پەرزەنت تەربىيەسى

 

پەرزەنت نېمەت ۋە ئامانەتتۇر

پەرزەنت ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نېمىتى ۋە چوڭ ئامانىتىدۇر. ھەرقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق ۋە ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەپ  چىقىشقا مەسئۇل. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلار پەرزەنتلەرنىڭ  ئاقىۋىتىگە جاۋابكاردۇر. شۈبھىسىزكى، ھاياتتا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ۋە ھاياتىدىن كېيىنمۇ قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى پەرزەنتلىرىنى قەلب رىشتىسى ئاللاھ تائالاغا تۇتاشقان، دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنچە يوقسۇللۇق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا كۆپ مال- دۇنيا، ئۆي-ئىمارەت ۋە ياكى يەر-زېمىن قالدۇرۇپ كېتىشكە ئالدىرايدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقىي يوقسۇللۇق ئىمان ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسىز قېلىش ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ يوقسۇللۇقى دۇنيادىكى جىمى يوقسۇللۇقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

يەنە بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ئاۋۋال سادىق ئىمان، گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئەمەلدىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ. شۇ ئېنىقكى، بەخت-سائادەت دېگەن پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكى بىلەن، ياكى چوڭ مەنسەپلەرگە ئېرىشىش بىلەن، ياكى خەلق ئىچىدە ئابرۇي قازىنىش بىلەن بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەر بولۇپ، بۈگۈن بار، ئەتە يوق. ئەمما ئىمان ۋە ئەخلاق بايلىقى پەرزەنتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈشكە كاپالەت قىلالايدىغان ھەقىقىي بايلىق بولۇپ، ماددىي جەھەتتىكى يوقسۇللۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى

تەربىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بالىلارنى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان ئەل ئىشىغا ياراملىق، چىن مەنىدە مۇسۇلمان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دوختۇر بولۇشتىن، ئىنژېنېر بولۇشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىرەر ھۈنەرنىڭ ئۇستىسى بولۇشتىن ۋە  جاھاندىكى بارلىق نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قىسقىسى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى شەخسلەرنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە يېتىشىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان دوختۇر، مۇسۇلمان مۇئەللىم، مۇسۇلمان دېھقان، مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمان كادىر، مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇسۇلمان ھۈنەرۋەن بارلىققا كەلگەن ئۈلگىلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش غايە ۋە مەقسەت قىلىنىدۇ.

11- ئەسىردە ئۆتكەن يېتۈك ئالىم، پەيلاسوپ ۋە ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالا تەربىيەسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىكەن:

ئاتا ئەمگىكى سىڭسە ئوغلىغا كۆپ،

بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇي-پەيلى خوپ.

ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا ياخشى ئىرۇر،

ئاتاسى، ئاناسى بەختلىك بولۇر.

ئەگەر چىڭ تۇتۇلماس ئىكەن ئۇ ئوغۇل،

بولۇر زايە ئاندىن سەن ئۈزگۈن كۆڭۈل.

زەكىي بولسا ئالىم ئۇ ئوغۇل ئاتىسى،

ئۇنى تۇتقۇلۇق چىڭ شۇدۇر چارىسى.

كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى قىزى،

چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.

كىچىك چاغدا ئوغلىنى قويسا ياۋا،

ئوغۇلدا گۇناھ يوق ئاتاغا جاپا.

ئوغۇل-قىز خۇي-پەيلى بولسا يامان،

يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى  ھامان.

 

پەرزەنتلەرگە ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. چۈنكى ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز تىلى ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.

كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نومۇسلۇق ئىشتۇر. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مىللىي قائىدە- يوسۇنلارنى ئۆگىتىش، ھەتتا ئىمان ۋە ئىسلامنىمۇ ئۆز تىلىمىزدا بىلدۈرۈش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. چۈنكى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ چوڭ بولغان، ئائىلىدە ئالىدىغان دەسلەپكى بىلىملەرنى ئانا تىلىدا ئۆگەنگەن ۋە ئانا تىل ئاساسى مەھكەم بولغان بالىلارنىڭ باشقا تىللاردىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولىدىغانلىقى، ئەكسىچە، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ چوڭ بولمىغان ياكى ئانا تىل ئاساسى مەھكەم بولمىغان بالىلارنىڭ ئويلىشى، تەپەككۇر قىلىشى ۋە تەسەۋۋۇرىمۇ ئۆزى سۆزلىشىۋاتقان تىلغا خاس شەكىللىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي دەۋادىن، مىللىي پۇراق ۋە مىللىي قائىدە - يوسۇنلاردىن يىراق چوڭ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ناۋادا بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز مىللىي پۇراقتىن، مىللىي قائىدە-يوسۇنلاردىن ۋە مىللىي دەۋادىن يىراق چوڭ بولسا، ئۇلاردىن بىزنىڭ نام-نىشانىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، مىللىي ئىرادىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشىنى، دەۋايىمىزغا ئىگە چىقىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانچىلىك چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، قانچىلىك يۇقىرى سەۋىيەگە ئېرىشتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئائىلىمىزدە چەتئەللىكلەرنى يېتىشتۈرگەن بولىمىز-دە، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ دەردىمىز بىلەن كارى بولمايدۇ.

تەربىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى
ئاتا ـ ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بالىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك تەربىيەسىدىن مەسئۇلدۇر.

1. بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

2. بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

3. بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

4. بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەنددىكىچە:

بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن مەقسەت: ئۇلار ئەقىل ئىدراكقا ئىگە بولغىنىدىن باشلاپ، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىپ، قەلبلىرىگە ئورنىتىش، ئىسلام دىنى شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت قاتارلىق ئەمەللەرگە كۆندۈرۈش، مەنئى قىلىنغان بارلىق ھارام ئىشلاردىن ئۇلارنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرۈش دېمەكتۇر.

بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش دېگەندىن مەقسەت: ئۇلارنى كىچىكىدىن ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك ۋە ۋىجدانلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دەيدۇ([1]). يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر» دەيدۇ([2]).

بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن مەقسەت:

بالىلارنى كىچىكىدىن شەرىئەت ئىلىملىرى، پەن ـ مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىكىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى كېلەچەكتە جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىلمىي، مەدەنىي ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش دېمەكتۇر. بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئوقۇتۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

مەلۇمكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش بارچە ياخشىلىقنىڭ بېشىدۇر. دىنىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقىمۇ ئوقۇشقا بۇيرۇشتۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلىق ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ. ئاخىرەتتە جەننەتنى قازىنىشمۇ بىلىم بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىلىم ئېلىش يولىغا كىرىدىكەن، ئاللاھ  ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»([3]). ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئاندىن ئالىم بولۇش پەقەت ئەقىل بىلەن بولىدۇ. شۇڭا ئەقىلنى بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قورالى دەيمىز.

ئەقىل ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق بايلىقتۇر. ئىنسانلار شۇ ئەقىل بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچلىرىنى ئۆتەيدۇ. نەتىجىدە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.

بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن مەقسەت: بالىلارغا كىچىكىدىن يېمەك ـ ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىكى سالامەتلىكنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى ۋە تەن ساقلىقىغا پايدىلىق بولغان ھەر خىل تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ساغلام، كۈچلۈك ۋە ئەل ئىشلىرىغا ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر.

بالىلار بالاغەت ياشلىرىغا يېتىشى بىلەن ئۇلار ھەر خىل ئۇيۇن ـ تاماشالار ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار ئارقىلىق بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بۇ دەۋر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەڭ دىققەتلىك بولۇشىغا تېگىشلىك بولغان ئەھمىيەتلىك بىر دەۋرىدۇر. بالىلارنى بۇ ياشلىرىدا، ئۇلارنىڭ تەن ساقلىقىغا پايدىلىق بولغان پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلمىغاندا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قىيىن بولىدۇ.

 

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ئىسچوتى
بانكىدا پۇل قويغان ئادەم ئۇنى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئىشلىتىش ۋە زۆرۈر ھاجەتلەردىن چىقىش ئۈچۈن قويىدۇ. ئىشەنچ ئىسچوتىمۇ خۇددى بانكا ئىسچوتىغا ئوخشاش مۇھىم ھاجەتلەردىن چىقىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. بانكا ئىسچوتىدىكى ئامانەت تۇرمۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغاندەك، ئىشەنچ ئىسچوتىدىكى ئامانەت كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئادەمگە، خۇسۇسەن بالىلارغا توغرا، سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشىمىز بىزدىكى ئىشەنچ ئىسچوتىنى بېيىتىدۇ. ئىشەنچ ئىسچوتى باشقا ھېسسىيات سېلىنمىلىرىنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. «ئىشەنچلىك ئادەم» دېگەن ئىشەنچ ئىسچوتىغا ئىگە بولۇش بانكىدا مىليون دوللارلىق پۇل ئىسچوتىغا ئىگە بولغاندىن يۇقىرىدۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىشەنچ ئىسچوتىغا سالغان سېلىنمىسىغا قاراپ بولىدۇ.

ئىنساندا ھەر خىل سېلىنمىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك سېلىنما ئىشەنچ ئىسچوتىدۇر. بۇنداق ئىسچوتى بولغان ئادەم ناۋادا خاتالاشسىمۇ ياكى باشقىلار تۆھمەت قىلىپ قارىلىسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئۇنى ئاقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ ئىسچوتى ئۇنى شۇنداق ئىشەنچلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان بولۇپ، ئائىلىدىكى ئايال بالىسىنى: «بېرى كەل، ساڭا بىر نەرسە بېرىمەن» دەپ چاقىرىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: «سىز بالىڭىزغا نېمە بەرمەكچى؟» دەپ سورىدى. ئايال: «بەلكى خورما بېرەرمەن» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەگەر سىز بالىڭىزغا بىر نەرسە بەرمىسىڭىز، سىزگە يالغان ئېيتقانلىقنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەربىر پۇرسەتتە كىشىلەرگە تەلىم بېرىشنى قولدىن بەرمەيتتى. ئايالنىڭ بالىسىغا ۋەدە قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە بەرمەسلىكى ئۆزىدىكى ئىشەنچ ئىسچوتىنى نۆلگە چۈشۈرۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئايالغا شۇنداق دېگەن. ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدىكى ئىشەنچ ئىسچوتىنى نۆلگە ئايلاندۇرۇشى بىرەر قېتىم يالغان ئېيتىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان شۇنچىلىك ئوڭاي ئىش. ئەمما نۆلگە ئايلانغان ئىسچوتىنى ئون دەرىجىگە ياكى يىگىرمە دەرىجىگە كۆتۈرۈش ئوڭاي ئەمەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. بۇ چېقىۋەتكەن چىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغاندەك ئىشتۇر. چۈنكى سىز بالىڭىزغا بىر قېتىم يالغان ئېيتىپ قويۇپ، ئارقىدىن ئون قېتىم، ئەللىك قېتىم، ھەتتا يۈز قېتىم راست سۆزلىسىڭىزمۇ، پەرزەنت سىزگە تولۇق ئىشەنچ قىلالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «دادام ماڭا بىر قېتىم يالغان سۆزلىگەنتى، بەلكى بۇ قېتىممۇ يالغان ئېيتىدىغاندۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر پەرزەنت سىزدىن بىرەر قېتىممۇ يالغان سۆز ئاڭلىمىغان بولسا، بىرەر قېتىممۇ ۋەدىڭىزگە خىلاپلىق قىلمىغان بولسىڭىز، پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىرلىشىپ سىزنى يالغانچى دېسىمۇ، پەرزەنت ئۇلارغا قەتئىي ئىشەنمەيدۇ ۋە سىزنى جېنىنى تىكىپ قوغدايدۇ.

ئىنسان ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچلىك ئادەم بولۇشى لازىم. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، ئۇ ئادەم ھەرقانچە ئۆلىما ياكى زىيالىي بولۇپ كەتسىمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە غەلىبە قىلالمايدۇ. سەمىمىي بولۇش دېگەن لەۋزىدە تۇرۇش، راستچىل بولۇش، ئېيتقانلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ئىسچوتى ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ھالقا ھېسابلىنىدۇ. ئىشەنچ ئىسچوتى كۆپەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ، ئۇ تۆۋەنلىگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاجىزلىشىدۇ. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ئىسچوتىنىڭ نۆلگە چۈشۇپ قېلىشى ئىشەنچنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى
ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغان خاتالىقتۇر. ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلمىغان بالا، قانداقمۇ ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلسۇن؟

ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى، بالىغا قىلغان تەھدىتلىرىنى ئىجرا قىلماسلىقى، يالغان سۆزلىشى ۋە ساختىپەزلىك قىلىشى قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردۇر.

ئاتا-ئانا بالىسىغا تۈنۈگۈن بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بالىلار بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇمايدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاددىي ساناشنىڭ ئۆزى چوڭ خاتالىق.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىدە بالىلارنى قورقۇتۇش نىيىتى بىلەن «ئۆلتۈرىمەن»، «بوينۇڭنى ئۈزىمەن» دېگەنگە ئوخشاش تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشى بالىلارنى تېخىمۇ ئىسيانكارلىققا مايىل قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە بوينىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ. شۇڭا ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەھدىتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەلىك لازىم.

 

بۇ خاتالىقنىڭ زىيانلىرى
1. بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ قىلغان چىرايلىق نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرىدىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. نەتىجىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

2. بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇ ئىشەنچنى كوچىدىكى دوستلىرىغا، ياكى مۇئەللىمىگە، ياكى ساۋاقداشلىرىغا باغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ دوستلار، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلار ئۈلگە بولۇشقا تېگىشلىك دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بولسىغۇ مەسىلە يوق. ناۋادا ئۇلار ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز، ھەتتا ئىمانسىز كىشىلەردىن بولۇپ قالسىچۇ؟ بۇ چاغدا ئەھۋال نېمە بولماقچى؟

شەكسىزكى بۇ ئەھۋالدا، بالىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەڭلا زىيان تارتقىنى تارتقان. بۇ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش بەكمۇ قىيىن، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس.

3. ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراشنى خالىمايدىغان بالىلار باشقىلاردىنمۇ ئاغرىنىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، كىشىلەردىن قاچىدىغان بولۇپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ بارىدىغان دوستى، مۇئەللىمى ۋە ساۋاقدىشى ھەمىشە ئۇنىڭ دەردلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بولىدۇ.

 

بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسى

1. ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش لازىم، ئۇلار ئاتا-بالا ئەمەس، گويا دوستلاردەك سىرداش بولۇپ كېتىشى كېرەك.

2. بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئائىلىنىڭ بەزى ئىشلىرى ۋە پىلانلىرى توغرۇلۇق ئۇلارغا مەسلىھەت سېلىش، ھەمدە ئۇلارغا يېشىغا ۋە سەۋىيەسىگە مۇناسىپ ئائىلە مەسئۇلىيەتلىرىنى يۈكلەش.

3. ئاتا-ئانا بالىلارغا قىلغان ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىشى، ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئىشقا ۋەدە بەرمەسلىكى لازىم. مۇبادا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغاندەك بولۇپ قالسا، دەرھال بالىلارغا ئۆزرىسىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرۈشى لازىم.

 

بالىلار ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەر
بالىلارغا ئۆزىگە تايىنىپ چارە ئىزدەشنى ئۆگىتىش
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھېچكىمنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھەم قاچۇرالمايدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ باشقىلار تېرىغان ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ھەممىلا ئىشتا ياردەم قىلىۋەرمەستىن، ئاز-تولا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش ئارقىلىق تەجرىبىلىك بولۇشىغا ئۈندەش كېرەك. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە شۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك.

بالىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجايىن بولۇشىغا مەدەت بېرىش
تاللاش ھوقۇقىنى بالىلارغا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن بولۇشىغا مەدەت بېرىش لازىم. گەرچە سىز قانداق قىلىشنى بىلسىڭىزمۇ، لېكىن بالىلارغا مۇستەقىل قارار چىقىرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن توپلىغان تەجرىبىسى ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.

بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش
بالىلارغا كۆپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاز تەنقىد قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا سۆز قىلماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى پەرزەنتلەر بىلەن ياخشى پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، مەسىلەن: «ياتىقىڭ قالايمىقان ھەم مەينەت ئىكەن»نىڭ ئورنىغا: «سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئۆز ھۇجراڭنى پاكىز تۇتۇش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش سەل ياخشى بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلەر ئورۇنلىيالمىسا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن ياخشى.

بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئىشىنىش
 پەرزەنتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىشەنچنىڭ رولى تەنقىدلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق تەتقىقات ئورنىدىكى مەلۇم  بىر  داڭلىق خادىمىنىڭ ھېكايە قىلىشىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر قېتىم مەكتەپتە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان، لېكىن ئانىسى ئۇنى بىر ئېغىزمۇ تەنقىدلىمىگەن ۋە بالىسىنىڭ قورقۇنچ بىلەن قارىغان كۆزىگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ: «سەن بۇرۇن ياخشى بالا ئىدىڭ بالام، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى بالا بولىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىكەن. بۇ كىشى ھەر قېتىم شۇ ئىشنى ئەسلىگىنىدە: «بۇ ئانامنىڭ شۇ كۈنى ماڭا بەرگەن ۋە مەن مەڭگۈ ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيدىغان، ئەڭ ياخشى سوۋغات بولۇپ قالدى» دېگەن.

بالىلارنى ئارتۇقچە قائىدە - تۈزۈملەر بىلەن باغلىۋالماسلىق
ھەددىدىن زىيادە كۆپ قائىدە-تۈزۈملەر، بالىلارنىڭ پۇت-قولىنى بوغۇپ قويىدۇ. ئامال بار، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلىرىغا يول قويۇش ۋە  ئۇلارغا ئۆزىنى جارى قىلدۇرىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇلارغا يول قويۇش دېگەنلىك، قارىغۇلارچە ھەممىلا ئىشىغا يول قويۇش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق ئىش جايىدا ۋە توغرا بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، «بىرلىكتە قارار چىقىرىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلار كومپيۇتېر ئويناشقا ئامراق بولسا: «ئويناشقا رۇخسەت يوق» دېمەستىن، «نەتىجەڭ ياخشى بولسا، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولغان بولساڭ ئوينىساڭ بولىدۇ» دېسىڭىز بولىدۇ.

بالىلارنى مەغلۇپ بولغانلىقى سەۋەبلىك جازالىماسلىق
ھۇرۇنلۇق، يۆلىنىۋېلىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلار كۆرۈلگەندە مۇۋاپىق دەرىجىدە جازالاش ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە ھەرقانداق كىشىنىڭ قىلغان قىلمىشىغا بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا جازالىماسلىق كېرەك، چۈنكى مەغلۇبىيەت بىلىم ۋە تەجرىبە توپلايدىغان بىر جەريان. ئەگەر بۇ چاغدا جازالانسا، بالىلارنىڭ ئىجاد قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا بالىلارغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېزراق مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ۋە مەغلۇبىيەتتىن تەجرىبە توپلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

بالىلارغا ھەممىلا ئىشنى قىلىپ بەرمەسلىك
 بالا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىنىشى لازىم. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەممىلا ئىشنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئورنىدا قىلىپ بەرمەسلىكى، بەلكى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەرگە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرگىلى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بالىلارغا تاللاش ئەركىنلىكى بېرىش
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىلا ئىشىغا چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھەممىلا ئىشقا چات كېرىۋېلىش پەرزەنتلىرىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانغا باراۋەر. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ئۆزى بېكىتىپ بەرگەن يولنى بىردىنبىر غەلىبىگە تۇتىشىدىغان يول دەپ ئويلايدۇ ۋە پەرزەنتلىرىنى بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قىستايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ھەممىلا ئىشتا «ياق» دېمەسلىكى ۋە ئۇلارغا تاللاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى ھەددىدىن ئارتۇق زىيادە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ زەررىچىلىك ئازابقا ئۇچراپ قېلىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ، ھەم يول قويمايدۇ. شۇڭا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ «ئەتراپلىق» قوغداشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنىڭ پۇت-قولى تەبىئىيلا باغلىنىپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. تېخى بەزى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆزلۈكىدىنلا پەرزەنتلىرىگە تۇرمۇش پىلانى تۈزۈپ بېرىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەر ئاسانلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى ۋە تاللاش ئىقتىدارىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، "ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئازاب ئىكەنلىكىنى بىل" دەيدىغان سۆز بار.

پەرزەنت تەربىيەسىدە مۇھىتنىڭ تەسىرى
بىر تەربىيە مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەيدۇ: «بىر پەرزەنتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدە تۇغۇلۇشى، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا چوڭ  بولۇشى شۇ بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي دۇنياسىدا چەكسىز پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مۇھىتنىڭ شۇ بالىغا بەرگەن غىدىقلىشى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ بالىلاردا چوڭ پەرقلەر پەيدا بولىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت زىددىيەتلىك مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت دۈشمەنلىشىش مۇھىتىدا ياشىسا، ئۇ ئۇرۇشقاق بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت قورقۇنچ ئىچىدە ياشىسا، ئۇ غەمكىنلا يۈرىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت بىخەتەر مۇھىت ئىچىدە ياشىسا، ئۇ باشقىلارغىمۇ ئىشىنىدىغان بولۇپ چىقىدۇ.

ئەگەر پەرزەنت دوستلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ نە قەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان بولىدۇ.

بۇ پىسخولوگنىڭ پىكرىگە كۆرە، بالىلار كىچىكىدىنلا مەدەنىي، ئىناق، رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان، دوستانىلىق بىلەن تولغان مۇھىت ئىچىدە ياشاپ چوڭ بولسا، ئۇ چوقۇم كۆڭلى مۇھەببەت بىلەن تولغان، ئىنساپلىق، دىيانەتلىك، باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان، ئۈمىدۋار بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن. بىز ئىنسانىيەتكە مانا شۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلالامدۇق؟ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىسى ۋە قەدىردان ئۇستازى بولالامدۇق؟»

ياراملىق ئائىلە ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرىدۇ

ئالىملار ئائىلىنى «مىللەتلەرنى قۇرۇپ چىقىدىغان قېلىپ» دەپ تەرىپلەيدۇ. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى. ساغلام ئائىلىلەردىن ساغلام جەمئىيەت بەرپا بولىدۇ ۋە ياراملىق پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى پەرزەنتلىرىنى توغرا يوسۇندا تەربىيەلەشكە باغلىق. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئىلمىيسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ناھايىتى مۇھىم. ئاۋادا تەربىيەدىكى ئىلمىيسىزلىك ھەل قىلىنمىسا، پەرزەنت تەربىيەسىدە نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.

ئاتاغلىق يازغۇچى يالقۇن روزى مۇنداق دەيدۇ: «بالىلارنى توغرا تەربىيەلەشتىكى چىقىش نۇقتا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ياشاشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. خوجايىنلىق تۇيغۇسى ئاجىز، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن ئەۋلادلارنىڭ ھاياتىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. بالىلارنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولىدىغان، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى توققۇز تۈرلۈك تەربىيە ئۇسۇلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم:

1.         بالىلارغا ئۆزى ئىلگىرىلەپ ماڭىدىغان بوشلۇق بېرىش.

2.       ئىشلارنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋاقىت بېرىش.

3.       ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش.

4.       ئۆزى جاۋابىنى تاپىدىغان سوئال بېرىش.

5.       ئۆزى ھەل قىلىدىغان قىيىن مەسىلە بېرىش.

6.       ئۆزى چىڭ تۇتىدىغان پۇرسەت بېرىش.

7.        ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىدىغان ئالاقە بېرىش.

8.       تاللاش ھوقۇقى بېرىش.

9.       ئىجادكارلىق پۇرسىتى بېرىش.

مەلۇمكى، بالىلار ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىسىنىڭ قانىتى ئاستىدا يۈرمەيدۇ، ئۇلار بەرىبىر جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ، رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ، بۇ جەرياندا ھەر خىل مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مائارىپشۇناسلار مانا مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ، ئانا-ئانىسىنىڭ قوينىدىن ئايرىلالمايدىغان، مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى ئاجىز، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن، تايىنىۋېلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك بالىلارنى ‹كېنگۇرۇ بالىلىرى› دەپ ئاتاشتى. ئۇلار يەنە ‹كېنگۇرۇ بالىلىرى› قوشۇنىنىڭ كۈنسېرى زورىيىشى جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى، دەپ ئاگاھلاندۇردى»[4].

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئىككى چوڭ خاتالىق
جەمئىيەتتە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئاتا-ئانا مەۋجۇت: بىرى، پەرزەنتلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئاتا-ئانا، يەنە بىرى، مۇستەبىت ئاتا-ئانىدۇر. پەرزەنتلىرىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش شەكلىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى قوللانغان ئاتا-ئانىلار ئادەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە، يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ دىنىمىز بەلگىلىگەن ئەخلاق ئۆلچىمى دائىرىسىدە بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىغا، قىزىقىشلىرىنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكىگە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلمايدۇ.

مۇستەبىتلىك ئۇسۇلىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى قوللانغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە تاللاش ھوقۇقى، ئىختىيارىلىق ۋە ئازادىلىك بەرمەيدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى پەرزەنتلىرىگە تاڭىدۇ، ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارمانلارنى ئۇلارغا يۈكلەيدۇ. مۇستەبىتلىك تۈسىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئومۇملاشقان تۈرى قاتتىق قوللۇق بىلەن بالا تەربىيەلەشتۇر. تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارنى قورقۇتۇش بىلەن مەجبۇرلاشنى ئاساس قىلغان تەربىيە ئۇسۇلىنى ئەڭ ناچار ئۇسۇل دەپ قارايدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسى ئۆسۈملۈكلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئوخشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنى ۋاقتىدا سۇلاپ تۇرمىغاندا، ئۇ قۇرۇپ قالىدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق سۇلىغاندا بولسا، ئۆسۈملۈك ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىدە مەيلىگە قويۇپ بېرىش بىلەن مۇستەبىتلىك ئوتتۇرىسىدا مۇناسىپ يول تۇتۇش لازىم. شۇ ئېنىقكى، مەيلى بالىغا زىيادە ئامراق بولۇپ كېتىش بولسۇن ياكى زىيادە قاتتىق قول بولۇش بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئائىلا تەربىيەسىدىكى چەكتىن ئاشقان ھالەتتۇر.

پەرزەنتلەرنى سەلبىي ئۇچۇرلاردىن قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى

ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يوشۇرۇن مېڭىگە ئەۋەتىلگەن سەلبىي ئۇچۇرلار ئىنساننىڭ تەپەككۇرىغا ۋە ئېتىقادىغا، ئاندىن ئۇنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىغا ۋە ئىش-پائالىيىتىگە زور دەرىجىدە يامان تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئىنسان سەلبىي ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇنىڭ ئىلمىي قۇدرىتى، تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى تۆۋەنلەيدىكەن. مەسىلەن: «سىز غەلىبە قىلالمايسىز»، «سىز باشقىلاردىن ئارتۇق ئەمەس»، «سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئەقىللىق دەپ ئويلامسىز؟» «سىز توغرا پىكىر قىلالمايسىزكەن» دېگەنگە ئوخشاش سەلبىي ئۇچۇرلار ئادەمنى ئىجادىيەتتىن ۋە تىرىشچانلىقتىن توختىتىپ قويالايدۇ. چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بۇنداق سەلبىي ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ كېتىدۇ، مەن راستتىنلا شۇنداق ئوخشايمەن دەپ قوبۇل قىلىدۇ، بۇنداق سەلبىي ئۇچۇرلار يوشۇرۇن مېڭىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، سىز كېيىنچە قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى روياپقا چىقىرىشقا ئىنتىلگىنىڭىزدە ياكى ئىجادىيەتكە كىرىشمەكچى بولغىنىڭىزدا، يوشۇرۇن مېڭىڭىزدىكى بۇ سەلبىي ئۇچۇرلار باش كۆتۈرىدۇ ۋە يولىڭىزنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئۇستاز ئابدۇددائىم كۇھەيل مۇنداق دەيدۇ: «سىز مېڭىڭىزنى ئىنتايىن پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يۈرۈش تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر دەپ چۈشىنىشىڭىز لازىم. مېڭە ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇئەييەن پروگرامما بويىچە ئىشلەيدۇ، ئاشۇ پروگراممىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۆزىڭىز بولۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز غەلىبىنىڭ ئاچقۇچى قولىڭىزدا بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ھەقىقەتنى بىلمىسىڭىز، مېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز باشقۇرمىسىڭىز، سىزنىڭ مېڭىڭىزنى باشقىلار باشقۇرىدۇ، دوستلار، خىزمەتداشلار، جەمئىيەت ۋە سىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھەممىلا ئادەم باشقۇرىدۇ. سىز ئۇ چاغدا ھېسسىياتقا بېرىلىپ شوئارلا توۋلايدىغان، ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلالمايدىغان، ئەقلىڭىزنى ياكى ھېسسىياتىڭىزنى باشقۇرۇشقا كۈچىڭىز يەتمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالىسىز».

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆزىتىشىچە، تەلىم - تەربىيەسى مۇكەممەل بولمىغان مۇھىتلاردا، خۇسۇسەن ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولمىغان جەمئىيەتلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر بالا قۇرامىغا يەتكەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا 18 مىڭدىن كۆپرەك سەلبىي ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن مېڭىسىگە قاچىلايدىكەن، ئاندىن بۇ سەلبىي ئۇچۇرلار ئۇنىڭ بارلىق تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن: كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى ياكى ئانىسى تەرىپىدىن «ھەي ئەقىلسىز!» «سەن ئادەم بولمايسەن»، «سېنىڭ بولغىنىڭ شۇ»، «سەندەك بالىنىمۇ بالا دەمدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سەلبىي ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان قانچىلىغان بالىلارنىڭ كېلەچىكىنىڭ نابۇت بولغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.

ناچار تەربىيەسى، قاتتىق قول مۇئامىلىسى ۋە يامان سۆزلىرى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى قارايتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بوغۇپ تاشلايدىغان ئاڭسىز ئاتا-ئانىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ۋە كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلماي قالمايدۇ. شۇنىڭدەك، سەلبىي ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش بىلەن باشقىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە، يېڭىلىق يارىتىشىغا ۋە ياخشى ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئادىمىي شەيتانلارمۇ قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلماي قالمايدۇ.

بالىلارغا كىچىكىدە بېرەلمىگەن مېھىرنى چوڭ بولغاندا بەرگىلى بولمايدۇ

سىز پەرزەنتلىرىڭىزگە ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا مېھرىڭىزنى بېرەلمىگەن بولسىڭىز بۇ مېھىرنى ئۇلار چوڭ بولغاندا بېرەلمەيسىز. چۈنكى ئۇلار ئۇ چاغدا سىزدىن ئالالمىغان مېھىر بوشلۇقىنى ئاللىقاچان باشقىلاردىن ئېلىپ تولدۇرۇپ بولغان بولىدۇ. ئاددىيسى، سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى كىچىكىدىن باغرىڭىزغا بېسىشنى ۋە پىشانىسىگە سۈيۈشنى ئادەت قىلمىغان بولسىڭىز، ئۇلار چوڭ بولغاندا سىز شۇنى قىلاي دېسىڭىز ئۇلار ئۈچۈن غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بالىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياجى تەبىئىي ئېھتىياجلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئۇنى چوقۇم تولدۇرىدۇ، سىز بەرمىسىڭىز باشقىلاردىن، ھەتتا كوچىدىكىلەردىن تولدۇرىدۇ. شۇڭا سىز پەرزەنتلىڭىزنىڭ بۇ تۈرلۈك تەبىئىي ئېھتىياجلىرىنى ئۆزىڭىز تولدۇرۇڭ، باشقىلار تولدۇرمىسۇن. چۈنكى باشقىلار تولدۇرۇۋالسا سىزگە بوشلۇق قالمايدۇ. بۇ سىز ئۈچۈن چوڭ قولدىن بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

 

دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش
كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان دىن ۋە مىللىتى بىلەن ئىپتىخارلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىشىنى تەربىيەگە ھاجەت بولماستىن، ئۆزلۈكىدىن قولغا كېلىدىغان قىممەت قاراش دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

ئەمما ھەقىقەت شۇكى، ئىش ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭاي ئەمەس. بالىلار پەقەت ئىسلامىي ئەخلاق بويىچە ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل يېتىشتۈرۈلگەندىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلالايدىغان ۋە بۇ ئىككىسىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ.

رېئاللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولمىغان، ئىسلامىي ئەخلاقتىن نېسىۋە ئالالمىغان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان قىممەتلەرنى بىلمەستىن ياكى ئاددىي سانىغانلىقتىن، باشقا دىندىكىلەرنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ھېس قىلىش ۋە قوغداش دەيدىغان چۈشەنچە ئەسلا تېپىلمايدۇ.

پاساتچىلىق ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئومۇملاشقان، دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ھەممىلا يەردە توختىماي داۋام قىلىۋاتقان، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، ياشلاردا ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئىمانسىزلىق باش كۆتۈرگەن مۇشۇ دەۋردە، بالىلىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز؟

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەلۋەتتە دىنىمىزغا قايتىشىمىز، چارىنى دىنىمىزدىن ئىزدىشىمىز، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تولۇق قوراللىنىشىمىز شەرت. بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى زامانلاردا ئەخلاقىي، ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن بۇزۇلۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان، ھەتتا مىللەت قاتارىدىن سانالماسلىق دەرىجىسىگە يېتىپ قالغان ئەرەب مىللىتىنى چارەك ئەسىرگە يەتمەيدىغان ئازغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە، ئەخلاق-پەزىلەتتە، دىن-دىيانەتتە، ئىنساب-ئادالەتتە دۇنيا خەلقىگە ئۈلگە بولالايدىغان بىر مىللەتكە ئۆزگەرتكەن ئىسلام بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغان، بۇ ئىككىسىنى جان تىكىپ قوغداشنى ۋە بۇ يولدا بەدەل تۆلەشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرەپ بىلىدىغان، دىيانەتلىك ۋە ئىرادىلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ، يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئەلۋەتتە قادىر.

مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
بىز مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى، ئىلىم-مەرىپىتىنى، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، سۆزىدە تۇرۇش، مۇئامىلىدە سەمىمىي بولۇشقا ئوخشىغان ئىنسانىي ئەخلاقىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر، ئۇنى نەدىن تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر»([5]) دېگەن.

ئەرەب تىلىدىكى «ھېكمەت» سۆزى «توغرا ئىش، توغرا سۆز ۋە پايدىلىق ئىلىم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۈنەر-كەسىپنى ۋە توغرا ئىشلارنى نەدە بولسا تېپىپ ئۆگىنىشكە ۋە قىلىشقا بۇيرۇلغان.

بالىلار ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئوڭايلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا كومپيۇتېر ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش، ھەر خىل مەلۇماتقا ئىگە قىلىش، ئىزدىنىش روھىنى ئويغىتىش جەھەتلەردىن تېخنىكىلىق بىر مۆجىزە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بېرىلىپ كېتىشى، ئۇنى ئاتا-ئانىنىڭ نازارىتىسىز قوللىنىشى ۋە كېرەكسىز ئىشلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىشى نەتىجىسىدە، پىسخىكىي ۋە ئىجتىمائىي مۈشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بولۇپمۇ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تور بەتلىرىگە كىرىشى، قورقۇنچلۇق ۋە ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆرۈشى، كۈن بۇيى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىشى نۇرغۇنلىغان بولۇمسىزلىقلارغا يول ئاچماقتا.

ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن مۇتلەق توسۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، بەلكى بۇنداق قىلغاندا باشقا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىلارنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن مۇتلەق توسماي ۋە كونترولسىزمۇ قويۇپ بەرمەي، نازارەت قىلىش ۋە چەك قويۇش كېرەك. بۇ ماۋزۇدا تۆۋەندىكىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1. ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئىشىغا چەك قويۇشى، بۇ جەھەتتە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى لازىم. چۈنكى ئۆزى رىئايە قىلمىغان ئىشقا بالىلارنىڭ رىئايە قىلىشى تەس.

2. بالىلارغا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ پايدا- زىيانلىرى توغرۇلۇق يېتەرلىك مەلۇماتلارنى بېرىش، بۇ ئىككىسىنى ھەددىدىن ئارتۇق  كۆپ ئىشلىتىشنىڭ خەتىرىدىن ئۇلارنى  ئاگاھلاندۇرۇش، ئەدەپ-ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تورلارغا كىرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش.

3. بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت بەلگىلەش.


([1])    بۇخارى رىۋايىتى.
([2])    مۇسلىم رىۋايىتى.
([3]) بۇخارى رىۋايىتى
[4] يالقۇن روزىنىڭ «تەنقىدنىڭ كۆزىدە» ناملىق ئەسىرى، 12-13- بەتلەر.
([5]) ئىمام ئىبنى ماجەنىڭ «سنن ابن ماجه» ناملىق ھەدىس توپلىمى«كِتَابُ الزُّهْدِ» 2-توم، 1395-بەت، 4169-ھەدىس. ئىمام تىرمىيزىنىڭ « سنن الترمذي » ناملىق ھەدىس توپلىمى «أَبْوَابُ الْعِلْمِ عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ», 4-توم، 348-بەت، 2687-ھەدىس.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار