قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «جىھاد» سۆزىنىڭ مەنىلىرى

قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «جىھاد» سۆزىنىڭ مەنىلىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«الجھاد» دېگەن سۆز بار كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىش، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىس، بارلىق ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچىنى چىقىرىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، جىھاد دېيىلگەن ھامان زېھىنلەرگە  ئاللاھ يولىدا قوراللىق ئۇرۇش قىلىش كېلىدۇ. چۈنكى، «جىھاد» سۆزى بۇ مەنىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما بۇ «جىھاد» سۆزى ئىپادىلەيدىغان مەنىلەرنىڭ بىرىدۇر، ھەممىسى ئەمەس. قوراللىق ئۇرۇش قۇرئان كەرىمدە «جىھاد»، «ھەرب»، «قىتال» ۋە «نەفرە» دېگەن ئىسىملار بىلەن كەلگەن. ئەمما «جىھاد» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىكتۇر.

جىھاد — ئىسلامنى تارقىتىش ياكى مۇسۇلمانلارنى نىشانغا ئالغان دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىش ۋەياكى مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق قوراللىق ۋە قورالسىز كۈرەشلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا جىھاد بەزىدە كاپىرلار ۋە زالىملار بىلەن ئۇرۇشۇش ئارقىلىق، بەزىدە دەلىل-پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىلىشىش ئارقىلىق، بەزىدە ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش يولىدا بارچە ئىمكانىيەتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە «الجھاد» دېگەن سۆز بارچە تۈرلىنىشلىرى بىلەن 39 ئورۇندا كەلگەن بولۇپ،ئۈچ چوڭ مەنىدە كەلگەن. ئۇلار:

1.   ئاللاھ يولىدا قوراللىق ئۇرۇش قىلىش. مەسىلەن: ﴿ إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ يَرْجُونَ رَحْمَةَ اللَّهِ وَاللَّهُ غَفُورٌ﴾ «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار __ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[1].

2.   دەلىل-پاكىتلارنى قوللىنىپ كۈرەش قىلىش. مەسىلەن: ﴿ فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُمْ بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا﴾ «(سېنى زېمىن ئەھلىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) سەن كاپىرلارغا بويسۇنمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى چوڭ جىھاد ئېلىپ بارغىن»[2].

3.   ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. مەسىلەن: ﴿ وَمَنْ جَاهَدَ فَإِنَّمَا يُجَاهِدُ لِنَفْسِهِ إِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ﴾ « كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن جىھاد قىلغان بولىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن بىھاجەتتۇر»[3].

بۈيۈك تىلشۇناس راغىب ئەسفاھانىي مۇنداق دېگەن: «جىھاد ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش، شەيتان بىلەن ئېلىشىش ۋە نەپسنىڭ يولسىز تەلەبلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان: ﴿وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ﴾ «ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە (خالىس نىيەت بىلەن) جىھاد قىلىڭلار»[4] ».


[1] بەقەرە سۈرىسى:218- ئايەت.
[2] فۇرقان سۈرىسى:52- ئايەت.
[3] ئەنكەبۇت سۈرىسى:6- ئايەت.
[4] ھەج سۈرىسى: 78- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار