باشقىلارنىڭ نىيەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ ھاراملىقى

 

باشقىلارنىڭ نىيەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ ھاراملىقى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۆلىمالار باشقىلارنىڭ نىيەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ ۋە ئۇلار ھەققىدە يامان گۇمانلاردا بولۇشنىڭ قەتئىي ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلەشكەن. يامان گەپ قىلىپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىش تىل ئارقىلىق سادىر قىلىنغان ھارام بولسا، كىشىلەر ھەققىدە يامان ئويدا بولۇش قەلب ئارقىلىق سادىر بولىدىغان ھارامدۇر. گۇماننىڭ ھەممىسىلا ھارام ئەمەس. چۈنكى، گۇمان قىلىش ئارقىلىق ساقلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشلارمۇ بار. مەسىلەن: دۈشمەننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى بەربات قىلىش ئۈچۈن گۇماننى ئىشقا سېلىش، زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۇمان ۋە تەخمىنلەردىن پايدىلىنىش دېگەنگە ئوخشاش. ئەمما مۇسۇلمانلاردىن ئەيىب ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ۋە كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىۋېتىش قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى، بۇ بىزنىڭ ھەددىمىز ئەمەس.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارنى بىرەر يامان ئىشتىن توسۇشتا ياكى ئۇلاغا بىرەر ئىشنى بۇيرۇشتا «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دېگەن خىتاب بىلەن سۆز باشلىغان. بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئىمان تەقەززا قىلغان زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى نىيەت ئوقۇش، ئەيىب ئىزدەش ۋە غەيۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ھارام ئىشلاردىن توسۇشتا ئۇلارنىڭ ئىمانىغا خىتاب قىلغان.

﴿ ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر. بىر _ بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر _ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار﴾ ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كۆز ئالدىدا بولمىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھۆرمىتىنى ۋە ھەق _ ھوقۇقىنى قوغداشقا بۇيرۇغان ۋە بۇلارنىڭ ئىزززەت - ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلىشتىن توسقان. بۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ئىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1.       كىشىلەر ھەققىدە يامان ئويدا بولۇش،

2.       كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش،

3.       كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش.

يۇقىرى ئۈچ قىلىق قەلبتىن تەقۋالىق يوقالغاندا مەندانغا كېلىدۇ. چۈنكى تەقۋالىق بار قەلب بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. مۇنداق رەزىل ئىللەتلەر ھەقىقىي مۇئمىن كىشىلەردە تېپىلمايدۇ. بۇ ئىللەتلەر ئەلۋەتتە ئىمانغا زىت كېلىدۇ ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ئىمانى تولۇق بولغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەش  بىلەن بولماستىن، ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى تۈزىتىش كويىدا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا  يۇقىرىقى ئايەتتە، مۇسۇلمانلارنى بۇنداق رەزىل قىلمىشلاردىن مەنئى قىلىشتا، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئىمانى بىلەن نىدا قىلغان. بۇ ئىللەتلەر بىر خىل تەدرىجىيلىكنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. مەسىلەن: يامانلىق بىراۋنى يامان گۇمان قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئەيىب ئىزدەش، ئاندىن ئۇنىڭ ھەققىدە سۆز _ چۆچەك تارقىتىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاندىن بۇ ئىشلار ئۆزئارا دۈشمەنلىشىش، بىر _ بىرىدىن يىراقلىشىش ۋە بىر _ بىرىدىن نەپرەتلىنىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

ئەگەر قەلبىڭىز ساغلام، نىيىتىڭىز دۇرۇس بولسا، بىراۋنىڭ گۇمان قوزغايدىغان ئىشلىرىنىمۇ ياخشى دەپ ئويلايسىز ۋە يامان نەتىجە چىقىرىشقا ئالدىرىمايسىز. چۈنكى، ئۇ مەزكۇر گۇمانلىق ئىشنى سىز باشقىچە چۈشىنىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار﴾ بۇ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە نازۇك بىر تەبىر بولۇپ، ئايەتتە گۇماننىڭ ھەممىسىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپ گۇمان قىلىشتىن توسقان. دېمەك، گۇماننىڭ ھەممىسى گۇناھ ئەمەس ۋە ھەممىسى مەنئى قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلار بەزى گۇمانلارغا موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن: جاننى ۋە مال _ مۈلۈكنى قانداقلا بىر زىيان _ زەخمەتتىن قوغداش ئىشلىرىدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەنگە، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن دىنىي ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا گۇماننىڭ كۈچلۈك تەرىپىگە ئەمەل قىلغانغا، تىجارەت ۋە كەسىپ ئىشلىرىدا گۇمان ۋە تەخمىنلەرگە تايىنىپ ئىش كۆرگەنگە ئوخشاش. ئەمما مەنئى قىلىنغان گۇمان بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە باشقىلار ھەققىدە پەيدا بولىدىغان سەلبىي ئوي-پىكىر، خاتا چۈشەنچە ۋە يامان ئويلاردۇر. مەسىلەن: گۇمانخور ئادەم بىراۋنىڭ ياخشىلىققىمۇ ۋە يامانلىققىمۇ ئېھتىمالى بولغان بىر ئىشىنى كۆرگىنىدە، ئۇنى دەرھال يامانلىق تەرەپكە ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يامان نەتىجە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق يامان نەتىجە چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەب ئۇنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان ئۆچمەنلىكى ياكى يامان گۇمانىدۇر. بۇنى ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يامان ۋە گۇناھكار دەپ خىيال قىلىشى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈۋېتىدۇ. كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلىش ئىنسانلار ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ قالغان بىر قەدىمىي ئىللەتتۇر. بىز ئادەتتىكى گۇمان بىلەن يامان گۇماننىڭ پەرقىنى چوقۇم ئايرىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ تائالانىڭ ﴿بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر﴾ دېگەن سۆزى تولىمۇ بەدىئىي، تولىمۇ ئادالەتلىك ۋە تولىمۇ مەنىلىك بىر سۆزدۇر. بەزى گۇمانلار گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشتىن ساقلانمايمىز؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إن الْحَلالَ بَيِّنٌ وَإنَّ الْحَرَامَ بَيِّنٌ، وَبَيْنَهُما أمور مُشْتَبِهَاتٌ لا يَعْلَمُهُنَّ كَثيِرٌ مِنَ الناسِ، فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ اسْتَبْرَأَ لِدِينِهِ وَعِرْضِهِ، وَمَنْ وَقَعَ في الشُّبُهاتِ وَقَعَ في الْحَرَامِ، كالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الْحِمَى يُوشِك أَنْ يَرْتَعَ فِيهِ» يەنى «ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك نەرسىلەر بار بولۇپ، بۇلارنى كۆپ كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە نومۇسىنى قوغداپ قالغان بولىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان ئادەم ھارامغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ چېگرا بويىدا قوي باققان ۋە قويلىرى چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشكە تاس قالغان پادىچىغا ئوخشايدۇ»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.

شۇ ئېنىقكى، مەنئى قىلىنغان گۇمان كىشىلەرگە زىيان _ زەخمەت يەتكۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان يامان گۇمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات قىلىشقا ئوخشىغان گۇمانلار مەنئى قىلىنمايدۇ. بەلكى مۇنداق گۇمانلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن يوللۇق سانىلىدۇ.

﴿بىر _ بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار﴾ بۇمۇ گۇماننىڭ تەرەققىي قىلغان تۈرى ياكى ئۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدۇر. چۈنكى ئىنسان بىراۋ توغرۇلۇق گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ئۆز گۇمانىنى كۈچلەندۈرىدىغان بىرەر سەۋەب تاپالمىسا، پەقەت ئۆز گۇمانىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى ھەرگىز ئىزدىمەيدۇ ۋە كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭ يامانلىق تەرەپلىرىنىلا ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى تېپىۋالسا، دەرھال ئۇنى چوڭايتىۋېتىدۇ ۋە مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئىمانى ئاجىز، ئەخلاقى ناچار ئادەملەرنىڭ قىلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا خىتاب قىلىپ: «يَا مَعْشَرَ مَنْ آمَنَ بِلِسَانِهِ، وَلَمْ يَدْخُلِ الْإِيمَانُ قَلْبَهُ لَا تَغْتَابُوا الْمُسْلِمِينَ، وَلَا تَتَّبِعُوا عَوْرَاتِهِمْ؛ فَإِنَّهُ مَنْ يَتَّبِعْ عَوْرَةَ أَخِيهِ يَتَّبِعِ اللَّهُ عَوْرَتَهُ حَتَّى يَفْضَحَهُ فِي بَيْتِهِ» يەنى «ئى ئاغزىدا ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، قەلبىگە ئىمان كىرمىگەنلەر جامائەسى! مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار! كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۆز ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ»([2]) دېگەن. ھەرقانداق بىر تەربىيەچى ياكى ئۇستاز بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە مۇستەسنادۇر. چۈنكى ئۇلار ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆز تەربىيەسى ئاستىدىكىلەردىن ئەيىب ۋە كەمچىلىكلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يولىنى قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىز كىشىلەرنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ئەيىب ئىزدىمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەيىب ئىزدىشى يوللۇقتۇر. چۈنكى بىر تەربىيەچى ئۆز مەسئۇلىيىتى ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى بايقىيالمىسا، ئۇلارغا قانداق تۈزىتىش بېرەلەيدۇ؟

﴿بىرـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ساھابىلەردىن: «أَتَدْرُونَ مَا الْغِيبَةُ؟» يەنى «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ذِكْرُكَ أَخَاكَ بِمَا يَكْرَهُ» يەنى «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە ئۇ يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «إِنْ كَانَ فِيهِ مَا تَقُولُ، فَقَدِ اغْتَبْتَهُ، وَإِنْ لَمْ يَكُنْ فِيهِ فَقَدْ بَهَتَّهُ» يەنى «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»([3]) دەيدۇ.

بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر گۇناھتۇر. غەيۋەت كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقنى دۈشمەنلىككە، ئىناقلىقنى بۆلۈنۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان، كىشىلەرنى بىر _ بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغان خەتەرلىك ئىللەتتۇر. 

ئەمما غەيۋەت زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش، گۇناھ _ مەئسىيەت سادىر قىلغانلارنى ئەيىبلەپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش، مەھكىمىدە گۇۋاھلىق بېرىش، بىراۋنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى باھالاش قاتارلىق ئىشلاردا چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى بۇ ھالەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق قىلىش ئايەتتە چەكلەنگەن غەيۋەت تۈرىگە كىرمەيدۇ.

﴿سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟﴾ دېگەن بۇ ئايەتتە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيى ۋە ئار _ نومۇسىغا چېقىلىشنىڭ خۇددى ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يېگەندەك يىرگىنىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇكەممەل بىر ئوخشىتىش ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. سورۇندا ھازىر بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەددىيە بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەم خۇددى ئۆلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان بىرىنىڭ گۆشىنى يېگەن ئادەمگە ئوخشىتىلغان. بۇ نەپرەتلەندۈرۈش ئۇسلۇبلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى سانىلىدۇ. چۈنكى ئادەم گۆشىنى يېيىش قانچىلىك يىرگىنىشلىك بولسا، ئۆلۈك بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىش تېخىمۇ يىرگىنىشلىك ئىشتۇر. دېمەك، غەيۋەت قىلىش ئەنە شۇنداق ساغلام تەبىئەتلىك ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان تولىمۇ رەزىل ئىللەتتۇر.

ئايەتتە يەنە ﴿قېرىندىشىنىڭ﴾ دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى غەيۋەتنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن بەك يىرگەندۈرىغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ گۆشىنى يېيىش شۇنچىلىك بەك يىرگىنىشلىك بولغان يەردە، ئۆزىنىڭ دىنداش ياكى نەسەبتىكى قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىش تېخىمۇ يىرگىنىشلىك، تېخىمۇ سەسكىنىشلىك قىلىقتۇر، ھەتتا ئادەم گۆشىنى يەيدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ قەبىھ ئىشتۇر.

﴿مانا ئۇنىڭدىن يىرگەندىڭلار. ئۇنداقتا، ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾ يەنى سىلەرنىڭ ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يېيىش دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغانلىقىڭلاردا شەك يوق. چۈنكى بۇ ئىنسان تەبىئىتىدۇر، ئىنسانلار بۇنداق سۆزلەردىن ئەلۋەتتە يىرگىنىدۇ. ئەگەر بىلسەڭلار، بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ يۈز _ ئابرۇيىنى تۆكۈشمۇ شۇنداق يىرگىنىشلىك گۇناھتۇر. ئەمدى سىلەر بۇنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ۋە ئۇنىڭ جازاسىغا تېگىشلىك بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بىراۋ شۇنداق رەزىل ئىشنى قىلسا، سىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يىرگىنىسىلەر ۋە نەپرەتلىنىسىلەر، ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، كۆزلەرنىڭ خىيانەتلىرىنى ۋە دىللارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، بارلىق گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچى ۋە بەندىلىرىگە تولىمۇ شەپقەتلىك، مۇئمىنلەرگە بەكمۇ مېھرىبان زاتتۇر.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا نازىل قىلغان كۆرسەتمىلىرى بولۇپ، ھەقىقىي ئىماننىڭ يۇقىرىقىلارنى قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بەرگەن.

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى مۇشرىك قەۋمنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ئىدى، بىر مۇشرىك ئادەم بىلەن ئېلىشىپ قالدۇق، مەن ئۇنى يېڭىپ ئۆلتۈرەي دەپ تۇرغاندا، ئۇ <لائىلاھە ئىللەللاھۇ> دېدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى نەيزەم بىلەن ئۆلتۈدۈم. كېيىن مەدىنىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى يەتكۈزگەن ئىدۇق. بىزگە: <ئۇ ئادەم لائىلاھە ئىللەللاھۇ دەپ تۇرسىمۇ ئۆلتۈردۈڭمۇ؟> دەپ كايىدى. ئاندىن مەن: <يا رەسۇلۇللاھ! ئۇ ئادەم مېنىڭ قىلىچىمدىن قورقۇپ شۇنداق دېدى> دېۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كايىپ: <سەن ئۇنىڭ راس سۆزلىمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قەلبىنى يېرىپ كۆردۈڭمۇ؟> دېدى»[4]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: <قەلبىنى يېرىپ كۆردۈڭمۇ؟> دېگەن سۆزى ئۇسامەنىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان كايىش بولۇپ، ئىنساننىڭ قەلبىدىكىنى كۆرگىلى ۋە بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ بەرگەن.

ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە دەيدۇكى، ئۇسامە ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمىگەن بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئۇسامەنى ئۆتۈرىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى، ئەمما ئۇسامە ئۇنىڭغا غالىب كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئىمان ئېيتقان  بولۇش ئېھتىمالى شۇنچىلىك بەك كۈچلۈك تۇرسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسامەگە كايىغانلىقى قەلبنى ئوقۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ۋە بىراۋنىڭ قەلبىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ قەتئىي توغرا ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى ئوقۇش، ئۇلار ھەققىدە يامان گۇمانلاردا بولۇش ھارامدۇر. چۈنكى، بىزنىڭ بىراۋ ھەققىدىكى گۇمانىمىز 99 پۈتۈن يۈزدە 99 دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزنى باشقىلارنىڭ نىيەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېيتقان ئىكەن، بىزنىڭ بۇ قىلغىنىمىز ئەلۋەتتە خاتا بولىدۇ. چۈنكى، قەلبلەردىكىلەرنى بىلىش بىزنىڭ ئىلمىمىز دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىمىزمۇ ئەمەس. شۇڭا ھەددىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك!

 (يېقىندا نەشر قىلىش ئالدىدا تىرغان «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق ئەسەردىن).


([1]) «صحيح البخاري» 3-توم، 53-بەت، 2051-ھەدىس، «صحيح مسلم» 3-توم، 1219-بەت، 1599-ھەدىس.
([2]) «مسند أحمد» 33-توم، 40-بەت،19801-ھەدىس، «سنن أبي داود» 4-توم، 270-بەت، 4880-ھەدىس.
([3]) «صحيح مسلم» 4-توم، 2001-بەت، 2589-ھەدىس.
[4] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى، 4269- ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار