بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئىبادەت

بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئىبادەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىبادەت ـ تىل، قەلب ۋە بەدەننىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:﴿قُلْ إِنَّ صَلاَتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي للَّهِ رَبِّ ٱلْعَالَمِينَ ﴾ يەنى ﴿ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾().

    ئىبادەتنىڭ دائىرىسى

ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئىسلامدا ئىبادەتنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئىبادەت بىرىنچىدىن، بىر پۈتۈن ئىسلام دىنىنى ۋە ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىنچىدىن، ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1. ئىبادەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئىبادەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغىنىدا، مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ئىبادەت ـ ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەرقانداق سۆزـ ھەرىكەت ۋە قەلبنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ناماز ئوقۇماق، روزا تۇتماق، زاكات بەرمەك، ھەج قىلماق، راست سۆزلىمەك، ئامانەتنى ئادا قىلماق، ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلماق، تۇغقانلارغا سىلەر ـ رەھىم قىلماق، ۋەدىگە ۋاپا قىلماق، ئەمر ـ مەرۇپ، ۋەز ـ نەسىھەت قىلماق، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلماق، بىلىم ئالماق، قوشنىلارغا، يېتىملەرگە ياخشىلىق قىلماق، دۇئا قىلماق، قۇرئان ئوقۇماق، ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇھەببەت ۋە ئىخلاس قىلماق، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلماق، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئازابىدىن ھەزەر قىلماق، بالا ـ قازاغا رازى بولماق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت تۈرىگە كىرىدۇ ». خۇلاسە قىلغاندا، دىن دېمەك ئىبادەت دېمەكتۇر.

2. ئىبادەتنىڭ ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى

ئىبادەت - ئاددىيسى ئادەتتىكى يېيىش ـ ئىچىش ۋە ئولتۇرۇش ـ قوپۇش قائىدىلىرىدىن باشلاپ، يۇقىرىسى دۆلەت سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇللىرىغىچە بولغان بىر پۈتۈن قائىدە ـ تەرتىپلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى پائالىيەتلەر توغرا نىيەت بىلەن مۇسۇلماندىن سادىر بولغانىكەن، ئۇلار تائەت ـ ئىبادەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پايدىلىق بولغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ۋە ھالال رىزىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلەش نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى شەرتى بىلەن ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ. بىرلا سۈرە بەقەرەدە مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان قىساس، ۋەسىيەت، روزا، ناماز، جىھاد قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىبادەتلەرنىڭ «سىلەرگە پەرز قىلىندى» دېگەن بىرخىل ئىبارە بىلەن بايان قىلىنغانلىقىدىن شۇ ھەقىقەت ئاشكارا بولىدۇكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئىبادەت سۆزىدىن پەقەت ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق بەش چوڭ ئىبادەتنىلا چۈشىنىدۇ. ئۇلار ئىبادەتنىڭ ئەخلاق، قائىدە ـ يوسۇن، مۇئامىلە ئىشلىرى، قانۇن ـ پىرىنسىپ ۋە باشقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ئىبادەت ھەرگىز يۇقىرىقى بەش چوڭ ئىبادەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇلارنىلا بەجا كەلتۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالا بويرۇغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىنى ئادا قىلغان بولمايدۇ. بەلكى بۇ بەش چوڭ ئىبادەت، ئىسلامنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئىبادەتلەر بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار ئاللاھ تائالا بويرۇغان ئىبادەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ھەممىسى ئەمەس!

3. ئىبادەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى

ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر دىننىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالاغا تەپەككۇر قىلىش بىلەن، قەلبى بىلەن، قۇلىقى بىلەن، كۆزى بىلەن (باشقا ھېسسىي ئەزالىرى بىلەن)، پۈتۈن بەدىنى بىلەن، پۇل ـ مېلى بىلەن، جېنىنى پىدا قىلىش بىلەن، يۇرتىدىن ئايرىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ.

ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى

ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەر (العبادات التعاملية)، يەنە بىرى سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر (العبادات الشعائرية) دۇر. 

ئەمەلى ئىبادەتلەر _ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىش ۋە بارلىق ئىش _ ھەرىكەتلەردە، گەپ  _ سۆزلەردە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش كۆرۈشتۇر. بۇ تۈردىكى ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ۋە بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەمنىڭ كېچە  _ كۈندۈزى، ھەرىكەت ۋە سۇكۇناتلىرى، شۇنداقلا ھاياتىنىڭ بارلىق دەقىقىلىرى ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن مۇشۇ ئىبادەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر _ بەزىسى قۇرئان ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشقا ئوخشاش تىل بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر، بەزىسى نامازغا ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن قىلىنىدىغان جىسمانىي ئىبادەتلەر، بەزىسى پۇل  _ مال سەرپ قىلىش بىلەن قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر، يەنە بەزىسى ھەجگە ئوخشاش ھەم بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن، ھەم ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردۇر. 

سىمۋوللۇق ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشنى ھاسىل قىلىش بولۇپ، بۇ باغلىنىش پەقەت مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەرنى جايىدا ئورۇنداش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى گۇناھ ئاللاھ تائالا بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا پەردە ھاسىل قىلىدۇ، نەتىجىدە، بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشى ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش ئەمەلگە ئاشمىسا، ئىبادەتلەر قوبۇل بولمايدۇ. گۇناھتىن ساقلىنىش مۇئامىلىۋىي ئىبادەت بولۇپ، بۇ مۇئامىلىۋىي ئىبادەت ئورۇندالمىسا، سىمۋوللۇق ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ.

    ئىبادەت قىلىش يوللىرى

1. تەپەككۇر بىلەن ئىبادەت قىلىش

تەپەككۇر بىلەن ئىبادەت قىلىش ـ ئاسمان ۋە زېمىندىكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى، ئىنساننىڭ ئۆز زاتىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ كامالىي قۇدرەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ كامالىي قۇدرەتلىرى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى تونۇش دېمەكتۇر.

قۇرئان كەرىمدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىلنى ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَفِي ٱلأَرْضِ آيَاتٌ لِّلْمُوقِنِينَ * وَفِيۤ أَنفُسِكُمْ أَفَلاَ تُبْصِرُونَ ﴾ يەنى ﴿زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار (بۇنى) كۆرمەمسىلەر؟﴾().

ئبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر سائەتلىك تەپەككۇر بىر كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر».

2. قەلب بىلەن ئىبادەت قىلىش

قەلب بىلەن ئىبادەت قىلىش ـ ھېسسىيات ۋە تۇيغۇلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش، ئىخلاس قىلىش، ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىش، ئۇنىڭ ياردىمى ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش، غەزىپىگە ئۇچراشتىن ھەزەر قىلىش، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ۋە تەقسىماتىغا رازى بولۇش، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىش، بالا ـ قازاغا سەبىر قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەلبنىڭ ئىبادەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿وَمَآ أُمِرُوۤاْ إِلاَّ لِيَعْبُدُواْ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ حُنَفَآءَ ﴾ يەنى ﴿ئۇلار پەقەت ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا، ئىبادەتنى خالىس ئاللاھقىلا  قىلىشقا بۇيرۇلدى﴾().

3. تىل بىلەن ئىبادەت قىلىش

تىل بىلەن ئىبادەت قىلىش _ قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش (ئۇنى مەدھىيەلەش )، ئۇنىڭغا تەسبىھ (ئاللاھنىڭ نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكىنى) ئېيتىش، دۇئا قىلىش، تەكبىر (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەش)، تەھلىل (ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىنى، ئۇنىڭ شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى) ئېيتىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿ يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ ٱذْكُرُواْ ٱللَّهَ ذِكْراً كَثِيراً وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلاً ﴾يەنى ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار﴾().

4. بەدەن بىلەن ئىبادەت قىلىش

بەدەن بىلەن ئىبادەت قىلىش ـ بەدەننىڭ ھەرىكىتى ياكى بەدەننىڭ لەززەتلىرىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىش ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: رامىزاندا روزا تۇتقاندا بەدەننىڭ لەززەتلىرى ۋە نەپسنىڭ ھەۋەسلىرىدىن ۋازكەچكەنگە، ناماز ئوقۇغاندا پۈتۈن بەدەننىڭ ئىشتىراك قىلغىنىغا ۋە ھەج قىلغاندا بەدەننىڭ يول ۋە ئىسسىق ئازابىغا بەرداشلىق بەرگىنىگە ئوخشاش ئىبادەتلەردۇر. بۇ يەردىكى «بەدەن» دىن مەقسەت، ئىنساننىڭ ماددىي جىسىملار بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەقلى، تىلى، قەلبى ۋە باشقا ئورگانلىرىدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن ۋۇجۇدى دېمەكتۇر.

5. پۇل ـ مال بىلەن ئىبادەت قىلىش

پۇل ـ مال بىلەن ئىبادەت قىلىش ـ زاكات، سەدىقە بېرىش ، ھاجەتمەنلەرگە خەير ـ ئېھسان قىلىش، ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ھەج ـ ئۆمرە ئۈچۈن پۇل ـ مال سەرپ قىلىش دېگەنلىكتۇر.

6. جاننى پىدا قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش

جاننى پىدا قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش ـ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش، ئىسلام دەۋىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ھەقىقەتنى قوغداش يولىدا جاننى پىدا قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلَّذِينَ آمَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُواْ وَجَاهَدُواْ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أُوْلَـٰئِكَ هُمُ ٱلصَّادِقُونَ﴾ يەنى ﴿شۆبھىسىزكى، ھەقىقىي مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر. ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر﴾().

7. ۋەتەندىن ئايرىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش

ۋەتەندىن ئايرىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش ـ جىھاد، ھەج ـ ئۆمرە ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا ۋەتەندىن ئايرىلىش دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَمَا كَانَ ٱلْمُؤْمِنُونَ لِيَنفِرُواْ كَآفَّةً فَلَوْلاَ نَفَرَ مِن كُلِّ فِرْقَةٍ مِّنْهُمْ طَآئِفَةٌ لِّيَتَفَقَّهُواْ فِي ٱلدِّينِ وَلِيُنذِرُواْ قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوۤاْ إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ ﴾يەنى ﴿ ئۇلارنىڭ ھەربىر جامائەسىدىن بىر تۈركۈمى(جىھادقا چىقىپ،) يەنە بىر تۈركۈمى قەۋمىگە قايتىپ كەلگەندە، (يامان ئىشلاردىن) ھەزەر قىلسۇن دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە دىندا ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئاتلانسا بولمامدۇ؟﴾().  يەنى، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىش پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدە پەرز كۇپايە بولۇپ، بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئونى ئورۇنلىشى بىلەن بۇ پەرز ئادا تاپىدۇ().  

    ئىبادەت قىلىش پىرىنسىپى

ئىبادەت ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا قىلىنمايدۇ. بارلىق پەيغەمبەرلەر كىشىلەرنى بۇنىڭغا بۇيرۇغان.
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ۋاسىتىچى يوق. ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە قىلىنىدۇ.
ئىبادەتنىڭ جېنى ئىخلاستۇر. ھەرقانداق ئىبادەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس بولمىسا قوبۇل بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس بولۇشى دېگەننىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ئىبادەتتە باشقا ھېچقانداق بىر غەرەزنى كۆزلىمەسلىك دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: بىراۋ زاكات بېرىشتە ياكى سەدىقە بېرىشتە «مەن بۇ بئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىدىم» دەپ تۇرۇپ،  مەرد ئادەم دېگەن نامنى ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا، بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن  ئەمەس، ئۆزىنىڭ غەرىزى ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ. بۇ ناھايىتى نازۇك ماۋزۇدۇر. خالىس دېگەننىڭ مەنىسى مانا مۇشۇدۇر.
ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش. نىيەت قانچىلىك خالىس بولۇپ كەتسىمۇ، ئىبادەت ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن قائىدە – تەرتىپ بويىچە قىلىنمىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ. فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ: «ئىبادەت خالىس بولۇپ، توغرا قىلىنمىسا قوبۇل بولمىغاندەك، توغرا بولۇپ خالىس بولمىسا يەنە قوبۇل بولمايدۇ» دېگەن ئىكەن.
ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى

ئىبادەت ئاللاھ تائالاغا چىن مۇھەببەت ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئېھسان تەرىقىسىدە قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىدىن مۇھەببىتى بولمىغان كىشىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى پەقەتلا پايدىسىز پائالىيەتلەردىن ئىبارەت بىر نەرسىدۇر. بۇنداق پائالىيەتلەردىن ئاللاھ تائالا بىھاجەتتۇر، ئەلۋەتتە. خۇددى ساختا پۇلنىڭ بانكىدا ئۆتمىگىنىدەك، ئىخلاسسىز ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنىمۇ ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ.
ئىبادەت قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى يادىغا ئالغان ھالدا ۋايىغا يەتكەن كەمتەرلىك بىلەن تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 
ئېھسان ـ ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنى، خۇددى ئاللاھ تائالانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېس ـ تۇيغۇ بىلەن ئادا قىلىش دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھسان توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئېھسان ـ خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»().
    ئىبادەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ

ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۇنى يوق يەردىن بار قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان شەپقەتلىك ئىگىسى ― ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى ئۆتەشكە تېگىشلىك تەبىئىي بۇرچ دەپ تونۇيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۈممەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ زامانىدىن كېيىن كەلگەن ئىنسانلار بۇرۇنقىلىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان ھەق يوللىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكتىن، بەزىلىرى ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ قۇياش، ئاي، ئوت، سۇ قاتارلىق تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە كالا قاتارلىق ھايۋانلارغا چوقۇنغان بولسا، بەزىلىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، بۇتلارنى، ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىۋالغان. شۇنداق قىلىپ ئىنسانلار ئاللاھ كۆرسەتكەن ئېتىقاد ۋە ئىبادەت سىستېمىلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەق دىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئىنسانلار ھەق دىننى ئونتۇپ، كۇفرىلىققا يۈز تۇتقان ھەربىر دەۋردە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەق دىنغا قايتۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، پەيغەمبەرلەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلار يەنە قايتىدىن بۇرۇنقى كۇپۇرلۇقلىرىغا قايتىپ تۇرغان. ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ئىسلام دىنىنى تا قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس، بۇزۇلماس، مەڭگۈلۈك دىن قىلىپ بەلگىلەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ ئاخىرقى دىنغا، ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى مەخلۇقلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئۆزۈلكېسىل ئازات قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ھەقىقەت نۇرىغا چىقىرىشنى تەقەززا قىلغان بولۇپ، شۇندىن بېرى ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىلاھىي بىر مەشئەل بولۇپ چاقناپ كەلمەكتە. بۇ مەشئەل تاقىيامەتكىچە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىدۇر.

ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر

ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ۋە ئېھسانلىرى ھەقىقەتەن سان _ ساناقسىز ۋە ھسابسىزدۇر. ﴿وَإِن تَعُدُّواْ نِعْمَتَ اللّهِ لاَ تُحْصُوهَا﴾ يەنى  « ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر»().

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى مۇئاز ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، مۇئاز: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرى: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشىدۇر» دەيدۇ.

ئىبادەت روھنىڭ غىزاسىدۇر

جىسىم ئوزۇقلىنىشقا موھتاج بولغاندەك، روھمۇ ئوزۇقلىنىشقا مىھتاجدۇر. روھنىڭ ئوزۇقى ئىبادەتتۇر. ئىنسان بىز كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىچى قۇرۇق ھەيكەل ئەمەس، ئىنساننى ئىنسان قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى ئۇلۇغۋار روھ بولۇپ، بۇ روھ ئاللاھ تائالادىن كەلگەن. شۇڭا ئىنسان قەلبى مەنىۋى ئوزۇققا موھتاجدۇر. بۇ مەنىۋى ئوزۇقنىڭ توغرا يەردىن تاپالمىسا، خۇراپاتلارغا ئىشىنىش ئارقىلىق قاندۇرىدۇ.

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ھۆرلۈكنىڭ يولىدۇر

ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئىنساننى مەخلۇقاتقا قۇللۇق قىلىشنىڭ خارلىقىدىن چىقىرىپ، ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ئەزىزلىقىغا چىقىرىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش موھتاج ئىنسانغا موھتاج بولۇشى خارلىقتۇر، ئەمما ياراتقۇ زات ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنىڭ موھتاجلىقىقىنى ئىپادىلىنىشى ئەزىزلىقتۇر.  ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتقا بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قلىشنىڭ قوللۇقىدىن ئازات قىلغا بولىدۇ.

ئىبادەت ئىلاھى سىناقتۇر

ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى بۇ دۇنيا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئىشلەيدىغان جاي، ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقىدۇر. ئىنسان بۇ ھاياتلىقنى ئىباتكە ئۆرۈشكىمۇ، ئۇنى ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا خىزمەت قىلىدىغان قىلىشقىمۇ قادىردۇر. ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاللاھ تائالانىڭ يېقىنى بولۇشقا ئۆرلەيدىغان شوتا قىلىش ياكى ئۇنى دوزاخقا چۈشىدىغان پەلەمپەي قىلىشمۇ ئىنسان قولىدا. ئاللاھ تائالا ) ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى (كۆرۈپ ئۇلارنى) سىناش ئۈچۈن، بىز يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقەتەن يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق(دەيدۇ.

ئىبادەت جەننەتنى قازىنىشنىڭ كاپالىتىدۇر

ئىبادەت جەننەتنى قازىنىش، دوزاختىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. بارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ شۇ غايىيىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىبادت قىلغان. ھاياتىنى ئاللاھ تائالا بەلگۈلەپ بەرگەن ئىلاھى قانۇنغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغان ئادەم ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىدۇ، دوزاختىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتتۇر

ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سانسىزلىغان نېمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، بۇ نېمەتلىرى يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش، ۋاپادارلىق قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋىجداننى تەربىيەلەيدۇ

مۇئمىن ئادەم ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش، نېمەت بەرگۈچىنى ئۇلۇغلاش ۋىجدانلىق ئىنسانلارنىۇڭ قىلىسقا تېگىشلىك بۇرچىدۇر. ئاللاھ تائالاغا قارىتا ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىنى ھېس قىلغان مۇئمىن ئادەم ئىنسانلارنىڭ، خۇسۇسەن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى دەپ بىلىدۇ ۋە ئادا قىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئىنسانغا ئىنساپ، ۋىجدانلىق بولۇش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقنى ئۆگىتىدۇ.

ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

ئىبادەت قىلىشتىكى مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولۇشى.
ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە بولۇشى.
مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەرنى ئۆز يولىدا داۋاملاشتۇرغان بولۇشى شەرتتۇر. چۈنكى رەمزى ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەرگە باغلىقتۇر. چۈنكى دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش مۇئامىلىۋىي ئىبادەت بولۇپ، مۇشۇ مۇئامىلىۋىي ئىبادەت جايىدا ئورۇندالمىسا، رەمزى ئىبادەت مېۋە بەرمەيدۇ. 
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە) قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ( يەنى )ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك (پۇل _ مال) سەرپ قىلىپ كېتىڭلار، ئۇ سىلەردىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋمسىلەر(. بۇ ئايەت مۇئامىلىۋىي ئىبادەت ئورۇندالمىسا، سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بارلىق ھايات ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ئىش كۆرۈش مۇئامىلىۋىي ئىبادەتتۇر، زاكات بېرىش ۋە ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىش سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. مۇناپىقلار ئاغزىدا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ، دىلىدا كۇفرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ «ئىمان ئېيتىڭلار» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەرگەن زاكىتى ۋە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان پۇل _ مېلى قوبۇل قىلىنمىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا ۋە قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ بېشىغا تاجى كىيگۈزۈلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستە قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت مۇئامىلىۋىي ئىبادەت قۇرئان ئوقۇشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ نەتىجە بېرىشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى پەرۋەردىگارىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»(). چۈنكى ھارامدىن يىراق تۇرۇش، ھالالدىن يېيىش، ھالالدىن ئىچىش ۋە ھالالدىن كىيىنىش مۇئامىلىۋىي ئىبادەتتۇر، دۇئا قىلىش سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. بۇ ھەدىستە مۇئامىلىۋىي ئىبادەت بولغان ھارامدىن يىراق تۇرۇش ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ئىبادەت بولغان دۇئا ئىجابەت قىلىنمىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بەزى روزار تۇتقۇچىلار باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇقتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ». بۇ ھەدىس غەيۋەت، يالغان گەپ، ئەزىيەت قاتارلىق گۇناھلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇتقان روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى توغرۇلۇق كەلگەن بولۇپ، گۇناھتىن ساقلىنىش مۇئامىلىۋىي ئىبادەتتۇر، روزا تۇتۇش سىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر. مۇئامىلىۋىي ئىبادەت ئورۇندالمىغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ ساۋابى بىكار بولۇپ كەتكەن.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: )اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ( يەنى )(ئى پەيغەمبەر!) قۇرئاندىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغانلارنى ئوقۇغىن ۋە نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغىن. چۈنكى (مۇكەممەل ئوقۇلغان) ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(. نامازنىڭ گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ۋە ھەرقانداق يامان ئىشلاردىن توسىدىغانلىقى ھەق ۋە راستتۇر. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. ئەمما رېئاللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئوقۇپ تۇرۇقلۇق، كىشىلەرنى ئالدايدۇ، يالغان گەپ قىلىدۇ، زۇلۇم قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتۇر. ناماز ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن گۇناھتىن توسالمايدۇ؟ سەۋەب زادى نەدە؟

نۇرغۇن ئۆلىمار بۇنداق سوئاللارغا ئانچە باش قاتۇرمايلا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بېرىدىغان جاۋابى  بىر - ئىككى جۈملە سۆزدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار نېمە دەيدۇ؟ ئۇلار دەيدۇكى، «بىراۋ ناماز ئوقۇپ تۇرۇقلۇق، گۇناھتىن ساقلىنالمىغان بولسا، ئۇ كىشى نامازنى قائىدە – تەرتىپلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىپ، ئىخلاس قىلىپ ئوقۇمىغان گەپ. شۇڭا ناماز ئۇنى گۇناھتىن توسالمايدۇ». 

ئەمما مەن بۇ مەسىلىگە باشقىچە قارايمەن. سەۋەب نامازنى قانداق ئوقۇشتا ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەب ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئامىلىۋىي ئىبادەتنى ئورۇندىمىغانلىقىدا. چۈنكى ئۇ ئادەم ھاياتىنى ئىبادەت ئىچىگە ئالمىغان، نامازدا مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشىنى قىلغىنى بىلەن، نامازنىڭ سىرتىدا مۇسۇلمانغا لايىق ئەمەس ئىشلارنى قىلغان، مەسىلەن: كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغان، قوشنىلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن، ئايالىنى خارلىغان، ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى، ئاتا- ئانا ھەقلىرىنى، تۇغقاندارچىلىق ھەقلىرىنى ئادا قىلمىغان، بىرىنى ئالدىغان، يەنە بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان، ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىنى قولىنىڭ  ئۇچىدا قىلىپ ساختىلىق قىلغان. قىسقىسى، ھايات ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلمىغان. شۇڭا، ئۇنىڭ كۈندە بىر قانچە مىنۇت قىلىپ قويغان سىمۋوللۇق ئىبادىتى قوبۇل بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئىبادەتتىن كۈتۈلگەن نەتىجە ئەمەلگە ئاشمىغان.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار