ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا يۈرەك سۆزۈم 

 


ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا يۈرەك سۆزۈم         

                                                         مۇھەممەد يۈسۈپ 

 


—     غايە تىكلەش، يەنى ئوقۇشتىن مەقسىتىڭىز نېمە؟  

 


—     ئىخلاس، يەنى ئاللاھنى رازى ۋە مەمنۇن قىلىشنى نىيەت قىلىش.

 


—  دىيانەتلىك بولۇش، يەنى ئاللاھنى، ۋەتەننى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان بولۇش.

 


—     تەقۋالىق، يەنى دىننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىش. تەقۋالىق تاشقى قىياپەتتە ئەمەس، يۈرەكتە.

 


—  ئەمەل، يەنى بىلگەنگە ئەمەل قىلىش.

 


—     ئىرادىلىك بولۇش، يەنى جاپادىن قەتئىي قورقماسلىق.

 


—     ئۈمىدۋار بولۇش.

 


—     ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش.

 


—     ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا چەك قويۇش.

 


—     ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش.

 


—     بۇرۇن يېتىپ سەھەر تۇرۇش.

 


—     ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش .

 


—     سەھەر ۋاقتىنى غەنىيمەت بىلىش.

 


—     كىتابنى ھۆرمەتلەش.

 


—     مۇمكىنقەدەر سىرتتا ئاشخانىلاردىن تاماق يېمەسلىك

 


—     پاكىز، رەتلىك بولۇش.

 


 

 


ئىلىم ھاسىل قىلىشنىڭ چارىلىرى

 


—     ئەقىل/ھېرىسمەنلىك/ تىرىشچانلىق/ ئاز يېيىش/ئۇستاز بىلەن بولۇش/ ئۇزۇن ۋاقىت.

 


—     ئىلىم دۇنيالىقنىڭ ئاچقۇچىسى، ئاخىرەتنىڭ يولى.

 


—     دۇنيالىقنى تىلىگەن كىشى ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك، ئاخىرەتلىكنى تىلىگەن كىشى ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك، ھەر ئىككىسىنى تىلىگەن كىشى ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك.

 


—     تاھىر جەزائىرىي مۇنداق دېگەن ئىكەن: «مەتبەلەر ئەڭ ياخشى يېزىلغان كىتابلارنى باسىدۇ، كىتابخانىلار ئەڭ ياخشى بېسىلغان كىتابلاربنى ساتىدۇ. مەن كىتابخانىغا بېرىپ ئەڭ ياخشى كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋالىمەن. ئاندىن ئۆيگە كېلىپ ئەڭ ياخشى كىتابلاردىن باشلاپ ئوقۇشقا كىرىشىمەن. ئاندىن ئوقۇغانلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى يادلىۋالىمەن، ئاندىن سىلەرگە مەن يادلىۋالغانلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تەقدىم قىلىمەن».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار