ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ

ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ

نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىڭىز يۇيۇشىڭىز كېرەك؟ چۈنكى، ئەگەر ئۆزىڭىز يۇمىسىڭىز، سىز ئۈچۈن يۇيۇپ قويىدىغانلار بار. ئۇ چاغدا سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزگە ئائىت بولماي، ئۇنى يۇيۇپ، تولدۇرغان كىشىلەرگە ئائىت بولۇپ قالىدۇ.

مېڭىمىز ھەر زامان باشقىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى، كۆرسەتمىلىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇپ، ناھايىتى ئوڭايلا قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر بىز بارچە مەلۇماتلىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، بىز بىلىدىغان ۋە ئېتىقاد قىلىدىغان نەرسىلەردىن 99% نىڭ باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. بىز ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ياشىيالمايمىز ياكى ئۇلارنىڭ تەسىرىنى ئۆزىمىزدىن توسالمايمىز. شۇڭا كۈندە ئىختىيارسىز ھالدا دوستلاردىن، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن نۇرغۇن تەسىراتلارنى قوبۇل قىلىمىز. چۈنكى، بىزدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بۇلارنى تېز قوبۇل قىلىشقا ھازىر شارائىتتا تۇرىدۇ.

مېڭىڭىزنى قانداق يۇيۇسىز؟

ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىڭىز يۇيۇشىڭىز ۋە ئۇنى سىرتتىن قوبۇل قىلىۋلغان سەلبىي تەسىرلەردىن تازىلىشىڭىز ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈشىڭىز، كۆزقاراش، پىكىر، تەۋسىيە، باھا، ھۆكۈم قاتارلىق مېڭىڭىز سىرتتىن قوبۇل قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل، مەنتىق، قىممەت قاراش ۋە دىنىي تەربىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ئانالىز قىلىشىڭىز لازىم. كۈندە مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ، تەپەككۇر قىلىش، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئويلاش ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىشلارنى ۋە ۋەقەلەرنى ئويلاپ چىقىپ، ئىجابىيلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ، سەلبىيلىكلەرنى مېڭىڭىزدىن تازىلاپ چىقىرىشىڭىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزگە گەپ قىلىش، كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىجابىي سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە دېيىشمۇ مېڭىڭىزنى يۇيۇشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ.

ئىبرەت

—            مېڭىمىز ھەمىشە پىكىر ئۇرۇشى ئىچىدە تۇرىدۇ. ئەگەر سىز مەۋقەيىڭىزنى ئېنىق بەلگىلىمىسىڭىز، سەلبىي تەرەپنى قوبۇل قىلىۋالىسىز.

—            بىزنىڭ كۆزقارىشىمىز كىملىكىمىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ، ئەگەر مېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇمىسىڭىز، جەمئىيەت ئۇنى يۇيۇپ قويىدۇ.

—            ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز نەسىھەت قىلىشىڭىز سىزنى ئىچكى جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، سىرتتىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار