئاپتوموبىلنى ياسىغان ئىنژېنېرنىڭ ئاپتوموبىلنى ياساپ چىقىشتىكى ماھىرلىقى، ئۇستىلىقى ۋە بۇ ساھەدە يېتىشكەن ئىنژېنېر ئىكەنلىكىگە ئوخشىغان بەزى سۈپەتلىرىنى تونۇيالىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ بويى ئېگىزمۇ ياكى پاكارمۇ، ئۇ مەرتمۇ ياكى بېخىلمۇ، ئۇنىڭ ئەخلاقى ياخشىمۇ ياكى ناچارمۇ ۋە باشقا سۈپەتلىرىنى بىلەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى سەنئەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ بارچە سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بىلەلمەيمىز.

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، يەنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىلىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالانىڭ جەمئىي 99 ئىسىم ـ سۈپەتلىرى بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:﴿وَللَّهِ ٱلأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ فَٱدْعُوهُ بِهَا ﴾ يەنى ﴿ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار. ئۇنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار﴾().
ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزگەن ھەرقانداق ئادەم، ئاللاھ تائالانىڭ بارچە كامالەتلەرگە ئىگە، نەقەدەر كاتتا ۋە ئۇلۇغ زات ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ.

ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 ھەقىقەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئاللاھ تائالانىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى گۈزەل سەنئەتلىرى، چەكسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ تۇرغان ئالامەتلەر خۇددى قۇياشتەك پارلاپ تۇرماقتا. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئالاھىدە دەلىل – پاكىت كەلتۈرۈشكە ئېھتىياج تۇيۇلمىغان، پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىنى مۇئەيينلەشتۈرۈش ۋە كىشىەلرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن دەلىل – پاكىتلار كەلتۈرۈلگەن. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەر ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ۋە ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايتتى، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە قايىل بولمايتتى.

2. ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى رەب ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش.﴿ ذٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ لاۤ إِلَـٰهَ إِلاَّ هُوَ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَٱعْبُدُوهُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ ﴾ يەنى ﴿ ئەنە شۇ  ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنداقتا،  ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىنى قوغداپ تۇرغۇچىدۇر ﴾().

3. ئاللاھ تائالانىڭ يەككە ـ يېگانە ئىلاھ، بىرلا ھەقىقىي ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش.﴿ وَإِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَاحِدٌ لاَّ إِلَـٰهَ إِلاَّ هُوَ ٱلرَّحْمَـٰنُ ٱلرَّحِيمُ﴾ يەنى ﴿سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىرلا ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾().

4. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، يەنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە مەنسۇپ قىلغان ئىسىم ـ سۈپەتلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەستىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئالىي ماقامىغا لايىق ھالدا ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىش ۋە ئۇنى شۇ ئىسىم ـ سۈپەتلىرى بىلەن ئاتاش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿ وَللَّهِ ٱلأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ فَٱدْعُوهُ بِهَا وَذَرُواْ ٱلَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِيۤ أَسْمَآئِهِ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ﴾ يەنى ﴿ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾().

پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

   پەيغەمبەر _ ئەلچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، پارسچىدىن قوبۇل قىلىنغان بىر ئاتالغۇدۇر. ئۇنىڭ ئەرەبچىسى«رەسۇل» ۋە «نەبى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا بىۋاسىتە سۆز قىلىشنى ۋە ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇلارغا ئۇدۇل ئېيتىشنى مۇناسىپ كۆرمىگەنلىكتىن، ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشنى لايىق كۆرگەن. 

پەيغەمبەرلەرـ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىپ، ئۆز تەرىپىدىن ئۇلارغا ئەۋەتكەن ھەق ئەلچىلىرىدۇر. پەيغەمبەرلەر بارلىق ئەيىب ـ نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاك، گۇناھسىز زاتلاردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش ـ ئىزلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئالىي پەزىلەت ۋە گۈزەل ئەخلاقتا  ئۈلگىدۇر.

جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋە گۇناھ ـ يامان ئىشلاردىن قايتۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرگە چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.

پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلار

سوئال: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

جاۋاب: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىگە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 1. پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن دىنلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھەق دىنلار ئىكەنلىكىگە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلغانلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكار قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى توغرۇلۇق﴿كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوْحٍ المُرْسَلين﴾ يەنى ﴿نوھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرگە ئىنكار قىلدى﴾ دېيىش ئارقىلىق، بىرلا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىنكار قىلغانلىق، دەپ ھۆكۈم قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ ۋاقىتتا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەر كەلمىگەن ۋە ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامغىلا ئىنكار قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، خىرىستىيانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگەنلىكى ئەينى ۋاقىتتا، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئىنكار قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە نامى تىلغا ئېلىنىپ، پەيغەمبەر ئىكەنلىكى بىلىنگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسىگە ئىنكار قىلغانلىق پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە ئىنكار قىلغانلىقتۇر.

2. قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇھ ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرگە تەپسىلىي؛ قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنمىغانلىقتىن، ئىسىملىرى بىزگە مەلۇم بولمىغان پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئومۇمىي ئىمان كەلتۈرۈش.

 3. پەيغەمبەرلەرنىڭ ـ ئۇلاردىن سادىر بولغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ ئىسپاتلانغان ـ خەۋەرلىرىگە چىن ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرۈش.

 4. بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ـ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ـ نىڭ دىنىغا ئەمەل قىلىش. ﴿ فَلاَ وَرَبِّكَ لاَ يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لاَ يَجِدُواْ فِيۤ أَنْفُسِهِمْ حَرَجاً مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُواْ تَسْلِيماً ﴾ يەنى ﴿رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾() .

پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

روھىي ئالەملەر ـ ئىنسانلار كۆرەلمەيدىغان يوشۇرۇن ئالەملەر دېمەكتۇر.  چۈنكى كائىناتتىكى شەيئىلەر ئىككى تۈرلۈكتۇر.  ئۇلارنىڭ بىرى، ئىنساندىكى ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان شەيئىلەر بولۇپ، ئۇلار: ئادەم، ھايۋان، تاغ، دەريا، تېرىم، دەرەخ ۋە باشقا ھەر قانداق ماددىي شەيئىلەر، يەنە بىرى، ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان شەيئىلەر بولۇپ، ئۇلار: پەرىشتىلەر، جىنلار، شەيتانلار ۋە باشقىلار. بۇنىڭغا ئوخشىغان شەيئىلەرنى ئىنسانلار ھېسسىي ئەزالىرى بىلەن ئىدراك قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلار روھىي ئالەملەر  دېيىلىدۇ. بۇلار يەنە غەيبىي ئالەملەر ياكى مېتافىزىكا (يەنى ماددىنىڭ سىرتىدىكى) ئالەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

پەرىشتىلەر

پەرىشتىلەرمۇ روھىي ئالەملەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار كۆرۈنمەيدىغان ئالەمدۇر. ماھىيەت جەھەتتە، پەرىشتىلەردە  ئۇلاردا بىرەر نەرسە ئىستېمال قىلىش يوق ھەمدە ئۇخلاشقىمۇ موھتاج ئەمەس. ئۇلارنى ئەر ياكى ئايال دېيىلمەيدۇ. پەرىشتىلەردە، ئىنسان ۋە ھايۋانلاردا بولغىنىدەك، شەھۋانىيلىق يوقتۇر. پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلارغا ئىنكار قىلىش كۇفرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقىقەتلەر

پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 مەسىلىگە ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئۇلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش. چۈنكى، پەرىشتىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىلىرىدىن سانىلىدۇ.

 2. جىبرىل، ئىسراپىل ، مىكائىل ۋە ئەزرائىل قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىزلەرگە ئىسىملىرى مەلۇم بولغان پەرىشتىلەرگە تەپسىلىي، ئىسىملىرى بىزلەرگە مەلۇم بولمىغان جىمى پەرىشتىلەرگە ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش.

 3. جىبرىلغا ئوخشاش بىزگە سۈپەتلىرى مەلۇم بولغان پەرىشتىلەرنىڭ سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە جىبرىلنى ئەسلى سۈرىتىدە (600 قانىتى بىلەن ئۇپۇقنى يۆگىگەن ھالىتىدە) كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. پەرىشتىلەر گاھىدا ئادەم سۈرىتىدىمۇ كۆرۈنىدۇ. ھەزرىتى مەريەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن پەرىشتىمۇ، ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ جىبرىل ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىدە بىر قانچە قېتىم كۆرۈنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.

 4. پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تاپشۇرۇۋالغان ۋەزىپىلىرى ۋە ئەمەللىرىدىن بىزگە مەلۇم بولغانلىرىغا ئىشىنىش. مەسىلەن: جىبرىلنىڭ ۋەزىپىسى، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەلچىلىك قىلىش. ئەزرائىلنىڭ ۋەزىپىسى، ئەجىلى توشقانلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش. مىكائىلنىڭ ۋەزىپىسى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن شاماللارنى قوزغاش ئارقىلىق بۇلۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، زېمىننىڭ ئاللاھ تائالا خالىغان جايلىرىغا يامغۇرلارنى ياغدۇرۇش. ئىسرافىلنىڭ ۋەزىپىسى، قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا، بىرىنچى قېتىملىق سۇرغا پۈۋلەش ئارقىلىق بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ئاخىرەت ئالىمى باشلانغان كۈنىدە، ئىككىنچى قېتىملىق سۇرغا پۈۋلەش بىلەن ئىنسانلار تىرىلدۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرى ــ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە  پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن چۈشۈرگەن تەلىماتلىرى بولۇپ، بۇ كىتابلار ياراتقۇچى تەرىپىدىن كەلگەنلىك ئېتىبارى بىلەن مۇقەددەس كىتابلار ياكى ساماۋى كىتابلار دەپ ئاتىلىدۇ. 

سوئال: ئاللاھ تائالا بۇ كىتابلارنى نېمە ئۈچۈن چۈشۈرگەن؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا بۇ كىتابلارنى ـ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنى يامان يوللاردىن قايتۇرۇپ ، بىر ئاللاھقىلا  قۇلچىلىق ۋە ئىبادەت قىلىشتەك توغرا يولغا باشلاپ، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن چۈشۈرگەن.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿ كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَاتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَمِيدِ ﴾ يەنى ﴿(بۇ قۇرئان) رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشىڭ، يەنى غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا بىز چۈشۈرگەن بىر كىتابتۇر ﴾() .

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقىقەتلەر

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 مەسىلىگە ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 1. پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ساماۋى كىتابلارنىڭ راستتىنلا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەق كىتابلار ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىش.

 2. ئاللاھ تائالا بىزگە ئىسىملىرىنى بىلدۈرگەن قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارغا تەپسىلىي؛ ئىسىملىرى بىزگە مەلۇم بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش.

 3. قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن خەۋەرلىرىگە ۋە باشقا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغان خەۋەرلىرىدىن قۇرئاننىڭ تەستىقلىغانلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇنى تەستىق قىلىش.

 4. ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش.

قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

: قەدەر ـ ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا بولىدىغان ھەرقانداق ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان بارلىق ياخشى ـ يامان گەپ – سۆز ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا بىلىپ شۇنداق يارىتىشى ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە بەلگىلىشى دېمەكتۇر

قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسى

   (1) تەقدىر دېمەك باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارى بولمايدىغان بىرلا يول دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تەقدىر ئىنساننىڭ تاللىشىغا قاراپ بىر قانچە تارماقلىق يولغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر بىر يولنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى سىزگە نىسبەتەن قاراڭغۇلۇق كۆرۈنسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن خۇددى خەرىتىگە ئوخشاش ناھايىتى ئېنىقتۇر. مەسىلەن: شەرق تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا، غەرب تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا يېتىپ بارىسىز. قۇرۇقلۇقتىن ماڭسىڭىز بىخەتەر يېتىپ بارىسىز، ھاۋادىن ماڭىسىز تېز يېتىپ بارىسىز، دېڭىز ئارقىلىق ماڭىسىز خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، دەپ سىزىپ كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش. ئاللاھ تائالا تەقدىرنى ئەنە شۇنداق بەلگىلىگەن. ئىنسانلار يول تاللاش ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قايسىبىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېنىق بىلگۈچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ۋىدىيو پىلاستىنكىلىرىغا ئېلىنىپ ساقلانغان ئارخىپقا ئوخشاشتۇر. سىز قايسىبىر يولنى تاللىماڭ ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللانماڭ سىز ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بويىچە ئىش كۆرگەن بولىسىز. چۈنكى سىز تاللايدىغان يوللار، قىلىدىغان ئىشلار ۋە قوللىنىدىغان سەۋەبلەر، چارە - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى تەقدىر خەرىتىسىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋە قايسىسىنى تاللاش ئىختىيارى سىزگە بېرىلگەن. مەسىلەن: سىزنىڭ قايسى شەھەردە ئولتۇراقلىشىشىڭىز، قايسى خىزمەتنى قىلىشىڭىز ، كىم بىلەن ئۆي – ئوچاقلىق بولۇشىڭىز، كىملەر بىلەن دوست بولۇشىڭىز قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە بېرىلگەن ئىختىيارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارىڭىزمۇ بار ئىدى. تەقدىردە سىز تاللىغان ۋە تاللىمىغان ئىختىيارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى تاللىغان بولسا، نەتىجە مۇنداق بولاتتى، بۇنى تاللىغان بولسا، نەتىجە بۇنداق بولاتتى، ئەمما بۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولىدۇ، دەپ يېزىلغانغا ئوخشاش. مانا بۇ «ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىدىن تاشقىرى قىل تەۋرىمەيدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر.

 (2) بەزى كىشىلەر چۈشەنگەندەك، تەقدىر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن نەرسىسىگە بەندىلەرنى زورلىغانلىقى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنسان خالىغان ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا مۇتلەق ئەركىندۇر. ئاللاھ شۇڭا ئىنسانغا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتە ئەركىن ئىرادە - خاھىشنى ۋە ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئەقىل ۋە قابىلىيەتنى بەرگەن. ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر بەندىنىڭ كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىنئالا بىلىپ ئۇنى شۇنداق بەلگىلىگەنلىكى ۋە ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بىلگىنى ۋە بەلگىلىگىنى بويىچە ۋۇجۇدقا چىقىپ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۇ بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىش ئەمەس. بەلكى بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. چۈنكى ئىنساندا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتە ئەركىن ئىرادە بار.

 (3) ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىنى ياقتۇرىدۇ، يامان ئىش قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما ئىنسان يامانلىقنى خالاپ، ئۇنىڭغا بەل باغلىغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يول قويىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يامان ئىشقا رازى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئىنساننىڭ شۇ يامانلىقنى قىلىش ئىختىيارىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبتىندۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر[() دېگەن. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: سىلەر قىلماقچى بولغان ياخشى - يامان قانداقلا بىر ئىشقا ئاللاھ تائالا يول قويمىغۇچە سىلەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايسىلەر، دېگەنلىكتۇر.

ھىدايەت ۋە زالالەت ئاللاھ تائالادىندۇر

بەندىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ياكى ھىدايەت قىلماسلىق ئاللاھ تائالادىندۇر. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە رۇخسىتىسىز ھىدايەت قىلالمايدۇ ۋە ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِي مَن يَشَآءُ﴾ يەنى ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى ئازغۇنلۇقتا قالدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ﴾() . بۇنىڭغا ئاساسەن، شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىزنى بىلەن بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ قانداقلا بىر ئادەمنى ھىدايەت قىلىشنى خالىسا ئۇنىڭ قەلبىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ھىدايەت تاپىدۇ. ئاللاھ قانداقلا ئادەمنىڭ ئازغۇن بولۇشىنى خالىسا ئۇنىڭغا شەيتانلارنى مۇسەللەت قىلىدۇ ـ دە، شەيتانلار ئۇنىڭغا ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى ئازدۇرۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇش ئاللاھ تائالادىن بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَعْشُ عَن ذِكْرِ ٱلرَّحْمَـٰنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَاناً فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ.وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ﴾ يەنى ﴿كىمكى رەھماننىڭ زىكرى(قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ. شۈبھىسىزكى شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ. ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ﴾() .

 ھىدايەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ھىدايەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت، يەنە بىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەت. ئالدىنقىسى، سىز يول سورىغان كىشىنىڭ سىزگە سىز بارماقچى بولغان جايغا ئېلىپ بارىدىغان تۈز يولنى ئېنىق شەرھلەپ كۆرسىتىپ قويغىنىغا، كېيىنكىسى، ئۇنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزدىن تۇتۇپ، سىزنى سىز بارماقچى بولغان جايغا ئاپىرىپ قويغىنىغا ئوخشاشتۇر.

مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەت پەقەت ئاللاھ تائالانىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ھەتتا پەيغەمبەرنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿إِنَّكَ لاَ تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَآءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِٱلْمُهْتَدِينَ﴾ يەنى )شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ﴾ () .

ئەمما يول كۆرسىتىش مەنىسىدىكى ھىدايەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ، دەۋەتچىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرگە جەننەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى شۇ يولغا چاقىرىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ  تائالا بۇ مەنىنى ئىپادىلىگەن ھالدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِنَّكَ لَتَهْدِيۤ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾ يەنى )شۈبھىسىزكى، سەن كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايسەن﴾ () .

ھازىر بىز توختىلىۋاتقان ھىدايەت پەقەت ئاللاھ تائالانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش مەنىسىدىكى ھىدايەتتۇر.

سوئال: ئاللاھ تائالا قانداق ئادەملەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە قانداق ئادەملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنى خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ كىشىگە توغرا يول تېپىشنىڭ ۋاسىتىلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى]ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ﴾ ئاللاھ تائالا ھىدايەتنى خالىماي ئازغۇنلۇقنى ئۆزىگە راۋا كۆرگەن كىشىگە ئازغۇنلۇقنى نېسىپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ﴿فَلَمَّا زَاغُوۤاْ أَزَاغَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمْ وَٱللَّهُ لاَ يَهْدِي ٱلْقَوْمَ ٱلْفَاسِقِينَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ يولدىن چىققان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾() .

 چۈنكى توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش پەقەت ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئادەمنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغانلىقى ئۇ كىشىگە ئەڭ كاتتا نېمەت ئاتا قىلغانلىقىدۇر. دۇنيادا توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشتىن زور ئۇتۇق يوقتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا نېمىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىنتىلمەستىن، ئارزۇ قىلىنماستىن ۋە سورالماستىن بېرىلمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا  گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ توغرا  يولغا ئەگەشكۈچىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيَهْدِيۤ إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ﴾يەنى ﴿ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ﴾() .

ئاللاھ تائالا  توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنى خالىماي، ئۆزلىرىنىڭ قىڭغىر يوللىرىغا رازى بولۇپ، دىندىن يىراقلاشقۇچىلارنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱللَّهُ لاَ يَهْدِي ٱلْقَوْمَ ٱلْفَاسِقِينَ﴾يەنى ﴿ئاللاھ  يولدىن چىققان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾() .

ئاللاھ  تائالا ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈپ، باتىلغا يۈزلەنگەنلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلمايدۇ. ﴿وَمَن يُشَاقِقِ ٱلرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ ٱلْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ ٱلْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ وَسَآءَتْ مَصِيراً﴾ يەنى ﴿كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن ۋە مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇ جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. بۇ نېمە دېگەن يامان ئاقىۋەت!﴾ () .

سوئال: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەب قىلىشقا زىت كېلەمدۇ؟

جاۋاب: قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش سەۋەب قىلىشقا ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ. كىشىگە يەتكەن ياخشىلىق ـ يامانلىق، مۇسىبەت ـ خۇشاللىق ، پايدا ـ زىيانلارنىڭ ھەممىنى، شۇنداقلا بولۇپ ئۆتكەن ھەر قانداق بىر ئىشنى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولدى، دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. كېلەچەكتە بولىدىغان ھەر قانداق ئىشلارنىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش ئىماندىن. بىراق «ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە نېمە بولسا شۇ بولىدىغۇ» دەپ سەۋەب قىلماسلىق ئىماندىن ئەمەس، بەلكى چوڭ خاتالىقتۇر.

 گەرچە ئىنساننىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە ياخشى ـ يامان پۈتۈن ئىشلىرى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولسىمۇ، ئىنسان شۇ رىزقنى ھاسىل قىلىش، جېنىنى قوغداش ۋە ئۆزى ھەم جەمئىيىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەگەر ئۇ، «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم» دەپ سەۋەبنى قولدىن بېرىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۇناھكار بولىدۇ ۋە تەۋەككۈلنىڭ مەنىسىنى سۇيىئىستېمال قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنى سەۋەبلەرگە باغلىغان. بۇ دۇنيا سەۋەب دۇنياسى. ھەر كىشى سەۋەب قىلىپ ئىشلىگىنىگە يارىشا قازىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَن لَّيْسَ لِلإِنسَانِ إِلاَّ مَا سَعَىٰ﴾يەنى ﴿ ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭلار نەتىجىسىنى كۆرىدۇ﴾() .

قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش

سوئال: قىيامەت كۈنى دېگەن قانداق كۈن؟

جاۋاب: قىيامەت كۈنى ـ بۇ دۇنيا ھاياتى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىپ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەممە پانىي بولغاندىن كېيىن، ئاخىرەت ئىسىملىك يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشى دېمەكتۇر.

قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىمدە «ھېساب كۈنى»، «دىن كۈنى»، «ئاخىرەت كۈنى» ۋە «مۇكاپات ـ جازا كۈنى» دېگەن ھەرخىل ئىسىملار بىلەن نۇرغۇن ئورۇندا بايان قىلىنىپ كەلمەكتە.

     قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ئىككى ھەقىقەت

سوئال: قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

جاۋاب: قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى ئىككى ھەقىقەتكە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 1. قىيامەت كۈنىدە بولىدىغان بەئس، ھەشر ، شاپائەت، مىزان، جازا، ھېساب، سىرات، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرۈش.

 2. قىيامەت قايىم بولغۇچىلىك قەبرىدە بولىدىغان بەرزەخ ئالىمىگە ئائىت ئىشلارغا، يەنى مېيتنىڭ قەبرىدە تىرىلىدىغانلىقى ۋە سوراق ـ سوئال قىلىنىدىغانلىقىنىڭ، قەبرىنىڭ ئازابى ۋە نېمىتىنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار